tumurkala يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 10:20 AM
ئەمسە قانداق تىمىلارنى يوللاش كىرەك؟شۇ چەتنىڭ،ئى بىر ...
قانداق تېمىلارنى بولماقچى بۇرادەر... مەن سىزنى ناخشا يوللاڭ دىمىدىم....
دىيارىمىزدا پەقەت مۇسۇلمان ئاشخانىسىنى ئىزدەپ تېپىپ تاماق يىگىنىنى
ۋە يىلدا بىر قېتىمدىن ئىككى ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ قويغىنىنى مۇسۇلماندارچىلىق
چاغلاپ يۈرگەن ئۇيغۇرلىرىمىز نەچچە پىرسەنتنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى مەن دىمىسەممۇ
ئۆزىڭىزگە ئايانغۇ... ھازىر مۇنبەرلەردە كەم بۇلىۋاتقىنى بۇنداق چوڭ تېمىلار ئەمەس.
بەلكى تاھارەتنى قانداق ئۇسۇلدا ئېلىش، نامازدا نىمىلەرنى ئوقۇش، قانداققىلغاندا
ھەقىقى مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇش دىگەندەك مەسىللەر...
بۇ مەھدى توغرىسىدىكى مەسىلە شىئەلەرنىڭ قارىشىدىكى بىر ئىش...
سۈننى ئالىملار ئىچىدىكى ئىختىلاپى مەسىلە...
ئىسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى مەسىلە بولسا بۇرۇن بۇنبەرلەردە تۇلامۇنازىرە قىلىنىپ
جىق جودالارغا سەۋەپ بۇلۇپ ھىچكىم ئاخىرىنى چىقىرالمىغان.ھەم مەڭگۈ ئاخىرىنى
چىقىرالماسلىقىمىز مۇمكىن..تۈۋەندىكى ئايەتنى تەھلىل قىپ باقساقلا بۇمەسىلىدە تۇلا
كۈچەپ كىتىشىمىزنىڭ ئەھمىيەتسىز بىرئىش ئىكەنلىگىنى ھىس قىلالايمىز...
......................................................................................................
ئۆز ۋاقتىدا اﷲ ئېيتتى: «ئى ئىسا! مەن سېنى (ئەجىلىڭ يەتكەندە) قەبزى روھ قىلىمەن، سېنى دەرگاھىمغا كۆتۈرىمەن (يەنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىمەن). سېنى كاپىرلاردىن پاك قىلىمەن (يەنى سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان يامانلارنىڭ شەررىدىن ساقلايمەن)، ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قىيامەتكىچە كاپىرلاردىن ئۈستۈن قىلىمەن. ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن [55]. [سۈرە ئال ئىمران]
.............................................................................................
سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان ئىش (يەنى ئىسانىڭ ئىشى) ئۈستىدە ئاراڭلاردا مەن ھۆكۈم چىقىرىمەن [55]. [سۈرە ئال ئىمران]
.....................................................................
ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەك، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇش ھەرگىزمۇ ئۇلارغا مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ) [34]. ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز)[ سۈرەئەنبىيا]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aktax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-17 01:53 PM