مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: eerpan

توزاق ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 10:05:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى چىقماي قالمىسىلا بولاتتىغۇ .... ئاخىرىنى ساقلايمەن .

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:53:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇغان ئىدىم،داۋامىنى كۈتىمەن...
تەرجىمە قابىپىيىتىڭىزگە قايىلمەن...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 09:33:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-گەپ مۇنداق – دېدى تارلان سىنچى كۆزىدە تاشقا قاراپ – سەن ئەمدى كىچىك بالا ئەمەسسەن ،ئوغۇرلىق قىلىشتەك ئۇششاق – تۇششەك ئىشلىرىڭنى يىغىشتۇر . چوڭ ئىشلارغا قول سالغىن ئەمدى .
- مەسىلەن ؟ - دېدى تاش تارلاندىن كۆزىنى ئالماي .
- بىزگە بىر كىشىدىن شىكايەت كەلدى – دېدى تارلان يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىپ – ئۆزى ياخشى ئادەم  .ڧەمىلىسى سابىتوۋ . تومۇريولدا ئىشلەيدۇ ، بىزنىڭ باشقا شەھەرلەرگە بېرىشىمىزغا پايدىسى تېگىدۇ .شۇ ئاكىمىزغا ياردەم كېرەك ئىكەن .
تاش گەپنىڭ ئايىغىنى كۈتۈپ گەپ قىلماي جىم ئولتۇردى . تارلان بۇنى چۇشۇنۇپ ئىزاھلاشقا باشلىدى.
-        بۇ ئىشنى ئۆزەم قىلسام بولاتتى ، ئەمما خەۋىرىڭ بار ھەر بىر ھەركىتىمنى ھازىر كۇزۇتۇپ يۇرۇشىدۇ . شۇڭلاشقا سېنى تاللىدىم .گەپنىڭ قىسقىسى ، شۇ ئاكىمىزنىڭ ئۈچ ئوغلى بار. چوڭ ئوغلىنى  توي قىلىپ ئايرىم ئۆي ئېلىپ بېرىپتۇ .ئۇ ئايالى ، بالىلىرى بىلەن شۇ ئۆيدە ياشاۋېتىپتۇ . ئەمدى ئىككىجى ئوغلىنى ئۆيلەندۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ھۆيلا – ئارام قىلىپ بەرمەكچى ئىكەن .ئورنى ياخشى ، ئەرزان جاي ئىزلىگەن ،كېيىن < راھەت كۆل > تەرەپتىن تېخى پۇتمىگەن بىر ئۆي چىقىپتۇ . بۇ ئەزىمخان دېگەن كىشىنىڭ ئىكەن ،سودا پۇتۇپتۇ ،سابىتوۋ بۇنىڭدىن خۇش بولۇپ ئاغزى قۇلىقىغا يېتىپ ، دېيىشكەن 50 مىڭ دوللارنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ . لېكىن قارا بېسپ چاتاق چىققان .. .
تاش < نېمە ئىش بوپتۇ > دېگەندەك تارلانغا يالت قىلىپ قارىدى .
-        كېيىن مەلۇم بولىشىچە ، بۇ ئۆينىڭ ھۆججەتلىرىدە چاتاق بار ئىكەن ،شەھەر قۇرۇلىشى ئورنىغا تىزىملاتماي ئۆي قانۇنسىز سېلىنغان ئىكەن .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەزىمخاننىڭ ئۇكىسى بىلەن بۇ يەر ھەققىدە تالاش – تارتىش بار يەر ئىكەن  -دېدى تارلان كۈلۈپ – ئەمما سابىتوۋ بۇ يەرگە كۆز قىزارتىپ ، ئىشنى باشتىن پۇختا قىلمىغان .ئەمدى بولسا پۇلىنى قايتۇرۋالالماي يىغلاپ يۇرۇپتۇ .
-        شۇ پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئىشمىكەن ؟ - دېدى تاش بۇ ئوغرى بېشىنىڭ سۆزىنى چۇشۇنۇپ .
-        شۇنداق – دېدى تارلان باش لىڭشىتىپ – سابىتوۋ بۇنىڭ ئۈچۈن 10 مىڭ دوللاردىن كەچمەكچى .يەنە كېلىپ بىزگە پايدىسى تېگىدىغان ئادەم بۇ .قوشنا دۆلەتنىڭ بىرەرىگە چىقىپ كەتمەكچى بولساق بىزگە ياردەم قىلالايدۇ .
<<  مېنىڭ مۇددىئايىممۇ مۇشۇ >> تاش ئۆزىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان سىرتقى چىقىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ تارلانغا قارىدى :
-        قاچانغىچە بولسا بولىدۇ ؟
-        ئىلاجى بار تېز بولسۇن – دېدى تارلان – مەن سابىتوۋقا داۋراڭ سالماسلىقنى ، ساقچىغىمۇ ئەرز قىلماي تۇرۇشنى جىكىلەپ قويدۇم .ئەزىمخان ھازىر قىبرايدىكى داچىسىدا دەم ئېلىپ يۇرۇۋېتىپتۇ . مانا بۇ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ خەرىتىسى – تارلان يانچۇقىدىن بىر پۇكلەنگەن قەغەزنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى – بارغاندا كىمنى ئېلىپ بارىسەن ئۇنى ئۆزەڭ بىل .ئاق پىشماقنىمۇ ، قۇچقاچنىمۇ ..
-        ياق، ھەسەن – ھۈسەننى ئېلىۋالىمەن – دېدى تاش ئورنىدىن تۇرۇپ – ئەتە ئەتتىگەندە يولغا چىقىمىز .
-        ئامال بار ئېھتىيات قىلىڭلار  - دېدى تارلانمۇ ئورنىدىن قوزغۇلۇپ – ئېسىڭدە بولسۇن ساڭا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ، نىقاپ كىيىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .
-        بۇنى بىلىمەن، خاتىرجەم بول . تاڭ ئېتىشتىن بالدۇر يولغا چىقىپ بولىمىز – دېدى تاش .
-        ئاق يول بولسۇن ئەمىسە – تارلان شۇنداق دېگەچ رومكىلارغا ھاراق قۇيۇشقا باشلىدى .
-        ياق ، بولدى رەھمەت . ئەمدى ئىچمەيمەن .
-        ئالە ئىچ . بۇنداق خەيرلىك ئىش ئۈچۈن ئىچىش ئەرزىيدۇ – تارلان رومكىنى تاشقا ئۇزاتتى – ئون مىڭ دوللار دېگەن ئاز پۇل ئەمەس .قېنى ئىچتۇق ئەمىسە .
رومكىلار چېقىلغاندا چىققان نازۈك ئاۋاز بىلەن بۇرجەكتىكى ئۇن قويغۇدىن چىقىۋاتقان مۇڭلۇق  كۇي ئاۋازى قوشۇلۇپ ،قانداقتۇر سىرلىق بىر كۈيگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى ...


زۇمرەت تاڭ سەھەر بىلەن ئۆيىگە كەلگەن لېيتنات شاپىروۋنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ ھۆيلىغا قايتىپ كىرگەندە ، ئايۋان دەرىزىدىن بۇ ياققا قاراپ تۇرغىنى بىلەن نىېمە بولغانلىقىنى بىلەلەمەي قالغانلىقى چىراي ئىپادىسىدىن بىلىنىپ تۇرغان ئانىسىنى كۆرۈپ غەلىتە بولۇپ قالدى.
-        نېمە ئىش بوپتۇ ،زۇمرەت – چاچلىرى بىۋاقىت ئاقىرىپ كەتكەن ، يۈزلىرىگە بالدۇرلا قورۇق چۈشۈپ كەتكەن ئانىسى كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىككىنىچە ھەيران بولۇپ سورىدى – ساقچىمىكەن ؟
-        ياق – دەپ باش چايقىدى قىز – ئوغلىڭىزنىڭ ئىشخانىسىدىدىكى خىزمەتدىشىكەن .تاشپولات ئاكامنىڭ دوستىكەن ... – ئۇ شۇنداق دەپ گەپ باشلىدى-يۇ ، ئاخىرىنى قانداق چۈشۈرۈشنى بىلمەي قالدى – ئاخشام كارتۇشكا – پىياز ، ئۇن ئەكەپ بەرگەن ئىدىغۇ ،شۇلارنىڭ بىرى ئىكەن .بۇ تەرەپكە بىر ئىش بىلەن ئۆتۈپتىكەن .بىر كۆرۈپ چىقاي دەپ كىرىپتۇ .
-        بەرىكەت تاپسۇن ، ئىلاھىم – دېدى ئانا قېتىپ قالغان كۆزلىرىدىكى كىرپىكلىرىمۇ قاقماي – تاشپولات ئاكاڭ ياخشى تۇرۇپتىمۇ ئىشقىلىپ ؟
-        ياخشىكەن . غەم قىلماڭلار دەيدۇ – زۇمرەت تەمتىرەپ قالدى – ھازىر يىراق بىر جايدىكەن ، ئۇزۇن قالماي كېلىمەن دەپتۇ – دېدى زۇمرەت كۆزلىرىگە تولىۋاتقان ياشلىرىنى تەسلىكتە تۇتۇپ ۋە ئانىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى – كىرىپ يېتىڭ ئاپا ،بەك بالدۇرلا تۇرۇۋاپسىزغۇ .
-        زۇمرەت كۆزلىرى ئاجىز ئانىسىنى قولتۇقىدىن يولەپ ياتقان يېرىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى .ئانا قىزىنىڭ يۈز – كۆزلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ تىترەك ئاۋازدا :
-        كۆڭلۇم غەش بالام ،ئاكاڭدىن غەم قىلىۋاتىمەن ... – دېدى .
-        غەم قىلماڭ ئاپا – دېدى زۇمرەت زورىغا كۈلۈپ – ئاپا ، ئاكام ئاخشاملا جىق نەرسىلەر ئەۋەتىپتىغۇ ،پۇلمۇ ئەۋەتىپتۇ . مىڭ دوللار ئەۋەتىپتۇ . ئاز پۇل ئەمەسقۇ .
-        بەرىكەتلىك بولسۇن – ئانا زەئىپ ئاۋازدا پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئالقان كۆتۇردى – تاشپولات بالامنىڭ بېشى تاش بولسۇن... ئىككىڭلارنىڭ تويلىرىڭلارنى كۆرۈشكە نېسىپپ قىلسۇن قىزىم .
زۇمرەت ئانىسى ئورنىغا ياتقۇزۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن – بىر ئاۋۇنچىقى بولغان رادىئونى ياستۇقى يېنىغا قويۇپ قويدى ، ئاندىن ھۆيلىغا چىقىتى .زۇمرەت ھۆيلىغا چىقتى-دە ، ئاشخانىغا يۇگرەپ كىردى، يۈزلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئۇن چىقارماي يىغلاشقا باشلىدى .
<< بۇ قانداق كۆرگۈلۈك ئەمدى ؟ پىشانىمىز نىمانداق شورلۇق بىزنىڭ ؟قايسى گۈناھىمىز ئۈچۈن بۇ كۈنلەرنى بىزگە راۋا كۆردىڭ خۇدايىم ؟>>
زۇمرەت ياخشى بىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ناھايتى ئىناق – ئىجىل ئۆتەتتى ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ھەممىسى ھەۋەس قىلاتتى .دادىسى تاكشى ھەيدەيتتى ، ئانىسى قايسىدۇر بىر نەشرياتتا خەت تىزغۇچى بولۇپ ئىشلەيتتى .
كەچ كۈز ئىدى . بىر كۈنى بىرنەچچە ئادەم بىر ئادەمنى كۆتۇرۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىشتى .كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدى .دادىسى ماشىنىدىن يەرگە يىقىلىپ چۇشۇپ بىرنەچچە قوۋۇرغۇسى سۇنۇپ ، بېشى قاتتىق يارلانغان ئىدى . ئۆيدە داد – پەريات باشلاندى . قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ كەلدى .ئاق خالاتلىق كىشىلەر ئاتاسىنى بېرزىنت زەمبىلگە سېلىپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا ، ئاتىسى ئانىسىنى ئىشارە قىلىپ يېنىغا چاقىردى ۋە ئانىسىغا نىمىدۇر بىرنەرسىلەر دەپ پىچىرلىدى. كېيىن دادىسىنىڭ نېمە دېگەنلىكى بىلدى ،دادىسى ئۆلۈم ئالدىدىمۇ <<خاسىيەت ،ئۆزۈڭنى ، بالىلارنى كۆپ ئاسرىغىن >> دېگەن ئىكەن. دادىسى شۇ كۈنى ئوپىراتسىيىدىن چىقالماي كېسەلخانىدا تۇگەپ كەتتى ...
ھەممە ئىشلار شۇنىڭدىن باشلاندى . ئانىسى خەت بېسىش ماشىنىسى ئالدىدىن تۇرماي خەت باسىدىغان بولىۋالدى.كېيىن نەچچە كىشىلىك ئىشنى قىلىدىغان بولدى . ئىشتىن چۇشكەندىن كېيىن قېلىپ ، نەشرىيات بىناسىنى تازلايدىغان بولدى .ئۇ ھەم تازلىقچى بولدى .
شۇ چاغدا زۇمرەت باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلار ئىدى .مەكتەپ پۇتتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئاكىسى تاشپولات ئۆيدىكى قىينچىلىق ۋە پاراكەندىچىلىكنى كۆرۇپ ئوقۇشنى تاشلىۋەتتى .كېيىن كۆكتات بازىرىدا يەشىك كۆتۇرۇپ ئىشلىدى ،ئۇزۇن بولماي ئىككى يەشىك پەمىدۇرنى ئوغۇرلىدىڭ دەپ تۆھمەت قىلىشىپ ئىشتىن قوغلىۋەتتى .
ئاكىسى كېيىن كوچىدىن بېرى كەلمەيدىغان بولىۋالدى ،كېيىن قاياقلاردىندۇر پۇل تېپىپ كېلىدىغان بولدى .زۇمرەت ئاكىسىنىڭ كوچىدىكى يانچۇقچى بالىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدى.بۇ ئىشنى تۇرمۇش جاپاسىدا ئېزىلىپ كەتكەن ،كېچە –كۈندۇز ماشىنكا چېكىلدىتىپ ،كۆزلىرى بارغانسېرى خىرەلىشىپ كېتىپ بارغان ئانىسىغا بىلدۇرمىدى .
يازمۇ كەلدى . ئاكىسى نەدىندۇر بىر ئەسكى ۋەلسىپىتنى تېپىپ كېلىپ پوچتىكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. كېيىن ئۇقتىكى ، ئاكىسى پوچتىكەچلىك قىلىپ يۇرۇپ ئوغرىلارغا ئۆيلەرنىڭ جايلىشىشىنى. قايسى چاغدا ئادەم يوق شۇلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىكەن .
بىر كۈنى ئاكىسىنى ساقچىلار كوچىدا تۇتۇۋېلىپ ئېلىپ كېتىشتى.ئانا بىلەن قىزى داد – پەريات قىلىشىپ قېلىشتى. ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆزگۇرۇپ قايتىپ چىقتى .ئاكىسى تونۇغىلى بولمايدىغان ئۆزگۇرۇپ كەتكەن ئىدى.قاراشلىرىمۇ غەلىتە، بىر خىل ئەسەبى بولۇپ كەتكەن ئىدى .
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي .ئاتىسى ئەينى چاغدا تاكسى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ئۆزىنىڭ < ۋولگا > ماشىنىسىنى تاكسىنىڭ كەينىدىن ئۇرۇپ ئاتىسىنى يەرگە يىقىتىۋەتكەن ، كېيىن قانداقتۇر  يوللارنى مېڭىپ جازادىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادەمنىڭ ماشىسىنىڭ كۆيدۇرۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالدى .
بۇ ئىشنى ئاكىسىدىن كۆرۈشتى ، ئاكىسى يەنە قامىلىپ كەتتى. قايغۇ – ئەلەمدىن ئېزىلىپ كەتكەن ئاكىسى تېخىمۇ ئەسەبىلىشىپ كەتكەن ئىدى. خەتكە تولا قاراپ ئولتۇرغان ئانىسىنڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالاي دېگەن ئىدى .بۇ چاغدا تىببىي ئۇنۋېرستىتتا ئوقۇۋاتقان زۇمرەت كۆپ ئاماللارنى قىلدى ، لېكىن پايدىسى بولمىدى .يېرىم يىلدىن كېيىن ئانىسىنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالدى.
ئاكىسى تاشپولات قاماقتىن چىققاندىن كېيىن ھېچبىر يەرگە ئىشقا كىرمىدى.يەنە بۇرۇنقى ھەمراھلىرىنى تېپىۋالدى .
ئاكىسىنىڭ غەلىتە بىر ئادىتى بار ئىدى ،يېنىدا ئۆزىگە بىر تىيىن قالمىسىمۇ ،پىيادە يۇرسە يۇرۇدىكى ،ئۆيدە گۆش ،كۆكتات ، ئۇن - گۇرۇچنى ئۆكسۇتمەيتتى .ئۇ تولىمۇ كەم سۆز ، ئاقكۆڭۇل ئوغرى ئىدى .
بىر كۈنى ئاكا – سىڭىل پاراڭلىشىڭ ئولتۇرۇپ ئاكىسى ئۆزىنىڭ بازاردى مەلۇم بىر قوبۇل ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .ئەمما ئۇ يەر قانداق يەر ، نەدە ، ئۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ ، بۇ ھەقتە لام – جىم دېمىدى ...
ئىككى ئاي بۇرۇن ... زۇمرەت ئاشۇ كۈننى ئەسلىسە ھازىرمۇ پۇتۇن بەدىنىگە تىترەك ئۆلۇشاتتى .   
شۇ كۈنى كەچقۇرۇن سەنئەت مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان ، ياش ناخشىچى دەپ  نام چىقىرىشقا باشلىغان يېققىن دوستى بەرنا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى . ئاكىسسى تاشپولاتقا ڧەرىد رەخىموۋ دېگەن بىر رېجىسسورنىڭ ئۆزىنى بۆزەك قىلىۋاتقاىنلىقىنى ئېيتىپ يىغلىدى .<< ناۋادا مېنىڭمۇ سىزدەك ئاكام بولغان بولسا ، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرماس ئىدىم. مەنمۇ زۇمرەتكە ئوخشاش سىڭىلىڭىز ،ماڭا ياردەم قىلىڭ >> دەپ يالۋۇردى .ئاخىردا < بولمىسا ئۆزەمنى ئۆلتۇرۋالىمەن >> دەپ قوشۇپ قويدى .
تاشپولات بۇ قىزنى ياخشى بىلەتتى ھەم بۇ قىزنى ياخشى كۆرەتتى .ئاخىرى ئىككى شېرىكىنى باشلاپ بېرىپ بۇ نومۇسسىز رېجىسسورنى باغلاپ ئۇستىگە بىر چىلەك بېنزىننى چاچقان .
بۇ رېجىسسور بەرنانىڭ كەينىگە كىرىۋالمايدىغان بولغان،لېكىن ئۇلارغا  پاراكەندىچىلىك شۇنىڭدىن باشلغان ئىدى.ئۇ ئاكىسى ئۇستىدىن كەينى – كەينىدىن ئەرز قىلىۋەرگەچكە ساقچىلار ئۇنىڭ كەينىگە چۈشكەن ئىدى.زۇمرەت شۇ ۋاقىتلاردا رەخموۋنى كۆرگەن ئىدى .ئۇنىڭ بېشى بىر ياققا قىيسىنىپ ، بېشى تىنماي مىدىرايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقاچقا بۇنىڭ نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئۇ ياخشى بىلەتتى ...
ئاكىسى تاشپولات ئۆيدىن چىقىپ كەتتى ، ئون بەش كۈنلەر بولغاندا ئۆيگە تېلڧون قىلدى  << مەن سەپەرگە چىقىدىغان بولۇپ قالدىم ،مەندىن غەم قىلماڭلار ، ئانامغا ياخشى قارىغىن >>  دەپ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇن – تىنسىز غايىپ بولۇپ كەتتى . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۇپ كەتتى ،ساقچىلارمۇ شۇنچە ئىزدەپ ئۇنىڭ ھېچ دېرىكىنى ئالالمىدى .
لېكىن .. ئىككى ئۈچ كۈن ئالدىدا زۇمرەت ئانىسىغا دارا ئېلىپ قايتىپ كېلىۋېتىپ يول بويىدىكى ماشىنىدا كىم بىلەندۇر پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئالتۇن چىشلىق قىرىۋاينى كۆرۈپ قالدى .يىگىت ئۇنىڭغا تونۇشتەك بىلىندى ، ئەمما نەدە كۆرگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدى.ئاخشام ئۇ ئاكىسىنىڭ كىيىملىرىنى رەتلىدى، ئۇنىڭ رەسىملىرىنى رەتلەۋېتىپ بىر رەسىمگە كۆزى چۈشۈپ غەلىتە بولۇپ قالدى. رەسىمدە پىيۋىخانىدىمۇ ، چايخانىدىمۇ ئىشقىلىپ داستىخان ئەتراپىدا بەش – ئالتە يىگىت ئولتۇراتتى .رەسىمدە قايسى كۈنى زۇمرەت كوچىدا كۆرگەن قاىۋىۋايمۇ ھىجىيىپ ئولتۇراتتى ...
شۇ كۈنى ئاكىسىنى ئىزدەۋاتقان لېيتنات شاپىروۋقا تېلڧون قىلدى.بۈگۈن ئەتتىگەن ئۇنىڭ بۇ ئۆيگە كېلىشىگە ھەم شۇ سەۋەپ بولغان ئىدى .
يەنە كېلىپ ، ئون كۈن ئالدىدا تاغىسى نەۋرىسىنىڭ بۆشۈك تويىنى قىلىغان ئىدى ،ئەتە توي دېگەن كېچىسى ئاكىسى تاشپولات غايىپتىن پەيدا بولغاندەك پەيدا بولۇپ ئۇلارغا بىر قوي ، بىر خالتا ئۇن - گۇرۇچ ، پۇل بېرىپ كەتكەن ، تاغىسى ۋە باشقىلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يەنە غايىپ بولغان ئىدى. شۇ كۈنى جىيەنلىرى ئۇ ماشىنىنىڭ < داماس > ماركىلىق ماشىنا ئىكەنلىكىنى ، ئەمما قاراڭغۇ بولغاچقا ئۇنىڭ رەڭگىنى ۋە نومۇرىنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ساقچى باشلىقى بۇ ئۇچۇردىن مەمنۇن بولدى. يەنە باشقا ئىشلارنى تەپسىلى سوراپ ھەممىنى يېزىۋالدى. ئۇ يەنە تاشپولاتنىڭ بۇ ھەركىتىدىن ھەيران بولغانلىقىنى بىلدۇردى.
ياق ، زۇمرەتنىڭ ئاكىسىنى تۇتۇپ بېرىش نىيىتى يوق ،پەقەت ئاكىسىنى كۆرۈش ، ئاكىسىنى بىلەن ئانىسى بىلەن كۆرۇشتۇرۇش ، ئاكىسى قىلغانلىرىغا توۋبە قىلسا ئۆيىگە قايتىپ كەلسە ،زۇمرەتنىڭ مەقسىتى شۇ ئىدى. يەنە كېلىپ ئاكىسى ئۆيلەنسە بۇ يالغۇز قالغان ھۆيلا ئاۋات بولسا، شۇنى ئويلايتتى .
بۇ گەپلەرنى زۇمرەت كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ساقچى باشلىقىغا دېدى .ساقچى باشلىقى يىگىت ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىدۇرغۇدەك بىر خەۋەرنى ئېيتتى.
-        ماشىنىغا ئوت قويغان ۋە دادىڭىزنىڭ ئۆلۇمىگە سەۋەپچى بولغان ئادەمنى كىم ئۆلتۇرگەنلىكى ئېنىقلاندى – دېدى ئۇ – ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر قېرىندىشى ئۆلتۇرگەن ئىكەن ... ئاكا – ئۇكا كۆپتىن بېرى زېمىن داۋاسى قىلىپ ياقا سىقشىپ يۇرگەن ئىكەن .بۇنىڭدا تاشپولات  ئەيىپلىك ئەمەس. لېكىن ئۇ يەنىلا ئاق ئەمەس. ئۇ ئىچكى ئىشلار بۆلۇمىنىڭ رۇيخېتىدە بار . يەنە كېلىپ قېچىپ يۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۆزى كۆپ جىنائىي ئىشلاردا قولى بارمىكىن دېگەنگە ئاساس بولىدۇ. ئۇ ئۆزى  كېلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا ئىشلار باشقىچە بولاتتى ...
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ زۇمرەت بەكلا يەڭگىللاپ قالدى ، شۇ خۇشاللىقىدا يۇگرەپ بېرىپ ساقچى باشلىقى يىگىتنىڭ بوينىدىن قۇچاقچىۋالغىلى تاسلا قالدى .
زۇمرەت شۇ كۈنى بىر يىغلاپ ، بىر كۈلۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزدى.ئەمما بۇ ئىشلار ھەققىدە ھېچكىمگە بىر ئېغىز تىنمىدى .


تارلان قايسىدۇر بىر ئاكادېمىكنىڭ ئوغلى ئىدى.ئانىسى تۇگەپ كەتكەندىن دادىسى ياشقىنە بىر ئاسپىرانت جۇۋان بىلەن ئۆيلەنگەندىن كيېىن ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ، ئىككىنجى ئۇ ئۆيگە قايتىپ بارمىغان ئىدى. مەكتەپتىمۇ ھەممىنى بىزار قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلدى.كېيىن ئۆزىدىن چوڭ كىشىلەرگە قوشۇلۇپ كاجاروۋ دەشتلىرىگە بېرىپ شۇ يەردە ئارخىلوگىيىلىك ئېكسپىدىيىچىلەرگە يەر قازغۇچى ۋە يۈك توشۇغۇچى بولدى . شۇ چاغدا شۇ يەردىن بىر كىچىك كومزەكتە ئالتۇن – كۇمۇش تەڭگىلەر چىقىپ قالدى،شېرىكلىرى بىلەن تالىشىپ بىر ئارخىلوگ يىگىتنىڭ بېشىغا گۇرجەك بىلەن ئۇرۇپ ئۇنى ئۆلتۇرۇپ قويدى.ئەسلىدە ئۇ ئۆزى ئۇرمىغان ئىدى،باشقا كىم ئۇردى ، ئۆزىمۇ ئەسلىيەلمەيتتى. ئورگەن خادىملىرىمۇ بۇنداق ۋەھشىلىكنى بىر كىچىك بالىنىڭ قىلغانلىغا ئىشەنمىدى ،شۇنداق بولسىمۇ باشقىلارنى قاماققا ئېلىشتى ،ئۇنى بولسا بالىلار تەربىلەش ئورنىغا ئەۋەتىشتى. تارلاننىڭ كۆزى شۇ يەردە ئېچىلدى. ھاياتنىڭ بىر جاڭگالغا ئوخشاش بىر ئورمان ئىكەنلىكىنى ، ناۋادا بۇ يەردە سەن ئۆز ئۈلۈشىڭنى يۇلۇپ ئالمىساڭ باشقىلار سېنىمۇ يەپ كېتىدىغانلىقىنى، زامان زورنىڭ ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.ئۇ زور بولۇش كېرەكلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتى.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چېنىقش بىلەن شۇغۇللىنىپ بوكس ئۆگەندى. شۇنداق قىلىپ تېزلا ئەتراپىدىكى ھەممىنى يېڭىپ،  ئۆزى بىلەن تەڭ ھەم ئۆزىدىن چوڭلارنى يات دېسە ياتىدىغان ، تۇر دېسە تۇرىدىغان قىلىپ نوچىغا ئايلاندى .
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى بىر دۇكانغا شېرىكلىرى بىلەن ئوغۇرلۇققا چۈشتى.ئالغىنى بارى – يوقى ئۈچ – توت بوتۇلكا ۋىنو،بەش – ئالتە مۇراببا ،بىرنەچچە نان ۋە كالباسا ئىدى . ئەمما قىرىق ياشلىق دۇكان ئىگىسى خوتۇن < بىر مىليون سوملۇق مالنى ئوغۇرلىدى،ئىشكاپتىكى بەش يۇز مىڭ دوللارنى ھەم ئېلىپ كېتىپتۇ >> دەپ تۇرالدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ بوينىغا ئارتىلدى.
تارلان شېرىكلىرى بىلەن قاتتىق جازالاندى.ئۇلارنىڭ ئۆز كامىرلىرىدىن بىر قەدەممۇ نېرىغا بارغۇزمىدى. تارلانغا ئۇ خوتۇننىڭ تۆھمىتى بەك ئېغىر كەلدى . ئىچىدە ئۇنىڭدىن بىر كۈنى قىساس ئېلىشنى پۇكۇپ قويدى ...
ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتكەندە دادىسى كېلىپ ئۇنى بۇ يەردىن ئېلىپ كەتمەكچى بولدى ، ئەمما كېتىشكە ئۇنۇمىدى .كېيىن يەنە ئىككى شېرىكىنى باشلاپ ھېلىقى دۇكانغا باردى .شۇ چاغدا بىر بايرامغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ھەممە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۇرگەن چاغلار ئىدى .
شۇ چاغدا سەتەڭ دۇكان ئىگىسى ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قىزى بىلەن دۇكاننى تاقاپ ھېساپ – كىتاپ قىلىشىۋاتقان ئىكەن . ئۇلار تۇيۇقسىز دۇۇكانغا باشتۇرۇپ كىرىشتى،ئايال داد –پەريات قىلىشقىمۇ ئۇلگۇرمىدى ، ئۇلار ئايالنى بىردەمدە ئۇرۇپ ھۆشىدىن كەتكۈزۋەتتى.قىزىنىڭ ئاغزىغا بىر نەرسە تىقىپ قويۇپ زورلۇق قىلىشتى . كەينىدىن ئۇستەل ئۇستىدە تۇرغان باغلام – باغلام پۇللارنى ئېلىشىپ ھەرياققا قېچىپ كېتىشتى.
ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇنى ۋوگزالدا تۇتۇۋېلىشتى . ئۇ بۇ چاغدا چەتئەلگە قېچىپ كېتىشنىڭ ئامالىنى قىلىپ يۇرگەن پەيتلىرى ئىدى. لېكىن ئامىتى كەلمىدى ، ئۇنى يەنە قاماققا ئېلىشتى.
بۇ يەردە بىر چاغلاردا ئارخىلوگىيىلىك ئېكسپىدىيىدە ئىشلەپ ئالتۇن تالىشىپ قاماققا چۈشۈپ قالغانلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى بىلەن بىرلىشىپ تاش قازىدىغان كاندىن قېچىپ كەتتى. ئۇ روسىيىگە قېچىپ كەتتى . لېكىن ئۇنى شۇ يەردە تۇتۇۋېلىشتى. ئۇنى يەنە قاماققا ئېلىشتى، بۇ قېتىم ئۇنى سىبىرىيگە ئەۋەتىۋېتىشتى. ئۇ قايتىپ كېلىپ بىرنەچچە يىل ئۆتكەندە شەھەردە قانداقتۇر بىر چوڭ جىنايەت يۈز بەرگەن ،بۇنىڭدا تارلاننىڭ قولى بار دەپ يەنە قاماققا ئېلىشتى. ئەنە شۇ يەردە ئۆزى بىلەن تەڭتۇش تاشپولات بىلەن تونۇشۇپ قالدى، كېيىن ئىككىسى ئاكا – ئۇكىدەك بولۇپ كېتىشكەن ئىدى.شۇنىڭدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىللە بولۇپ كېلىۋاتاتتى. تارلان ھازىر تۈلكىدەك قۇۋ ، قاپلاندەك چاققان ،ئىلاندەك ئەقىللىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئىشلارغا ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كەتمەيتتى. ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلدى.ئايال ئۇنىڭ ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك ،قورققىنىدىن يېپ – يېڭى جىگۇلى ماشىنىنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇپ،،ئۆيدىكى پۇل، ئالتۇنلارنى ئۇنىڭغا بەردى . ھەممىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن تارلان بۇ ئىشلارغا غىڭ قىلماي جىم يۇرسە قايتا ئۇچراشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى. تارلان باشتا مۇشۇ پۇللارنى دەسمايى قىلىپ دۇكان ئاچماقچى بولغان ئىدى . لېكىن كېيىن قۇلاق تېنچ بولسۇن دەپ بۇ ئەسكى – تۈسكى يىغىدىغان پونكىتنى ئاچقان ئىدى.ئۇ بۇنداق كىشى كۆزگە ئىلمايدىغان نەرسىدىن خېلى پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى لاگىردىكى چاغدا ئاڭلاپ بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان ئىدى.
ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا غەزىنە ئۇچرىغاندەك بولغان ئىدى. بىر نەچچە يۈك ماشىنىلىرى شەھەرنىڭ ھەر بۇرجىكىدىن كېرەكسىز قەغەزلەرنى توشۇيتتى.بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ شەھەر سىرتىدىكى مەيدانىدا بەلگىلىگەن كىشىلەر تەرىپىدىن تۈرلەرگە ئايرىتتى.كېيىن بۇلارغا كېرەكلىك كىشىلەر قەغەز زاۋۇتىغان ،بوتۇلكا ،سۇلىياۋ چىنە –قاچىلار بولسا قايتا پىششىقلاپ ئىشلار كارخانىلارغا  توشۇپ كېتىلەتتى. سىرتتىن قارىغانلارغا كۆرۈمسىز كۆرۈنگەن بۇ نەرسىلەر تاراقشىپ تۇرغان پۇل ئىدى.
بۇنىڭ سىرىنى پەقەت تارلان ئۆزى بىلىدۇ،بۇنى ھەتتا يېققىن دوستى تاشقىمۇ تىنمىغان ئىدى.شەھەردە ئوغرىلىق قىلىدىغان ئوغرىلارغىمۇ بۇ يەردە پاناھلىق بېرىپ ئۇلارنى بۇ يەردىكى ئىشچى دەپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ قويغان ئىدى. ئۇلاردىنمۇ خېلى كۆپ چوتا چۇشۇپ تۇراتتى.بەزىدە ئۇ بۈگۈن تاشقا تاپشۇرغاندەك < قەرز سۇيلەش > ئىشىغىمۇ ئارلىشىدۇ.بۇ سەل قىيىن ئىش ، شۇڭا بۇنى كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكەن تاشقا تاپشۇرۇشىنىڭ ۋەجىمۇ شۇ ئىدى. ئۇ باشقىلارغا ئىشىنەلمەيتتى.
تارلاننىڭ تۇرمۇشى خېلى ياخشى ئىدى.ئۆرۈكزارلىقتا ئىككى قەۋەتلىك ھۆيلا ئارامى ،شەھەر ئىچىدە بەش خانىلىق ئۆيى بار ئىدى. شۇنىڭغا قارىماي ئۇ خېلىدىن بېرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىش خىيالىدا يۇرگەن ئىدى.ئۇ شۇ مەقسەتتە پۇل يىغاتتى،ئۇ شۇنى ئويلاپ كېچىلىرىمۇ ئۇيقۇسى كەلمەيتتى.ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىچىملىكمۇ ، نەشىمۇ ، تاللاپ كېلىنگەن نازىنىنلارمۇ ئالالمايتتى. ..
تارلان قولىدا سىگارت تۇتقۇنىچە شۇلارنى خىيالىدى ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرغاندا، ئۇستەل ئۇستىدىكى يان تېلڧونى جىرىڭلاپ كەتتى .ئۇ تېلڧوننى ئېلىپ ، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى  ئاڭلاپ ، ئاۋازى ئۆزگەردى .
-        بۇ نىمە دېگىنىڭ ؟ نىمىشقا بىلمەيسەن ؟ قۇرۇلۇشتىن ئالغان سىرلارنى ، ھاراقلارنى قەغەزگە ئوراپ ئۇستىگە ئەسكى – تۈسكىلەرنى تاشلاڭلار ، شۇنىڭ بىلەن پۇتمىدىمۇ ، شۇنىمۇ ئۆگۈتۈش كېتەمدۇ ؟ قاراۋۇلغا بەش – ئونمىڭنى قىستۇر ،ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ئەللىك- ئاتمىشمىڭنى بەر .ئۇنىڭغا كۆنمىسە جاجىسى بەر . جاۋابىنى ئۆزۈڭ بېرىسەن .بولدى شۇنداق قىل ...- ئۇ تېلڧوننى ئۆچۇرۇپ جايىغا قويدى –دە ، كرىسلوغا يۆلەندى .كېيىن ئەسەبىيلىشىپ كرىسلونى مۇشتلاپ كەتتى .
-        شۇنچىلىك ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمىغان سولتەكلەر –دېدى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ – ھەممىڭنى ئايىغىڭدىن ئېسىپ قويسا بولىدۇ ! ھەزىلەكلەر .
ئىشىككە بامبۇك پەردە تاقاپ قويۇلغان ئۆيىدىن بايا كىرىپ كەتكەن جۇۋان چىقىپ ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكە باشلىدى. كېلىپ ئۇنىڭ تىزىغا ئولتۇردى، نازۈك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلىدى.
-        سىزگە ئاچچىقلىشىش ياراشمايدۇ ، خوجايىن – دېدى ئەركىلەپ – ئەخمەق ئادەملەرنىڭ گېپىنى ئۆزىڭىزنى ئۇپراتماڭ جانىم ...
-        راس دەيسەن تامارا – تارلان شۇنداق دەپ كۈلدى ، ئايالنىڭ تامىقىدىن سۆيۇپ قويغاچ ، يۈزىگە يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇپ – سەن ياتاقخانىغا كىرىپ تۇر ھازىر كىرىمەن .
ئايال ناز بىلەن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى .تارلان ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغانچە خىيالغا پاتتى ...



تاشقا ئەزىمخاننىڭ داچىسىنى تېپىش قىيىنغا چۈشمىدى .پەقەت يولدا بىرنەچچە يەردە تۇرغان ساقچىلار تاشنى بىئارام قىلغان ئىدى، لېكىن ئۇ يەردىمۇ ئۇلار توختاشمىدى .ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەتتىگەندىلا ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن ئىدى.قۇلاق – بۇرۇنلارنى ئېچىتىپ سوغاق شامال چىقىپ تۇراتتى .يولدا تاش ، قوشگېزەك ھەسەن – ھۈسەن ۋە شوپۇر ستاپا ئولتۇرغان ماشىنىدىن باشقا ماشىنىلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى.
ئۇلار چېلەك كۆتۇرۇپ كېتىۋاتقان بىر ئايالدىن ئەزىمخاننىڭ داچىسىنى سورىغان ئىدى، بۇ ئايال بۇ ئەتراپنى خېلى بىلسە كېرەك ، ئۇلارغا كۆرسۇتۇپ قويدى.
ئەزىمخاننىڭ داچىسى قەدىمقى قەسىرلەردەك ئىككى قەۋەتلىك، چوڭ بالكونلۇق ،كەينىدە بەغلىرى بار داچا ئىكەن . داچىنىڭ ئەتراپى تولىمۇ رەتلىك ھەم پاكىز ئىدى. ھۈسەن تامدىن ئارتىلىپ چۇشتى ،ئۇ چۇشۇشىگە ئىشەكتەك يوغان بىر ئىت ئۇنىڭغا يۇگرەپ كەلدى ، ئۇ چاققانلىق بىلەن ئىتنى بوغۇزلاپ بېشىقتۇرۋەتتى. ئىت تىپىرلىغانچە قانغا مىلىنىپ يېتىپ قالدى.
تاش بىلەن ھەسەن تىۋىش چىقارماي خۇددى مۇشۇكتەك ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى .
ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازىنى ۋە تاراق – تۇرۇقنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك ئۆي ئىگىسى چىراقنى ياقتى .پۇتۇن ھۆيلا يورۇپ كەتتى .ئەزىمخان دېگىنى شۇ بولسا كېرەك ، يوغان گەۋدىلىك ، سولەتلىك بىرى چىقىپ بالكوندىن ئۇياقتىن – بۇياققا قاراشقا باشلىدى. كېيىن چىراق ئۆچتى . ھەسەن ئاستا ئىشىكنى چەكتى . كىمنىڭدۇر غەزەپتىن تاق –تاق قىلىپ پەلەمپەيدىن چۇشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەزىمخان ئىشىكنى ئىچىشىغا ، ھۈسەننىڭ ھېلىلا ئىتنى بوغۇزلىغان ،قېنىمۇ تېخى قاتمىغان ئىككى بىسلىق پىچىقى ئۇنىڭ لىغىرلاپ تۇرغان قوسۇقىغا تىرەلدى.
-        ئاۋازىڭنى چىقارما – دېدى تاش پەس ئاۋازدا .
-        سىزلەرگە .. نىمە كېرەك – دېدى ،دىمى ئىچىگە چۇشۇپ كەتكەن ئەزىمخان.
-        ئۆيدە كىم بار – دېدى ھەسەن ئاۋازىنى پەسەيتىپ .
-        ھېچكىم يوق ، پەقەت ئۆزەملا – دېدى تەمتىرەپ كەتكەن ئەزىمخان  .
-        ئىچكىرىگە كىر – دېدى تاش ئۇنىڭ بىقىنىغا بىرنى سېلىپ .
ئەزىمخان ئىغاڭشىغىنىچە ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭدى ،ئۇ قوشنا – قولۇمنى چاقىرماقچى ، ئۇلاردىن ياردەم سورىماقچى بولدىمۇ دەرىزە تەرەپكە قاراپ يۇگۇردى،تاشنىڭ مۇشتى ئۇنى بىردەمدە يەرگە يىقىتتى.
-        پايپىقىنى ئاغزىغا تىق بۇنىڭ ، كەمىرى بىلەن پۇت – قولىنى باغلا – دېدى تاش بۇيرۇق بېرىپ – ئاندىن ئۇستىگە ئاچىقىڭلار .
بىردەمدە پۇت- قولى باغلانغان ، ئاغزىغا پايپاق تىقىلغان ئەزىمخان كۆزلىرىن چەكچەيتكىنىچە يەردە ياتتى .
-        گەپنى سوزۇپ ئولتۇرمايى – دېدى تاش سوغۇق ئاۋازدا – تومۇريولدىكى سابىتوۋدىن ئۆي ساتىمەن دەپ ئالداپ ئېلىۋالغان پۇلنى ئالغىلى كەلدۇق .بۇنداق ھىلىگەرلىك قىلىش ياخشى ئەمەس . ئاكا  .
ئەزىمخان نىمىلەرنىدۇر دەپ غۇدۇرشىدى. ھەسەن يىرگىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئاغزىدىكى پايپاقنى ئېلىۋەتتى.   
-        مەندە پۇل يوق –دەپ خىرىلدىدى ئەزىمخان – سابىتوۋ دەپ بىرىنى تونىمايمەن .
-        ئەمىسە ئېسىڭگە سېلىپ قويساق بولغۇدەك – دېدى تاش ۋە يىگىتلەردىن بىرىگە ئىما قىلدى .
ئەزىمخاننىڭ ئاغزىغا يەنە پايپاق تىقىلدى .ھۈسەن ياندىكى خانىغا كىرىپ دەزمال ئېلىپ چىقىپ ئۇنى توكقا ئۇلىدى، ئاندىن تاشنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىكىنى كۆتۇرۇپ ساپ – سېرىق تۈك باشقان سېمىز قۇرسىقىغا قويدى .
ئەزىمخاننىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك بولۇپ پېتىراپ كەتتى  .دەزمال سۇرۇلۇپ يەرگە چۇشۇپ كەتتى .
-        يەنە مىدىر قىلىدىغان بولساڭ ، چىرايىڭغا ياقىمەن – دېدى ئۇنىڭغا ۋاقىراپ .
دەزمال يەنە ئۇنىڭ قۇرسىقى ئۇستىگە قويۇلدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ تىپىرلاپ خىرىلداشقا باشلىدى.
-        ئاغزىدىن پايتىمىسىنى ئال – دېدى تاش .
-        بۇ ئىشلىرىڭلار ئۈچۈن جاۋاپ بېرىسىلار ..
-        ئەۋۋەل سەن بىزنىڭ سۇئالىمىزغا جاۋاپ بەر – دېدى تاش ئۇنىڭ ئۇستىگە ئېڭىشىپ – قېنى سۆزلە ، پۇل نەدە ؟
-        پۇل يوق – دېدى ئەزىمخان يۈزىنى باشقا تەرەپكە بۇراپ .
تاش ئۇنىڭ يۈزىگە بىر مۇش سالدى . ئەزىمخاننىڭ ساپ – سېرىق چىرايى قىپ- قىزىل قان بولدى .
-        دەزمالنى باس – دېدى تاش .
ھۈسەن قىزىپ كەتكەن سەزمالنى ئەزىمخاننىڭ قارنى ئۇستىگە قويۇپ دەزمال سالغاندەك ئۇاقتىن – بۇياققا سۇرۇشكە باشلىدى.
-        بولدى ، ئېلىۋېتىڭلار – خىرىلدىدى ئەزىمخان .
-        ئەۋۋەل پۇلنى بەر – دېدى تاش خاتىرجەم ئاۋازدا .
ئەزىمخان ئۇنىڭغا يەۋەتكۇدەك قارىدى ، ئاندىن ئىچكىرىدىكى ئۆينى ئىما قىلدى .چىشلەپ يېرىلىپ كەتكەن لېىۋىنى ئاران قىمىرلىتىپ:
-        ئىشكاپنىڭ ئاستىدىكى پولنىڭ ئىچىدە ...
-        تازا قۇۋ بىرنىمىكەنسەن جۇمۇ – دېدى تاش ئۇنىڭ ئاغزىغا پايپىقىنى تىقىپ قويۇپ، ئاندىن يىگىتلەرگە ياردەملەشكىلى چىقىپ كەتتى.
ئىشكاپ سۇرۇلۇپ پولنىڭ تاختايلىرى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئېلىندى.ئەزىمخان راست ئېيتقان ئىكەن ،تۇنىكا بىلەن ياسالغان مەخسۇس ئىشلەنگەن جاي دەل غەزىنىنىڭ ئۆزى ئىدى.ئىچىدە باغلام– باغلام پۇللار، ئالتۇنلار ،جاۋاھىرلار بار ئىدى ...
-        بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇنداق ئۆكتەملىك بىلەن ئادەملەرنى قان – قان يىغلىتىپ تېپىپسەن – دە – سورىدى تاش ئەزىمخانغا غەزەپ بىلەن قاراپ .
ئەزىمخان نىمىدۇر بىرنەرسە دېمەكچى بولۇپ غۇدۇرىدى.ئۇلارر ئۇنىڭ ئاغزىدىن پايپاقنى ئېلىۋەتتى.
-سابىتوۋنىڭكىنى ئېلىپ ... قالغىنىنى قويۇپ قويۇڭلار – ئۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ يالۋۇردى .
- يوق گەپنى قىلىۋاتىسەن – دېدى تاش مەسخىرلىك كۈلۈپ – جېنىڭ قانچە پۇل ؟
ئەزىمخان ئىندىمەي كۆزلىرىنى يۇمۇپ جىم بولدى .
-        ئۇنداق دېسەڭ ئەللىك مىڭنى ئېلىۋاپ ، قالغىنىنى ئاغزىڭغا تىقىپ قويۇپ كېتىمىز – دېدى تاش سوغۇق ئاۋازدا – ھەزم قىلالالمسەن !؟
-        كېرەك ئەمەس ... – دېدى ئەزىمخان باش لىڭشىتىپ .
-        نىمە كېرەك ئەمەس ؟ جانمۇ ؟ پۇلمۇ ؟ - دەپ كۈلدى ھەسەن .
-        پۇل كېرەك ئەمەس ، تىرىك قالسام بولدى – دېدى ئەزىمخان كۆيگەن قۇرسىقىنى سىلاپ .
-        ئەگەر بۇ ئىش ھەققىدە ئازراق تىنىدىغان بولساڭ ، تۇگۇشىسەن – دېدى تاش ئۇنىڭ قۇلۇقىغا شىۋىرلاپ – ئۇ چاغدا دەزمال ئەمەس ،قىززىق قوزۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ كېتىمەن !
ئەزىمخان كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ ، خوپ دېگەن ئىشارىسىنى قىلدى .
  ئۇلار يۈزلىرىدىكى نىقاپلارنى ئېلىپ قايتىشقا تۇتۇنغاندا ،ئاللىقاچان تاڭ ئاتقان ، تۇمان تارقىلىپ .شەرقتىكى كۆپ – كۆك  تاغلار كەينىدىن قۇياش كۆتۈرلۈشكە باشلغان ئىدى

داۋامى بار


داۋامى يەنە ئىنكاس شەكلىدە يوللىندۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-20 09:35 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 09:40:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
katran يوللىغان ۋاقتى  2012-6-19 02:37 PM
نېمىدىگەن ياخشى يېزىلغان، شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇپ كېتىپت ...

ياختۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ، كەينىنى تېزلا يوللاپ بولىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 09:42:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارە يوللىغان ۋاقتى  2012-6-19 03:04 PM
ئىرپان! بۇ پوۋسىتنىمۇ خېلى ياخشى تەرجىمە قىپسىز! سىزگە  ...

رەھمەت ياخشى مەدەتلىرىڭىزگە ،سىزنىڭ پوۋېستىڭىزنىڭمۇ تېزراق پۇتۇشىنى ۋە بىزگە تېزراق سۇنىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق يار بولسۇن  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 09:42:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
huxqiray يوللىغان ۋاقتى  2012-6-19 10:05 PM
ئاخىرى چىقماي قالمىسىلا بولاتتىغۇ .... ئاخىرىنى ساقلايم ...

خاتىرجەم بولۇڭ ئاخىرى تېزلا چىقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 09:45:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2012-6-20 12:53 AM
شۇنداق بېرىلىپ ئوقۇغان ئىدىم،داۋامىنى كۈتىمەن...
تەرجى ...

كۆپ تەشەككۇر ياختۇرۇپ ئوقۇغۇنىڭوىزغا .
مەدەتلەر بىرگە بولسۇن !!

ھەر بىر كۈن يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68760
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4478
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 970 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 10:36:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ساقلاپ قالدۇق!

http://1001keqa.blogbus.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81683
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5914
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 11:10:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تېمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن{:31:

ھاللالدىن كەلمىگەن ئاش،ئاش ئەمەس.
ھەق ئۈچۈن ئاقمىغان ياش،ياش ئەمەس،
بېشىم بار دەپ غادىيىپ يۈرمە.
سەجدىگە بارمىغان باش،باش ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6470
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:47:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاي!!!!!!!!

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش