adwokatsubi يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 04:24 PM
«سەئىدخان» رومانىنىڭ ھەقىقى ئاپتورى يەركەنلىك يازغۇ ...
سىز بەزى كىشىلەر ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپلەرگە ئاساسەن توردا بۇنداق قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىز بىر ئادۇۋكات،نەشرىيات تەرىپىدىن چىققان ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى مەندىن كۆپ بىلىسىز،مەن ھازىر بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېگۈم يوق،سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن قەشقەردە تۇرغان چېغىمدا بىر ئىشنى چالا قىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم.
ئاللاھ خالىسا،جېنىم تېنىمدىلا بولدىكەن،ئەزىزانە قەشقەرگە بارسام‹‹سەئىدىخان››رومانىنى كىم يازغانلىقىنى،ساۋۇت داۋۇت يازدىمۇ ياكى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يازدىمۇ؟بۇ ئىشنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ سۈرۈشتۈرۈش كېرەكتەك قىلىدۇ....
مەن بۇ ھەقتە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىپ يەتتىم،پات يېقىندا،سىز دېۋاتقان مەزكۇر كىتابنىڭ ھەقىقىي ئاپتۇرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەن تور دۇنياسىغا ئىسپات،دەلىللەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ تۇرۇپ،ئايرىم بىر تېما قىپ يوللايمەن.ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ يېزىپ چىققان رومانىنى بۇنداق دەپ يۈرسىڭىز قاملاشمايدۇ.مەن پاكىتنى پات يېقىندا ئوتتۇرغا قويىمەن.
يەكەنگە بارساممۇ مۇشۇ گەپ،لېكىن،پاكىت بولغان يەردە ھامان ھۆكۈم بولىدۇ،دەلىل-ئىسپاتسىز ئوتتۇرغا تاشلانغان گەپلەرگە ۋاقتى كەلگەندە،ئىگە بولالىسڭىز بولىدۇ.مەن بۇ ھەقتە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن پاراڭلاشتىم،ئاللاھ خالىسا،مەزكۇر رومان توغۇرلۇق ۋە قەشقەر تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم توغۇرلۇق مەخسۇس تېمىدىن بىرنى چىقىرىپ،تۈگۈن ھېسابلىنىۋاتقان،باشقىلارنىڭ نەزىرىدە زىدىيەت تۇيغۇسى شەكىللەنگەن بەزى مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويدىغان ۋاقىت كەلگەندەك تۇرىدۇ...
ھەممە نەرسىنىڭ ۋاقتى سائىتى بولىدۇ،شۇڭا،سىز بىلەن بۇ ھەقتە ھازىرچە مۇشۇنچىلىك پاراڭلىشىپ تۇرساق،سىزمۇ شۇ روماننىڭ ئەسەر ھوقۇقى ساۋۇت داۋۇد ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتىرياللارنى توپلاڭ،مەنمۇ كىم يازغانلىق توغۇرلۇق ھەقىقىي ئىسپاتلارنى يىغىپ توپلاي،مەن تېمىنى روياپقا چىقارغاندا،شۇ توغۇرلۇق سىز بىلەن بىر مۇنازىرلىشىپ باقاي....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-23 12:57 AM