مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: eerpan

توزاق ( پوۋېست ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45182
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3615
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2056 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2013-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 12:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق . مالال كۆرمەي تىزراق يوللىغايسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5158
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 1794 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 10:01:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇمرەت دوستى بەرنا بىلەن ئاياق ئېلشى ئۈچۈن بىر كۈن بازار ئايلاندى. بەيگە مەيدانى ، چوڭ بازارنى ئايلاندى. ئىككى دوست كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغاچقىمۇ ،گەپلىرى تۇگۇمەيتتى،شۇنچە كۆپ ئايلىنىپتۇ چارچىمىغان ئىدى.
چوڭ بازاردىن چىقىۋاتقاندا تۇيۇقسىز زۇمرەت يىراقتىن كىمنىدۇر كۆرۈپ يىلاننى كۆرگەن پاقىدەك تۇرۇپلا قالدى. كېيىن بەرنانىڭ قولىدىن تارتىپ < يۇر > دېگىنىچە يۇرۇپ كەتتى .
ئۇ يىراقتىن كىشىلەر ئارىسىدىن لىپ قىلىپ كۆرۈنگەن ئاق پىشماقنى كۆرۈپ ،قەيەردىدۇر بىر يەردە كۆرگەندەك بىلىندى .بىرىدىن ئاخشام تاشپولات ئاكىسىنىڭ رەسىملىرىنى رەتلەۋېتىپ ئاكىسنىڭ مۇرىسىگە قولىنى ئېلىپ چۈشكەن رەسىمدىكى ياش يىگىت ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن – تېز – تېز ئەگەشتى .
ئاق پىشماق بىلەن قۇچقاچمۇ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كەينىگە ئادەم چۇشكەنلىكىنى سېزىۋالدى .
-        كېلىشكەن قىزلارمۇ نىمە ؟ - دېدى قۇچقاچ تاڭلىيىنى تاقىلدىتىپ .
-        ماڭا ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەمەس ،ئالتۇن قالقىسى بىلەن زەنجىرى كېرەك ، ئاۋۇنىڭ سائىتى ئالتۇن بولسا ئۇمۇ كېرەك – دېدى ئاق پىشماق چىشلىرى ئارىسىدىن بىر چىرت قىلىپ تۈكۈرۈپ .
-        ماڭا ئۆزى بولسىمۇ بولىدۇ – ھىجايدى قۇچقاچ .
-        كۆردىن قاچۇرما – دېدى ئاق پىشماق كونا شەھەرنىڭ ئاچچىق ئۇچەيدك ئۇزۇن ، تار كوچىلىرىدىن بىرىگە قايرىلىپ كېتىۋېتىپ  كەينىگە بىر قاراپ –ئۇلارمۇ بۇ تەرەپكە كېلىۋاتقاندەك قىلىدۇ ...
ئىككىسى تار كوچىغا كىرىپلا دوقمۇشتا توختاپ ئۇلارنى ساقلىدى .قىزلار قايرىلىشىغا ئۇلار بىلەن دوقۇراشتى.
-        قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ئاپپاق قىزلار – دېدى قۇچقاق كۆزلىرىنى سۈزۈپ .
-        سىلەر سورىغاندىن كېيىن ياخشى – دېدى زۇمرەت ئاق پىشماقتىن كۆز ئۈزمەي – قانداق بىرەر ئاشخانىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلىمىزمۇ ؟ - دېدى قۇچقاچ مەمەدانلىق قىلىپ .
-        زۇمرەت يۇر ، بۇ يەردىن كېتەيلى – دېدى بەرنا ، يىگىتلەرنىڭ كۆزىدىكى يامان نىيىتىنى كۆرۈپ .
-        كەلگەندىن كېيىن كەتسىڭىز بولمايدۇ ، قىزچاق – دېدى ئاق پىشماق ، ئۇنىڭ كېلىشكەن قەددى – قامىتىدىن كۆزىنى ئۈزمەي ئۇنىڭغا يېققىنلاپ – بۇ زەنجىر ئالتۇنما ؟
-        قولۇڭنى تارت – دەپ ۋاقىردى ئۇنىڭغا ئالىيىپ .
-        ۋاي ، قىزچاق ، سىلىقراق بولۇڭ دەيمەن . ھېلى بىكا رادىئونى ئوچۇرگەندەك ئاۋازىڭىزنى ئوچۇرۇپ تاشلىماي يەنە ؟ - ئۇ شۇنداق دەپ ئەتىراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ قويدى ، قۇچقاچ يېنىدىن تۇگمىچىلىك پىچاقنى چىقىرىپ ئۇلارغا تەڭلىدى .
-        ياخشىلىقچە تاقىغانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار ،بولمىسا ئۆزەم قۇلاقلىرىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ ئالىمەن .
زۇمرەت ئىشلارنى بۇ دەرىجىگە بارىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى ، شۇڭا تەمتىرەپ كېتىپ ئۇندىمەي ھالقىسىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى . قۇچقاچ شاپلا قىلىپ ئۇنىڭ بېلىكىگە ئېسىلدى .
-        سائەتمۇ قالمىسۇن ، ياخشى قىز .
زۇمرەت لېۋىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇپ سائەتنىمۇ چىقىرىپ بەردى.
-        ساقچىغا ئېيتىمىز سىلەرنى – دېدى بەرنا مارجىنىنى بويدىن ئېلىپ بېرىۋېتىپ .
-        مە ، ئال ،مەرەز .
-        ئېيتىڭ قىزچاق ، ئېيتىڭ ، بېرىپ تازا چوڭىغا ئېيتىڭ – قۇچقاچ ھىجايغىنىچە مارجاننى يانچۇقىغا سېلىپ ۋە شېرىكىگە قاراپ – ئۇنىڭغىچە بىز كانادا چېگرىسىغا بېرىپ بولىمىز .
ئاق پىشماق شېرىكىنىڭ گېپىنى چۈشۈندى ۋ ە ئىككىسى ئىككى تەرەپكە قاراپ قاچتى .زۇمرەت بۇ تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشتىن نىمە قىلىشىنى ، قايسىنىڭ كەينىدىن قوغلاشنى بىلمەي بىردەم تېڭىزقاپ تۇرۇپ قالدى –دە ، ئاق پىشماق قاچقان تەرەپكە قاراپ يۇگۇردى. ئەمما يېتىشەلمىدى .ئاق پىشماق قاراڭغۇ تار كوچىلارنىڭ بىرىدە غايىپ بولغان ئىدى .
-        نىمىشقا ۋاقىرمايسەن ؟ گەپ قىلماي ھەممە نەرسەڭنى بېرىۋەتتىڭغۇ ؟- ئەلەمدىن قاقشىدى بەرنا .
-        ئۆزەڭچۇ ؟ سەن نىمىشقا ۋاقىرمىدىڭ ؟ -دېدى زۇمرەت رەڭگى تامدەك ئاقىرىپ .
-        راسنى دېسەم پىچاقتىن قوقتۇم ،ئۇلارنىڭ قولىدىن ھەربالا كېلىدۇ – دېدى بەرنا كۆزلىرىگە  ياش ئېلىپ.
-        مەيلى ، بوپتۇ كەلگەن بالا – قازا بولسا شۇلارغا يانار – دېدى زۇمرەت – ھېلىمۇ خۇدا بىر ساقلىدى ...
ئۇلار بېكەت تەرەپكە كېتىۋېتىپ ، بەرنا دوستىنىڭ ئوغرىنىڭ كەينىدىن ئەگەشكىنىگە ئەقلى يەتمەي ھەيرانلىق ئىچىدە ئىدى .
-        زۇمرەت نىمىشقا شۇ ئوغرىلارنىڭ كەينىگە چۈشتۇڭ – دەپ سورىدى دوستى زۇمرەتتىن قايتا- قايتا .
-        ئاۋۇ ئاق پىشماقنى بىرسىگە ئوخشۇتۇپ قالدىم – دېدى زۇمرەت ئۆزىنى سەل تۇتۇۋېلىپ – مېنىڭچە ئۇ تاشپولات ئاكامنىڭ نەدىلىكىنى بىلىدۇ .
-        سەن ئۇنىڭ بىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلىسەن ؟ - ھەيران بولدى بەرنا .
-        كۆڭلۇم شۇنداق سېزىۋاتىدۇ – دېدى زۇمرەت.ئۇ بېشىنى دوستىنىڭ يەلكىسىگە قويۇپ يىغلاپ كەتتى – مارجىنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمىسۇن بولامدۇ ؟
-        ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىمايدۇ خاتىرجەم بول ، رەڭلىك ئەينەكتىن ياسالغان ئەرزان مال – كۈلدى بەرنا – جىڭ بولغان بولسا ، مە ئال ، دەپ تۇتقۇزۇپ قوياتتىممۇ .
-        بىر ئىشنى سەندىن ئۆتۈنەي بۇ ۋەقەنى ،بۇ گەپلەرنى ھېچكىمگە تىنما ماقۇلمۇ ؟ - زۇمرەت يېلىندى دوستىدىن .
-        ماقۇل ،ماقۇل .ئەمدى بولدى يىغلىما بولامدۇ ؟
-        بەك قىينىلىپ كېتىۋاتىمەن، جېنىم دوستۇم – دېدى زۇمرەت .
ئىككى دوست بىر – بىرىنى قۇچاقلىغىنىچە ئۇنسىز تۇرۇپ قېلىشتى ...

ئەتتىگەندىن بېرى قوبۇل پونكىدا جىددى ۋەزىيەت ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. كىمدۇر بىرى ،ياكى يۈك ماشىنسى ھەيدەيدىغان شوپۇرلاردىن بىرى  چېكىپ بولغان سېگارتنى تاشلىغانمۇ ، << ماكالاتۇرا >> دەپ نام قويۇلغان مەيدانغا ئوت كەتكەن ئىدى . ھۆيلا ئىچىگە يىغىلغان توننا – توننا قەغەز سان- ساناقسىز بوتۇلكىلار يېنىپ گۇرۇلدەپ يانغان ھەم ئەجدىھادەك كۆككە تىل يايغان يالقۇن بىناغا يېتىپ كەلگەن ئىدى ...
بۇ چاغدا كىمدۇر بىرى << چاققانلىق >> قىلىپ ئوت ئۆچۇرگۇچىلەرگە تېلڧن قىلغان ،ئوت تېزلا ئۆچۇرۇۇلگەن . لېكىن ئوت ئۆچۇرگۇچىلەرنىڭ بىرىنىڭ جەسىتى تېپىلغان ئىدى ...
مانا بۇ قاتىللىق ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۇرۋەتكەن ئىدى.
شۇ كۈنى تارالان بىر ئىش بىلەن چىمەنكەنتكە كەتكەن ئىدى . ئۇ ئەتسى كېلىپ ، بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئاچچىىقلاپ كەتكەن ئىدى .ھەممىسىنى توپلاپ بىر << يىغىن>> ئاچتى ، بۇ ئەخمىقانە ئىشنى كىم قىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى . مەيدانغا ئوت قويغۇچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقالمىدى ، لېكىن ئوت ئۆچۇرگۇچىنى كىم ئۆلتۇرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى .قاتىل ئۆز ئادىمى – قارىۋاي بولۇپ چىقتى .
بىر قارىماققا قارىۋاينىمۇ ئەيىپلەپ كەتكىلى بولمايتتى .ئوت ئۆچۇرگۇچىلەرنىڭ بىرى قولىدىكى يوغان شىلانكىنى سورەپ كونا بىناغا كىرگەن ۋە يەر ئاستغا چۈشۈدىغان پەلەمپەينى كۆرۈپ قالغان ھەمدە قىزىقىپ پەسكە چۈشمەكچى بولغان .
قارىۋاي ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىپ قولىدىكى تومۇر بولقا بىلەن ئۆلتۇرۇپ شۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ كېتىپ قالغان .
قىسقىسى بۇ ئىش بىلەن ھەرىنىڭ ئۇۋۇسى چۇۋۇلغاندەك بولۇپ كەتكەن ئىدى .
تارلان يېنىغا شوپۇرى ،تامارا ۋە يەنە بىر ئوينىشىنى ئېلىپ ، قولىغا ئىلىنغا نەرسىلەرنى ئېلىپ شەھەردىن چىقىپ كېتىدىغان ،باشقىلار بولسا ،ئۇلارنىڭ كەينىدىن ، ئالۋاستى كۆۋرۈكى يېنىدا ،شەھەر سىرتىدا كۆرۈشىدىغان بولۇپ ئالدىراپ –تېنەپ تارقىلىشتى .
ۋاقىت قىس ئىدى، يىگىتلەت بىردەمدە ھەممە يەرنى << تازلاپ >> چىقتى .  
ئالدىرغان يولدا قاپتۇ دېگەندەك ئۇلار ئالدىرغاندا تارلان ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ چاقىنىڭ يېلى قالمىغان بولۇپ چىقتى ،يەل ئۇرۇشقا توغرا كەلدى .
-        تۇڧى ،ئاناڭغا لەنەت! –تارلان يەل ئۇرۇش بىلەن ئادىراش بولۇپ ئۇياقتىن –بۇياققا يۇگرەپ يۇرگەن شوپۇر بىلەن  ھەسەن –ھۈسەنگە قاراپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىدى .
-        نېمىلا  بولسۇن ، كېمە بىلەن كېتىمىز – دېدى ئاق پىشماق قولىغا ئىلىنغان نەرسىلەرنى سومكىسىغا سېلىپ .
قارىۋاي ھەممە ئىشقا ئۆزىنى ئەيىپلىك ساناپ ، قولىدىكى تومۇر چىۋىق بىلەن يەرگە بىر نەرسە سىزغانچە جىم تۇراتتى .قۇچقاچ بولسا سەپەر سومكىسىغا بىرنەرسىلەرنى سېلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى .
-        ماۋۇ مارجان ئەينەك ئىكەن – دېدى قۇچقاچ ئاغزىدا پۇشتەك چېلىپ .
تاش ئۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ قارىدى . ئاق پىشماق قۇچقاچقا قاراپ كۈلۈپ قويدى ۋە تاشقا چۈشەندۇردى .
-        ئۆتكەندە سەھەردە ئىككى قىز ئۇچراپ قالغان ئىدى – دېدى كۈلۈپ – ئۇ – بۇ نەرسىسىنى بىزگە <سوۋغا > قىلغان .
-        سائەت ئالتۇنمىكەن ؟ - ھۆمەيدى قۇچقاچ قاپىقىنى سېلىپ .
-        مەنچە ساپتەك قىلىدۇ –مەيدە يانچۇقىدىن سائەتنى چىقىپ تاشقا تەڭلىدى – مانا تاش ئاكا كۆرۈپ بېقىڭا جىڭ ھە ؟
تاش سائەتنى خالار – خالىماستىن ئۇنىڭ قولىدىن ئالدى ، ئۇيان – بۇيان ئۆرۇپ قارىدى ،تۇيۇقسىز ئاۋازى ئۆگۇرۇپ كەتتى :
-        نەدىن ئالدىڭلار بۇنى ؟ - سورىدى ئاق پىشماققا يالت ئېتىپ قاراپ .
-        ھېلى دېدىمغۇ ئاخشام ئىككى قىز ئۇچراپ قالدى دەپ  ... ئۆزلىرىمۇ خېلى بولىدىغان نەرسىلەركەن – دېدى ئۇ تاشنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگۇرۇشكە دېققەت قىلماي .
تاش چىرايلىق قاشلىرىنى يىمىرگىنىچە بىر ئۇنىڭغا ، بىر سائەتكە قىزىقىپ قاراشقا باشلىدى . كېيىن سائەتنىڭ كەينىگە ئويۇلغان ، بىلىنەر – بىلىنمەس ھەرپلەرنى كۆرۈپ بىردىن سەسكىنىپ كەتتى . بېلىق كۆزىچىلىك  كىچىككىنە ئالتۇن سائەتنىڭ كەينىگە كىچىك ھەرپلەر بىلەن << زۇمرەركە خاتىرە بولسۇن ، ئاكاڭدىن >> دەپ يېزىلغان ، كېيىن يېزىلغاندەك ئەمەس ، سائەتنىڭ ئەسلى نەقىشتىدك خەتلەر تۇراتتى .
تاش سائەتنى تۇتقۇنىچە قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئاق پىشماق بۇنى سېزىپ ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قاراپ قالدى .
-        ئۇلارنى نەدە كۆردۇم دېدىڭلار ؟ - سورىدى تاش ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ .
-        چوڭ بازاردا ... بازار يېنىدا – دېدى ئاق پىشماق قۇچقاچقا قاراپ قويۇپ .
-        قىزلارغا چېقىلدىڭلارمۇ ؟ - دەپ سورىدى تاش .
-        ياق –  باش چايقىدى ئاق پىشماق تېخىمۇ ھەيران بولۇپ – مۇنداقلا ، ئۇ – بۇ نەرسىسىنى ئالدۇق – ئۇ شۇنداق دەپ ھىجايدى – بىرنىڭ مارجىنى ئەينەككەن .
-        بۇ سائەت مەندە تۇرۇپ تۇرسۇن – دېدى تاش چىرايى ئۆزگۇرۇپ ، ئۇ سائەتنى ئالقىنىغا چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ نېرىغا كەتتى .
تاش بۇ كىچىك سائەتنى قاماقتىن چىققان يىلى ، سىڭلىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن سېتىپ ئېلىپ ، كەينىگە خەت ئويدۇرۇپ سىڭلىسىغا سوۋغا قىلغان ئىدى ، بىچارە سىڭلىسى بۇ سوۋغىدىن يۈرۈكى يېرىلغۇدەك خۇش بولۇپ ، شۇ چاغدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى ...
شۇ تاپتا تاش قانداقتۇر بىر ئازاپتىن ياڭاقلىرى دىرىلداپ ،لەۋلىرى بىلىنەر – بىلىنمەس تىترەپ كېتىۋاتاتتى . ئالقىنىدىكى بۇ كىچىككىنە سائەت ئۇنىڭ ئالقىنىنى كۆيدۇرۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى .
<< مانا ئەمدى ئۆز سىڭلىمنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلايدىغان دەرىجىگە يېتىپتىمەن – ئۇنى شۇنداق خىياللار قىينىماقتا ئىدى – بىچارىنىڭ ھالى قانداق بولغىيتتى ، سائىتىمنى ئاكامنىڭ شېرىكلىرى ئېلىپ كەتتى دەپ ئويلايدۇ ...ئانام بىچارىنىڭ ھالى نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدىكېن ، كۆزى ساق بولسىغۇ مەيلى ئىدى .ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە  بولغىيتتى ؟ بىر ئوغۇل ، بىر ئاكا بولۇپ ئۇلارغا نېمە قىلىپ يۇرىمەن ؟ قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارايمەن ؟ ھەممىسى ئۇلارنى < ئوغرىنىڭ ئانىسى > < يانچۇقچىنىڭ سىڭلىسى > دەپ يۈرۈكىگە خەنجەر ئۇرۇۋاتقاندىمۇ ؟نېمىشقا مۇشۇنداق بولدى ؟ بۇنىڭغا كىم سەۋەپچى ؟ قانداق قىلىپ بۇ چاتقاقا پېتىپ قالدم ؟.. مانا مەن ئىشەنگەن تارلانمۇ قېچىپ كەتتى .ئەمدى مەن نەگە بارىمەن ؟ شېرىكلىرىمچۇ ؟
شۇ پەيتتە ھەسەن ئۇنى چاقىرىپ ئۇنىڭ خىياللىرىنى بۆلىۋەتتى . ئۇ ئېغىر قەدەملەر بىلەن شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
ھەممىسى ماشىنىغا  چىقىشتى ، تاش شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا چىقىۋېتىپ كەينىگە قايرىلىپ قاراپ يۈرىكى ئېزىلىپ كەتتى .
ماشىنا كەينى كوچىلار بىلەن مېڭىپ شەھەر سىرتىغا قاراپ ماڭدى . شوپۇر يىراقتىن كۆرۈنگەن چارلىغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى كۆرۈپ تاشقا قارىدى .تاش بېشى بىلەن سول تەرەپنى ئىما قىلدى ۋە << بىزنىڭ مەھەلە بىلەن چىقىپ كېتىمىز >> دەپ قويدى .
-        نىمە كېرىكى بار ئۇ يەر بىلەن مېڭىشنىڭ – دېدى كەينىدە ئولتۇرغان قارىۋاي نارازى بولۇپ  - ئۇلار ھەممە يەردە بار .
-        بىزنىڭ ئۆيگە بىر كىرىپ ئۆتىمىز – دېدى گەپنى كېسىپلا .
باشقىلارمۇ نارازى بولۇشقا باشلىدى .بىرى << شەھەردىن تېز چىقىپ كەتسەك بولاتتى >> دېسە ، بىرى << ئۇ يەردە تارلان ئاكام ساقلاۋاتىدۇ >> دەپ نارازىلىق بىلدۇرۇپ غۇدۇراشقا باشلىدى . يەنە بىرى << ئىشقىلىپ تۇتۇلۇپ قالمىساق بولاتتى >> دېدى .
-        بىر مىنۇتلا تۇرىمەن – دېدى تاش ۋاقىراپ – كىرىپ چىقىۋالسام بېشىمىز نەگە سىغسا شۇ يەرگە كېتىمىز .مەن ئۆيگە كىرىپ چىقمايمەن دىمىدىمغۇ .مەن سىلەردىن ئايرىلىپ نەگە باراتتىم .
كەينىدە ئۇنىڭغا ھۆرپىيىپ قاراپ ئولتۇرغان قارىۋايمۇ ، ئەينەكتىن سىرتقا تەشۋىش بىلەن قاراپ ئولتۇرغان قوشگېزەكلەرمۇ نېمە ئىش بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەي ھەيران بولۇپ ئولتۇراتتى .ئۇلار ھەممىسى ھۆرپىيىپ قاراپ ئولتۇرسىمۇ ئۇنىڭدىن قورقىشاتتى .ئۇنى تارلاننىڭ ئوڭ قولى دەپ ھۆرمەت قىلىپ ئۇنىڭغا ئىشىنەتتى ،شۇ سەۋەبتىن ھەممىسى جىم بولدى .
ماشىنا كوچىغا كىرىپ بىردەم ماڭغاندىن كېيىن  تاشنىڭ ئىشارىسى بىلەن كونا ، رەڭگى ئۇڭۇپ كەتكەن بىر پاكار ئىشىك ئالدىدا توختىدى.
تاش ئۈچ ئايدىن بۇيان ئاياق باسمىغان ئۆيىنى كۆرۈپ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى . لېىكىن بۇنى شېرىكلىرىگە چاندۇرمىدى.ئۇ ماشىنىدىن چۇشۇپ ، يول چېتىدە ۋەلسىپىتىنىنىڭ بىر يېرىنى ئوڭشاۋاتقان بالىنى كۆرۈپ ئۇنى چاقىردى .بالا سەل ھەيران بولۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ، ئۇ تاشنى تونىغان بولسا كېرەك ،كاماك چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلدى .تاش قوشنىسىنىڭ بالىسىغا زۇمرەت ئاچىسىنى چاقىرىپ بېرىشنى ئېيتتى ، كەيندىن بالىنى توختتىپ < < توختا ،ئەڭ ياخشىسى بۇنى ئەكىرىپ بەرگىن >> دەپ ئۇنىڭ قولىغا ياغلىققا ئورالغان سائەتنى بەردى .بالا يۇگۇرگىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى .ماشىنا ئەمدىلا ئورنىدىن قوزغۇلىشىغا چاچلىرى يەلكىسىگە يېيىلغان زۇمرەت ئىشىكنى تاراقشىپ ئاچقىنىچە يۇگۇرەپ چىقىپ كەلدى .
-        تېزراق ھەيدە – دەپ ۋاقىردى تاش .
ماشىنا ئالدىراپ ئوڭ تەرەپتىكى كوچىغا كىرىپ كەتتى .لېكىن بۇ كوچىنىڭ خالتا كوچا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ شوپۇرنىڭ كۆزلىرى ئالاق – جالاق بولۇپ كەتتى .
-        ئارقىغا بۇرا ، ئارقىغا – ۋاقىرىدى تاش .
ماشىنا كەينىگە يېنىپ يەنە بايىقى كوچىغا كىردى .
-        ماينى بەر ، ئۇخلاپ قالدىڭمۇ ؟ - جان – جەھلى بىلەن ۋاقىرى قارىۋاي .
-        يولغا قارا ، ماشىنا كېلىۋاتىدۇ – دېدى ئاق پىشماق جىددىلىشىپ .
ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىن كېلىۋاتقان يوغان بىر ئابتۇبۇس يولنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ توختاپ قالدى . كەينىدىن بولسا ساقچى ماشىنىسىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك سىگنال ئاۋازى كېلىشكە باشلىدى .
-        قاپقانكەن بۇ – دېدى قارىۋاي سەكرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ تاشقا قاراپ – مەن ساڭا بۇ يەرگە كەلمەيلى دېگەن ئىدىمغۇ  ؟
-        تولا ۋەھىمە قىلما – دېدى تاش ئۇنىڭغا قارىماي – ھازىرلا چىقىپ كېتمىز .
ئەمما چىقىپ كەتمەك تەس ئىدى ، ئالدىدا بولسا ئابتۇبۇس،كەينىدە ساقچى ماشىنىسى يولنى توساپ تۇراتتى .ھەممە ساراسىمىگە چۈشۈشكە باشلىدى .ماشىنا ھېلى بۇياققا ، ھېلى ئۇياققا ئۆزىنى ئۇراتتى ،چىقىپ كېتىدىغان يول تاپالماي جىلە بولۇپ كەتكەن شوپۇر ھەدەپ ماشىنىنىڭ كانىيىنى باساتتى .
شۇ چاغدا پۇتۇن كوچىنى بېشىغا كىيىپ كانايدىن بىر ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
-        تاش پايدىسى يوق ، ھەممە يەرنى قورغىۋالدۇق . ماشىنىدىن چۇشۇڭلار – دېدى .
-        ئىشىڭنى قىل ،ساڭا تىرىك چۇشۇدىغان ئەخمەق يوق – دەپ ۋاقىرىدى قارىۋاي يانچۇقىدىن تاپانچىسىنى چىقىرىپ .
باشقىلارمۇ بىرى كىچىك پىچاقلىرىنى ، بىرى تاپانچىسىنى چىقاردى.
-        جىددىلەشمەڭلار ، ئۇلارغا مەن كېرەك بولسام ، مەن چۇشۇپ قالىمەن ،قالغىنىڭلار كېتىۋېرىڭلار .
-        بىزنى قويۇپ بېرىدىغاندۇ تايىنلىق – دەپ ۋاقىردى قارىۋاي جەھلى بىلەن .
بۇ چاغدا كۇتۇلمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى .ئالدىدا تۇرغان ئاپتۇبۇسنىڭ ئىىشىكى ئېچىلىپ .ئونغا يېققىن قوراللانغا ساقچى چۇشۇپ كېلىشتى .
-        ئەمدى ئىش تۇگۇدى – دېدى چىرايى ئاقىرىپ كەتكەن شوپۇر – ئەمدى نىمە قىلغان بىلەن پايدىسى يوق .
-        ھەيدە بۇ ھارۋاڭنى – دەپ ۋاقىردى قارىۋاي تاپانچىسىنى ئاسماندا پۇلاڭلىتىپ – ئەگەر قولغا چۇشۇپ قالساق ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلايمەن .. . ئۇلارنى بېسىپ بولسىمۇ ئۆتۇپ كېتىمىز ...
-        تاش گېپىمىزنى ئاڭلاۋاتەمسەن . ماشىنىدىن چۇشۇڭلار .قارشىلىق قىلغىنىڭلارنىڭ پايدىسى يوق – كارنايدىن يەنە ئاۋاز كەلدى .
بۇ شاۋقۇن – سۇرەننى ئاڭلاپ تاشنىڭ قولۇم – قوشنىلىرى يىغىلىشقا باشلىدى .
-        تۇگەشتۇق – دېدى ئاق پىشماق يىغلاپ – ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟
-        ئالدىرماڭلار ، مەن ماشىنىدىن چۇشۇپ ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ تۇرىمەن – سىلەر كىشىلەر توپى ئارىسىدىن بوسۇپ چىقىپ كېتىڭلار – دېدى تاش ئورنىدىن قوزغۇلۇپ .
-        ياق ، نېمە كۆرسەك تەڭ كۆرىمىز – دېدى ھەسەن تىترەك ئاۋازدا .
-        نەگە ماڭالايمىز ماشىنا پېتىپ قالدى – دېدى شوپۇر .
-        سىلەر نىمە ئويلايسىلەر بىلمىدىم ، مېنىڭ قولغا چۇشكۇم يوق – تۇيۇقسىز قارىۋاي چىقىراپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ يەرگە سەكرەپ چۇشتى ۋە ساقچىلار تەرەپكە ماڭغانچە ئۇلار ئوق ئېتىشقا باشلىدى .
قاراسلاپ ئېتىلغان ئوقتىن ھەممە ياق لەرزىگە كەلگەندەك بولۇپ كەتتى .
قارىۋاي ئۆزىنى يولنىڭ ئۇ چېتىدىكى دەرەخلەر ئارىسىغا ئالماقچى بولغان ئىدى ،لېكىن ئۇلگۇرەلمىدى . ئارقا تەرەپتىن ئېتىلغان ئوق ئۇنى يەر چىشلەتتى . بۇ ئىشلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا بولدى .
ماشىنىنى قورالانغان ساقچىلار ئورۇۋېلىشتى .قانغا مىلىنىپ ياتقان قارىۋاينى ساقچىلار كۆتۇرۇپ قاياققىدۇر ئېلىپ كېتىشتى .ماشىنا ئىچىدىكىلەر قوراللارنى تاشلاپ قوللىرىنى كۆتەرگىنىچە يەرگە چۇشۇشكە باشلىدى .ھەممىسىنىڭ قولىغا كويزا سېلىنىپ پەنجىرلىك ماشىنىغا چىقىرىپ ئەمدى ماڭاي دېگەندە << ئاكا >> دەپ ۋاقىرغان ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
بۇ زۇمرەتنىڭ ئاۋازى ئىدى . چاچلىرى چۇۋۇلغان ، يالاڭ ئاياق ، خۇددى ئېسىنى يوقۇتۇپ قويغان ئادەمدەك يۇگۇرۇپ كەلدى – دە ، تاشنىڭ بوينىغا ئېسىلدى .
تاش < زۇمرەت > دېگىنىچە سىڭلىسىنى باغرىغا چىڭ باستى، چاچلىرىنى سىلىدى << قورقما ، ھەممىسى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ >> دېدى .
-        تېز بولۇڭلار – دېدى كىمدۇر بىرى .
-        تاش ماشىنىغا چىق – دېدى ساقچىلارنىڭ بىرى .
-        سىلەر كېتىۋېرىڭلار ، بىز ئارقاڭلاردىن بارىمىز – دېدى لېيتنانت شاپىروۋ ئۇلارغا مەنىلىك قاراپ .
-        بۇ قانداق بولغىنى – دېدى ساقچىلاردىن بىرى نارازى بولۇپ – بىر ھەپتىدىن بۇيان قاپقان قويۇپ ئابتۇبۇستا دىمىقىپ ئولتۇغىنىمىز يەتمىگۇدەك ،ئەمدى تەييار گۆشنى قولدىن چىقىرىپ قويامدۇق !
-        كېتىۋېرىڭلار دىدىمغۇ – دېدى شاپىروۋ تىنماي سۆزلەۋاتقان يىگىتگە قاراپ ھۆمۇيۇپ – تاش ئۈچۈن ئۆزەم جاۋاپ بېرىمەن .
پەنجىرلىك ماشىنا قوزغۇلۇپ كېتىپ قالدى .
يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا زۇمرەت قولىغا كويزا سېلىنغان تاشنىڭ كۆكسىگە بېشىنى قويۇپ يىغلاپ تۇراتتى ، كۆپچىلىك بۇ غەلىتە مەنزىرىدىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قېلىشقان ئىدى .تاش قوشنىلىرىدىن بىرىنىڭ كۆزى ئاجىز ئانىسىنى يىتىلەپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئانىسى تەرەپكە قاراپ ئىنتىلدى ، ساقچىلاردىن بىر << مىدىرلىما >> دەپ ئۇنىڭ يولىنى توستى .
شاپىروۋ ئۇنىڭغا قويۇۋەت دەپ باش لىڭشىتىپ ئىشارە قىلدى .
-        قېچىپ كېتەمدىكىن ؟ - دېدى يەنە بىر ساقچى ئەندىشە بىلەن .
-        ھېچيەرگە كەتمەيدۇ – دېدى شاپىروۋ ئىشەنچ بىلەن – تاشنى ئۆزىمىز بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمىز .
كۆزى ئاجىز ئانىسىنىڭ ئاجىز قوللىرىنى يېيىپ ، يىرتىق كالاچنى سورىگىنىچە ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تاش چىدىيالماي قالدى .تاش ئانىسى تارەپكە ئىككى قەدەم ماڭدى – يۇ ، يەنە مېڭىشقا قۇربى يەتمىدى ،ئانىسىنىڭ ئالدىدا تېز پۇككىنىچە تىزلىنىپ قالدى ...
زۇمرەت بۇ قېتىملىق ھەركەتكە قوماندانلىق قىلغان شاپىروۋقا ،شاپىروۋ بولسا زۇمرەتكەن قاراپ قويۇشتى . بۇ سىرلىق مەناغا ئىگە سىرلىق قاراشنىڭ مەنىسىنى پەقەت ئىككىسىلا بىلەتتى ...

تۈگۈدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 10:02 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60874
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 05:09:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلى سىڭلىسى زۇمرەتنىڭ ئاكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بەرگىنىمۇ ياكى،ساقچى باشلىقى بىلەن تاشنى قويىۋەتمەكچىمۇ،ئاخىرىنى چۈشەنمەيلا قالدىم،ئۇلار نېمىشقا سىرلىق كۈلىشىدۇ

تەڭ ئىككىمىز تەڭرى ئالدىدا، ۋە لېكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا. كۆرەڭلەپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭدىن، ئاخىرى تەڭ بولىمىز قەبرە ئالدىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6470
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 10:34:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ساقلاپ كەتتۇق جۇمۇ!   تېززاراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6470
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 06:11:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېززاراق يوللىسىڭىز بوپتىكەن!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 09:42:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈگەپتۇ  .  مىنىڭچە تاشقا باشقىلارغا قارغاندا يىنىكلىتىپ جازا بىرىشى مۇمكىن .

ئاخىرى تەسىرلىك چىقىپتۇ    ،  ئانا ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئېنسان .

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26699
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6470
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 07:37:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداقلا  تۈگەمدا???

ئوت بىلەن ئويناشماڭ ،قىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45481
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4300
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1798 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 08:02:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاش بولسا ساقچىلارنىڭ  ئوغىرلار ئارىسىدىكى ئادىمى   دىگەن گەپ ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5289
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7875
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 12:12:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gamken يوللىغان ۋاقتى  2012-6-21 05:09 PM
ئەسلى سىڭلىسى زۇمرەتنىڭ ئاكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ بە ...

نىمىشقا  سىرلىق  كۈلىشەتتى  ؟   ئىككىسىگە  ئىسسىق  ئۆتۈشۈپ  قالغان  گەپ  .
ئىش  ـ  پەش  تارتىشتى  دەمدۇق  ؟
جىڭ  خۇمسى  گۇيكەن   تاش  ،   باشتا  خېلى  ئادەمىگەرچىلىكى  باردەك  تويۇلغان...
سېڭلىسى   ساقچىغا  ئەركىلەپ  كۈلۈپ  بەردى  ،   تاش  قۇتۇلۇپ  قالدى  .  
بەخىتسىز   شېرىكلىرى  دارغا  ئېسىلدى...  
دوسىتلىرىنى   بۇنداق  سېتىۋەتمىسىمۇ   ،  باشقا  يول  بىلەن  يامانلىقتىن  قايتۇرۈش  
ئۈچۈن   ئورۇنۇپ  باقسا  بولدىغۇ  ؟  

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78849
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4207
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 12:41:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش