بىخلان يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 07:47 PM
ھەق-ناھەق ، ئادىمىيىلىك كۆز قارىشىنى يىتىلدۈرۈش ب ...
ئىچكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇرغا ئەۋەتسە نېمە بوپتۇ،مېنىڭمۇ نۇرغۇن دوستلىرىم ئىچىكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ئالىي مەكتەپتە 1-2يىل ئوقۇپلا.كەينىدىن تىل ئۆگىنىپ،ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى.ئىچكىردىكى تۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇغاننىڭ زىيىنى يوق،بەلكى،شۇ كىشىنىڭ پەرزەنت تەربىيسى قانداق بولغان،ئىجتىماھىي مۇھىت ئۆزگەرسە،تاقابىل تۇرۇش كۈچى قانچىلىك،شۇنى مۇھىم نۇقتا دەپ قارىساق بولىدۇ.
مېنىڭ كۆپىنچە دوستلىرىم كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا،ئۆز مەدەنىيىتى،تارىخىدىن خەۋەردار بولۇپ كەلگەنلەر،ئۇلاردىكى ئۆز كىملىكىنى تۇنۇش ۋە ئۆز مىللىي مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش قارىشى مېنىڭ ئىديىرىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ چەتئەلدىكى مۇساپىرلىق ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشىدىغىنى ئۆز مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى،گۈزەل كەلگۈسىمىزنى يارىتىش ئۈچۈن چەتكە چىققانلاردۇر.
دېگەنلىرىڭىزنىڭمۇ بەلگىلىك ئاساسى بولۇشى مۇمكىن،لېكىن،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش تازا دۇرۇس ئىش ئەمەس.