گۈلەن ئەپەندىمگە ھەقىقەتەن قول قويدۇم، بىلىمىگە ئاپىرىن!
بالا تەربىيلەش نۆۋەتتە مەن دۇچ كېلىۋاتقان بىر مۇھىم مەسلە. نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ كەتتىم، ماتىرىيال كۆردۈم. مەن قانچە تىرىشقانسىرى كۆپىنچە ئىشلاردا كەينىگە يېنىپ كېتىپ مەغلۇبمۇ بولدۇم. بەزىدە چەتئەل بالىلىرىنى تەربىيلەش ھەققدىكى كىتابلارنىمۇ كۆرەپ شۇ بويىچە ئېلىپ ماڭدىم، كۆپىنچىسى كارغا كەلمىدى. يەكۈنۈم: ئۇلارنى پىسخسكىسى بىلەن ئەڭ دەسلەپكى مۇھىت، تەربىيە نۇرغۇن تەرەپلەردە ئوخشاشماسلىقلار باركەن. بىزنىڭ باللىرىمىز قۇبۇل قىلىش تەسرەك بولدى. ئەمما «كېرىنا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيسى» دىكى بەزى مەسلىلەر ئىشلەپ قالدى، كۈچىنى كۆرسەتتى دېسەممۇ بولىدۇ. يۈزدە يۈز قۇبۇل قىلمىساقمۇ بەزىللىرىنى ئۆرنەك قىلساق بولدىكەن دەپ قالدىم.
ئالدىنقى قېتىم كېرەم ئاتۇش بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە ماڭا ئۇ كىشنىڭ پەرزەنت تەربىيسى توغرىسىدىكى بەزى سۆزلىرى بەك تەسىر قىلغان، يەنى بالىنى سۆز بىلەن ئەمەس، ھەرىكەت ئارقىلىق تەربىيلەش، تەربيلەش ئەمەس، بېقىش دېگەندەك. ھازىرمۇ پات-پات كۆرۈپ قويىمەن.
گۈلەن ئەپەندىممۇ(مەن دائىم خانىمدەكلا ھېس قىلىمەن دېسە
) ناھايىتى ئەتراپلىق توختىلىپتۇ. تور دۇنيايمىزدا پەرزەنت تەربىيسى توغرىسىكى بىلىملەر چەكلىك، ئاز دېيەرلىك. بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا coffee تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-22 05:40 PM