1elkelem يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 11:45 PM
ھەزرىتى مەسىھ مەريەم ئوغلى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىي ...
قۇرئاندا پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ھەدىستىمۇ شۇ. ئەيسا ئەلەيھىسسالامنڭ قايتا كېلىشىنى كۈتۈش بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ خىرىستىيانلار ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ قايتا كېلىشىگە ئىشەنگەچكە مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئىشەنمەيدۇ! ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممىتى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلسە، ئۇ زادى پەيغەمبەرمۇ ياكى كىيىن دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىپ كېتەمدۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىسلەردە ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ قايتا چۈشىشىگە سەۋەب بولغان بىردىن بىر ھادىسە دەججەلنىڭ چىقىشى. لېكىن دەججال ھەدىسلەردىن بىلىشىمىزچە ئىنسان يارىتىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ پىتنە، ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ سىناق. لېكىن نېمىشقا ھەممىنى ئىنچىكە بايان قىلىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇردىغان قۇرئانىمىزدا دەججال توغۇرلۇق ھېچنىمە يوق!؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىشەنچىلىك ھەدىسلىرىنىڭ ھەممىسىنى قۇرئاندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن نىمىشقا مۇشۇنىڭغا ئايىت ھەدىسلەر قۇرئانغا بېقىنمايدۇ؟
بەزىلەر مېنى پىتنە پاساتچى دەپتۇ، ھەتتا دىن دۈشمىنى دەپتۇ، مەن ئەشۇ بىرتال ھەدىسكە ئۆز نەپسى خايىشىم بويىچە ئەمەس، پىكىر بايان قىلىش ئارقىلىق قارشى چىقتىم. قارشى چىقمىغانلارنى دىن دۈشمىنى دېمىدىم، ئۆچمەنلىكمۇ ساقلىمىدىم. ئۇزاقتىن بۇيان ئىچىمدە پىنھان تۇتۇپ كەلگەننى سىلەرنىڭ كاللاڭلاردا سوئال پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويدۇم خالاس!
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ كېلىش كەلمەسلىكىگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىك ئىمانغا دەخلى يەتكۈزمەيدۇ. بۇ دېگەن ئىختىلاپلىق مەسىلە، ھەركىمنىڭ دەلىلى بار. نەپسى خاھشقا ئەگىشىپ ھۆكۈم چىقىارغىنىمىز يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغلاردا يالغان ھەدىسلەر سەھىھ دەپ قارلىپ، كېيىن يالغانلىقى ئىسپاتلانغان. ھازىرمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەدىس قۇرئاندەك ئۆز ۋاقتىدا خاتىرلەنمىگەن. شۇڭا مەسىلە ئۆز پېتى قاپ قالسا ياكى ئىلمىي مۇنازىرلەشسەك بولىدۇ. چۈشەمدۇ چۈشمەمدۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس مۇھىمى بىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىز. توخا تۈكى ئىشلاردا جېدەللىشىشنىڭ ئورنى يوق!