مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: haluo

ئۇنۇڭ ئۆيدىكىلىرى قوشۇلمىغان مۇھاببەتتىن ۋاز كىچىشىم كېرەكمۇ؟....   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1448
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15593
تۆھپە نۇمۇرى: 1335
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 02:01:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۇن سىزنىڭ بېشىڭىزغىمۇ كىلىپتۇ دە  

ئۇيغۇرتائاملىرىنى دۇنياغا تۇنۇتايلى

قۇرۇق شوئار توۋل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9457
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3276 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 09:29:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنڭچە ھەر ئىككىلىڭلار شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈشكەندىن كېيىن، ۋاز كەچمەڭ! ئۇنىڭغا ھەم ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ... ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى باردۇر، بىراق چىن مۇھەببەت بولغانىكەن، سەۋەب قىلىش كېرەكتە، ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ ھېچقانداق توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغان بولسا ، بۇ مۇھەببەت تەمسىز بوپ قالاتتى... شۇڭا ئاتا - ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى سىزلەرنىڭ مۇھەببىتىڭىزلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ....

ئۆزىنى ئاياش ئەڭ چوڭ خۇشامەتچىلىكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17552
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1509 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 09:38:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى


(1980 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 - يىغىنىنىڭ <>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار> ىغا ئاساسەن تۈزىتىلىدى)

  1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ 1 - ماددا بۇ قانۇن نىكاھ ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ مىزانى.
2 - ماددا نىكاھتا ئەركىن بولۇش، بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش، ئەر - ئايال باراۋەر بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ.
3 - ماددا نىكاھقا چات كېرىۋېلىش، نىكاھتا سودىلىشىش قىلمىشى ۋە نىكاھ ئەركىنلىكىگە ئارىلىشىۋالىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ. نىكاھتىن پايدىلىنىپ پۇل - مال ئۈندۈرۈۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. قوش نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. جورىسى بارلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر - بىرىنى خورلىشى، تاشلىۋېتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.
4 - ماددا ئەر - خوتۇن بىر - بىرىگە سادىق بولۇشى، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك؛ ئائىلە ئەزالىرى چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىشى، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشى، باراۋەر، ئىناق، مەدەنىي ۋە ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلىشى كېرەك.

2 - باب نىكاھلىنىش
5 - ماددا نىكاھلىنىش ئەر - ئايالنىڭ تولۇق رازىلىقى بىلەن بولۇشى شەرت، بىر تەرەپنىڭ ئىككىنچى تەرەپنى زورلىشىغا ياكى ھەر قانداق ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئارلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 6 - ماددا نىكاھلىنىش يېشى ئەرنىڭ 22 دىن، ئايالنىڭ 20 دىن تۆۋەن بولماسلىقى شەرت. كېچىكىپ نىكاھلىنىشقا، كېچىكىپ پەرزەنت ككرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.
7 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ: بىۋاستە قانداش تۇغقان بولسا ۋە ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقان بولسا؛ تېببىي پەندە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا. 8 - ماددا نىكاھلىنىدىغان ئەر - ئايال نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا ئۆزى بېرىپ تىزىملىتىشى شەرت. بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلىرى تىزىمغا ئېلىنىپ توي خېتى بېرىلىدۇ. توي خېتى ئالغاندىن كېيىنلا ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدۇ. نىكاھ تىزىملاتمىغانلار تولۇقلاپ تىزىملىتىشى كېرەك.
9 - ماددا نىكاھ تىزىملانغاندىن كېيىن، ئەر بىلەن ئايالنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە، ئايال ئەر ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسا بولىدۇ، ئەر ئايال ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ بولىدۇ.
10 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغان نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس: (1) قوش نىكاھلىق بولغان؛ (2) نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى بولغان: (3) نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى تېببىي پەندە نىكاھلىنىشقا بولمايدۇ، دەپ قارالغان كېسەلگە گىرىپتار بولغان، نىكاھلانغاندىن كېيىن ساقايمىغان؛ (4) قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىش يېشىغا يەتمىگەن.
11 - ماددا نىكاھ مەجبۇرىي بولغان بولسا، مەجبۇرلانغۇچى نىكاھ تىزىملاش ئورگىنى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن شۇ نىكاھنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. مەجبۇرلانغۇچى نىكاھنى بىكار قىلىش تەلىپىنى نىكاھ تىزىملانغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قويۇشى كېرەك. جىسمانىي ئەركىنلىكى قانۇنسىز چەكلەنگەنلەر نىكاھنى بىكار قىلىش تەلىپىنى جىسمانىي ئەركىنلىكى ئەسلىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە قويۇشى كېرەك.
12 - ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس ياكى بىكار قلىنغان نىكاھ باشتىلا كۈچكە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەر - خوتۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. بىللە ئۆي تۇتقان مەزگىلدە ئېرىشكەن مال - مۈلكىنى ئۇلار كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى سەۋەنلىك يوق تەرەپكە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. قوش نىكاھلىنىش تۈپەيلىدىن نىكاھ كۈچكە ئىگە ئەمەس قىلىنغاندىن كېيىن، مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا، قانۇنلۇق نىكاھلانغۇچىلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە بۇ قانۇندىكى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلىرىگە دائىر بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

3 - باب ئائىلە مۇناسىۋىتى
13 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ ئائىلىدىكى ئورنى باراۋەر.
14 - ماددا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئۆز ئىسىم - فامىلىسىنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق.
15 - ماددا ئەرمۇ، خوتۇنمۇ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىش ئەركىنلىكىگە ئىگە، بىر تەرەپنىڭ ئىككىنچى تەرەپنى چەكلىشىگە ياكى ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
16 - ماددا ئەرنىڭمۇ، خوتۇننىڭمۇ پىلانلىق تۇغۇت مەجبۇرىيىتى بار.
17 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدە ئېرىشكەن تۆۋەندىكى مال - مۈلكى ئەر - خوتۇننىڭ ئورتاق مال - مۈلكى بولىدۇ: (1) مائاش، مۇكاپات پۇلى؛ (2) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت تاپاۋىتى؛ (3) بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تاپاۋىتى؛ (4) ۋارىسلىق ياكى ھەدىيە ئارقىلىق ئېرىشكەن مال - مۈلكى، لېكىن بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسىنىڭ ئۈچىنچى تارماقچىسىدا بەلگىلەنگىنى بۇنىڭ سىرتىدا؛ (5) ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان باشقا مال - مۈلۈك. ئەر - خوتۇن ئورگاق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىشتا باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.
18 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە، مال - مۈلۈك ئەرنىڭ ياكى خوتۇننىڭ بولىدۇ: (1) بىر تەرەپنىڭ نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال - مۈلكى؛ (2) بىر تەرەپ جىسمانىي زەخمىگە ئۇچراپ ئېرىشكەن داۋالىنىش پۇلى، مېيىپلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى قاتارلىقلار؛ (3) ۋەسىيەت ياكى ھەدىيە توختامدا ئەر ياكى خوتۇنغا تەۋە دەپ بېكىتىلگەن مال - مۈلۈك؛ (4) بىر تەرەپكە خاس تۇرمۇش بۇيۇملىرى؛ (5) بىر تەرەپكە تەۋە باشقا مال - مۈلۈك.
19 -ماددا ئەر - خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكى، شۇنىڭدەك نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال - مۈلىكىگە ئايرىم - ئايرىم ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى، ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى ياكى بىر قىسىمغا ئايرىم - ئايرىم ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقى، بىر قىسىمغا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلىدىغانلىقىنى پۈتۈشسە بولىدۇ. پۈتۈم يازما بولۇشى كېرەك. پۈتۈم بولمىسا ياكى پۈتۈم ئېنىق بولمىسا، بۇ قانۇننىڭ 17 -، 18 - ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. ئەر - خوتۇننىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكى، شۇنىڭدەك نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى مال - مۈلكى ھەققىدىكى پۈتۈمى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئەر - خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكنىڭ ئۆزلىرىگە ئايرىم - ئايرىم تەۋە ئىكەنلىكىنى پۈتۈشكەن، ئەر ياكى خوتۇن باشقىلارغا قەرزدار بولغان، بۇ پۈتۈمنى ئۈچىنچى كىشى بىلىدىغان بولسا، بۇ قەرزنى ئەر ياكى خوتۇن ئۆزىگە تەۋە مال - مۈلۈك بىلەن تۆلەيدۇ.
20 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىنى بېىىش مەجبۇرىيىتى بار. بىر تەرەپ بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، بېقىلىدىغان تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن بېقىش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
21 - ماددا ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار؛ پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار. ئاتا - ئانا پەرزەنتلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەن ياكى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلىرى ئاتا - ئانىسىدىن بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق ياكى تۇرمۇشى قىيىن بولغان ئاتا - ئانا پەرزەنتلىرىدىن قاراش ھەققى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بوۋاقنى تۇنجۇقتۇرۇۋېتىش، تاشلىۋېتىش قىلمىشى ۋە ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان باشقا قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ.
22 - ماددا پەرزەنتلەر ئاتىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسا بولىدۇ، ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ.
23 - ماددا ئاتا - ئانىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنى قوغداش ۋە تەربىيىلەش ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بار. قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەر دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزگەندە، ئاتا - ئانىنىڭ ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش مەجبۇرىيىتى بار.
24 - ماددا ئەر - خوتۇننىڭ مىراسقا ئۆز ئارا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى بار.
25 - ماددا نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا نىكاھلىق تۇغۇلغان بالىغا ئوخشاش ھوققا ئىگە، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىشىگە ۋە ئۇنى كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسىنى بىۋاستە باقمايدىغان ئۆز ئاتىسى ياكى ئۆز ئانىسى شۇ بالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنى تاكى شۇ بالا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولغانغا قەدەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
26 - ماددا دۆلەت قانۇنلۇق بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ. بېقىۋالغۇچى ئاتا - ئانا بىلەن بېقىۋېلىنغان بالىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ. بېقىۋېلىنغان بالا بىلەن ئۆز ئاتا - ئانىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بېقىۋېلىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى بىلەن يوقايدۇ.
27 - ماددا ئۆگەي ئاتا - ئانا بىلەن ئۆگەي بالا ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىنى خورلاش ياكى كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئۆگەي ئاتا ياكى ئۆگەي ئانا بىلەن ئۇلار بېقىپ تەربىيىلىگەن ئۆگەي بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت مۇشۇ قانۇندىكى ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە دائىر بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.
28 - ماددا نەۋرىسىنى بېقىپ تەربىيىلەش ئىقتىدارى بار بوۋا - مومىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا - ئانىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن نەۋرىلىرىنى بېقىپ تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بار. بوۋىسى، مومىسىغا قاراش ئىقتىدارى بار نەۋرىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى پەرزەنتلىرى قارىيالمايدىغان بوۋىسى، مومىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى بار.
29 - ماددا ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش ئىقتىدارى بار ئاكا، ئاچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا - ئانىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنىسى، سىڭلىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. ئاكىسى، ئاچىسى بېقىپ چوڭ قىلغان بېقىش ئىقتىدارى بار ئۇكا، سىڭىلنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارى كەمچىل ھەم تۇرمۇش مەنبەسى يوق ئاكا، ئاچىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار.
30 - ماددا پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىسىنىڭ نىكاھ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئاتا - ئانىسىنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا ۋە نىكاھلانغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىغا ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك. پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا قاراش مەجبۇرىيىتى ئاتا - ئانىسىنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.

4 - باب ئاجرىشىش
31 - ماددا ئەر - ئايال ئاجرىشىشنى ئىختىيار قىلسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرت. نىكاھ تىزىملاش ئورگىنى ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقەتەن ئىختىيار قىلغانلىقى ھەمدە پەرزەنت ۋە مال - مۈلۈك مەسلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئاجرىشىش خېتى بېرىدۇ.
32 - ماددا ئەر ياكى ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، ئالاقىدار تارماق مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ ياكى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىش دېلوسىنى سوت قىلىشتا مۇرەسسە قىلىشى كېرەك؛ ئەر - خوتۇننىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن بۇزۇلۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇرەسسە ئۈنۈم بەرمىسە، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك: (1) قوش نىكاھلانغان ياكى جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتقان؛ (2) ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغان ياكى ئائىلە ئەزاسىنى خورلىغان، تاشلىۋەتكەن؛ (3) قىمار ئويناش، زەھەر چېكىش قاتارلىق ناچار ئىللەتنى قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرتمىگەن؛ (4) چىقىشالمىغانلىقتىن ئايرىلىپ تۇرغىنىغا ئىككى يىل توشقان؛ (5) ئەر - خوتۇنلۇق مۇھەببىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولغان باشقا ئەھۋال. بىر تەرەپ يوقاپ كەتتى دەپ جاكارلىنىپ، يەنە بىر تەرەپ ئاجرىشىش دەۋاسى قىلغان بولسا، ئاجرىشىشقا رۇخسەت قىلىش كېرەك. 33 - ماددا رەسمىي ھەربىينىڭ جورىسى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا، شۇ ھەربىينىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك، لېكىن ھەربىي ئېىغر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا بۇنداق بولمايدۇ.
34 - ماددا ئايال ھامىلدار مەزگىلدە، تۇغقاندىن كېيىن بىر يىل ئىچىدە ياكى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتكەندىن كېيىن ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەر ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. ئايال ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەرنىڭ ئاجرىشىش تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر دەپ قارىسا، بۇ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.
35 - ماددا ئاجرىشىپ كەتكەن ئەر - ئايال يارىشىۋېلىشنى ئىختىيار قىلسا، نىكاھ تىزىملاش ئورگىنىغا بېرىپ يارىشىۋېلىشنى تىزىملىتىشى شەرت.
36 - ماددا ئاتا - ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاتا - ئانىنىڭ ئاجرىشىشى بىلەن يوقالمايدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى مەيلى ئاتىسى ياكى ئانىسى بىۋاستە باقسۇن، ئۇ يەنىلا شۇ ئاتا - ئانىنىڭ بالىسى. ئاجراشقاندىن كېيىنمۇ، ئاتا - ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىش ۋە تەربىيىلەش ھوقۇقى ھەم مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، ئەمچەكتىكى بالىنى بېقىشتا ئېمىتىۋاتقان ئانىسىنىڭ بېقىشى پرىنسىپ قىلىنىدۇ. ئەمچەكتىن ئايرلغان بالىنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش كۆرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ پۈتۈشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى بالىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
37 - ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن، بىر تەرەپ بېقىۋاتقان بالىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۈستىگە ئالىدىغان خىراجەتنىڭ مىقدارىنى ۋە تۆلەش مۇددىتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بالىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە تەربىيە خىراجىتى توغرىسىدىكى كېلىشىم ياكى ھۆكۈم بالىنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ئاتىسىغا ياكى ئانىسىغا كېلىشىم ياكى ھۆكۈمدە بەلگىلەنگەن مىقداردىن ئارتۇق مۇۋاپىق تەلەپ قويۇشىغا دەخلى قىلمايدۇ.
38 - ماددا ئاجراشقاندىن كېيىن، بالىنى بىۋاستە باقمايدىغان ئاتا ياكى ئانىنىڭ بالىنى كۆرۈش ھوقۇقى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپنىڭ ماسلىشىش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. كۆرۈش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى، ۋاقتىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاتىسى ياكى ئانىسىنىڭ بالىنى كۆرۈشى بالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى كۆرۈش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە توختىتىدۇ؛ توختىتىش سەۋەبى يوقىغاندىن كېيىن، كۆرۈش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.
39 - ماددا ئەر - خوتۇن ئاجراشقاندا، ئورتاق مال - مۈلكنى كېلىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى كونكرېت مال - مۈلۈك ئەھۋالىغا قاراپ، بالىنىڭ ۋە ئايالنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېتىبار بېرىش پرىنسىپى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەر ياكى ئايالنىڭ ئائىلىدىكى يەر ھۆددىگەرلىك تىجارىتىدە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق - مەنپەئىتى قاتارلىقلار قانۇن بويىچە قوغدىلىشى كېرەك.
40 - ماددا ئەر - خوتۇن نىكاھ مۇناسىۋىتى بار مەزگىلدىكى مال - مۈلكىنى ئۆزلىرىگە ئايرىم - ئايرىم تەۋە دەپ يازما پۈتۈشكەن، بىر تەرەپ بالىنى بېقىپ تەربىيىلەش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، يەنە بىر تەرەپنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلاردا مەجبۇرىيىتىنى كۆپرەك ئادا قىلىغان بولسا، ئاجراشقاندا يەنە بىر تەرەپتىن ھەق تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، يەنە بىر تەرەپ ھەق بېرىشى كېرەك.
41 - ماددا ئەر - خوتۇن ئاجراشقاندا، ئورتاق تۇرمۇش ئۈچۈن ئىلگىرى ئالغان قەرزنى ئورتاق تۆلىشى كېرەك. ئورتاق مال - مۈلۈك قەرزنى تۆلەشكە يەتمىسە ياكى مال - مۈلۈك ئۆزلىرىگە ئايرىم - ئايرىم تەۋە بولسا، ئىككى تەرەپ كېلىشىپ تۆلەيدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
42 - ماددا ئەر - خوتۇن ئاجراشقاندا، بىر تەرەپ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا، يەنە بىر تەرەپ تۇرالغۇسى قاتارلىق شەخسىي مال - مۈلىكىدىن مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىدۇ؛ كېلىشەلمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
5 - باب ياردەم تەدبىرلىرى ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى
43 - ماددا ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنسا ياكى ئائىلە ئەزاسى خورلانسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شۇنىڭدەك خىزمەت ئورنى نەسىھەت، مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنىۋاتقاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى نەسىھەت قىلىشى كېرەك؛ ج خ ئورگىنى توسۇشى لازىم. ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىنغاندا ياكى ئائىلە ئەزاسى خورلانغاندا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلسا، ج  خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاشقا دائىر قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن مەمۇرىي جازا بېرىشى كېرەك.
44 - ماددا ئائىلە ئەزاسى تاشلىۋېتىلسە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىشقا ھوقۇقلۇق، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى شۇنىڭدەك خىزمەت ئورنى نەسىھەت، مۇرەسسە قىلىشى كېرەك. ئائىلە ئەزاسى تاشلىۋېتىلگەندە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىلتىجا قىلىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى بېقىش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، قاراش ھەققى بېرىش توغرىسىدا قانۇن بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك.
45 - ماددا قوش نىكاھلىنىپ، ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىپ ياكى ئائىلە ئەزاسىنى خورلاپ، تاشلىۋېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ؛ ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە تەھقىقلىشى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە ئەيىبلىشى كېرەك.
46 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئاجرىشىشقا سەۋەب بولسا، سەۋەنلىك يوق تەرەپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق: (1) قوش نىكاھلىنىش؛ (2) جورىسى بار تۇرۇپ باشقىلار بىلەن ئۆي تۇتۇش؛ (3) ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلىش؛ (4) ئائىلە ئەزاسىنى خورلاش، تاشلىۋېتىش.
47 - ماددا ئاجراشقاندا بىر تەرەپ ئەر - خوتۇنغا ئورتاق مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتىكۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن بولسا ياكى قەرز ئويدۇرۇپ چىقىپ يەنە بىر تەرەپنىڭ مال - مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش غەرىزىدە بولسا، ئەر - خوتۇنغا ئورتاق مال - مۈلۈكنى يوشۇرغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇۋەتكەن ياكى قەرز ئويدۇرغان تەرەپكە ئاز بۆلۈپ بېرىلسە ياكى بۆلۈپ بېرىلمىسە بولىدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن، يەنە بىر تەرەپ يۇقىرىقى قىلمىشنى سەزگەن بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە داۋا قىلىپ، ئەر - خوتۇنغا ئورتاق مال - مۈلۈكنى قايتا بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەق تەلەپ دەۋاسىغا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.
48 - ماددا بېقىش ھەققى، بېقىپ تەربىيىلەش ھەققى، قاراش ھەققى، مال - مۈلۈكنى بۆلۈش، مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، بالىنى كۆرۈش قاتارلىقلارغا دائىر ھۆكۈم ياكى كېسىم ئىجرا قىلىنمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرىدۇ. ئالاقىدار شەخس ۋە ئورۇنلار ئىجراغا ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.
49 - ماددا باشقا قانۇنلاردا نىكاھ ۋە ئائىلىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە قانۇن جاۋابكارلىقى ھەققىدە ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

6 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
50 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ نىكاھ ۋە ئائىلە جەھەتتىكى كونكرېت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق بەلگىلىمە چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەر تۈزگەن جانلىق بەلگىلىمە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىنىلغاندىن كېيىن، كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاپتونوم رايون تۈزگەن جانلىق بەلگىلىمە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىلغاندىن كېين كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
51 - ماددا بۇ قانۇن 1981 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1950 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئېلان قىلىنغان <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى> بۇ قانۇن يولغا قويۇلغان كۈندىن باشلاپ بىكار قىلىنىدۇ.


مەنبە   :  http://www.alkux.com/article.asp?mid=175

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43400
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1795 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 10:07:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 11:03 PM
.يۈزسىز ئادەم يۈزسىزلىكىنى ھەر ۋاقىت ھەر جايىدا ھەر كى ...

   ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. شۇنداقلا سىز ئىيتقاندەك بىر ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43400
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1795 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 10:08:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
guzelim يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 11:24 PM
مىنىڭ مەسلەھەتىم شۇكى،
ۋاز كەچمەڭ! پۇرسەت بىرىڭ!
چىن مۇ ...

ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مەن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. شۇنداقلا سىز ئىيتقاندەك بىر ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن

كىملەرنىڭ ئەزىز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11997
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12615
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 4433 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 10:22:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 04:35 AM
مۇھاببەتلەشسە قانداق بولىدىغاندۇ?

مۇھەببەتلەشكەندەك بۇلدىغاندۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80814
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4769
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 10:27:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مابەتلەشسە شۇخاپىلىق

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13930
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5569 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 10:49:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«گۈزەلىم» دېگەن قېرىندىشىمىزنىڭ «تەلەپ قىل، سەۋەب قىل» دېگەن سۆزىنىڭ ناھايىتى جېنى بار. مېنىڭچە ئاۋۋال ئاللادىن تىلەش بىلەن بىرگە ۋاز كەچمەڭ، مۇنداق قارىسام يىگىتىڭىزمۇ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈدىغان ئوخشايدۇ، بولمىسا سىزدىن بۇرۇنلا تەلتۆكۈس ۋاز كەچكەن بولاتتى. قېنى ئاۋۋال تىرىشىپ بېقىڭ، يىگىتىڭىز ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلسۇن، شۇنداقتىمۇ يەنە قايىل قىلالمىسا توينى قىلىۋېرىڭلار، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ سىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ تويغا قوشۇلمايۋاتقىنى ئېنىق، بۇنىڭ ئۈچۈن تويغا قوشۇلماسلىق بىر ئەخلاقسىزلىق، ئادىمىيلىككە يات ئىش. شۇڭلاشقا ناۋادا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر قارىشىدا داۋاملىق چىڭ تۇرسا  توينى قىلىۋېرىڭلار، بىر قىسىم تورداشلار دېگەندەك توي قىلىغاندىن كېيىن كەڭ قورساق بولۇپ، چوڭلارنىڭ ياخشى خىزمىتىنى قىلسىڭىز ئۇلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇلارمۇ تاش ئەمەس گۆشتىن پۈتۈلگەن ئادەم بولغاندىكىن چوقۇم يۇمشايدۇ. ئاخىرىدا بارلىق ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا تىلەكداشمەن.

ئائىلەمدىكىلەرگە ساغلاملىق، خاتىرجەملىك، خۇشاللىق، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

سەندىكى ئەركەكلىك غۇرۇر شۇمىدى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8613
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2606 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 11:00:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىجران ئازابى تارتىپ باقمىغان ئادەم بۇ خىل ھىسياتنى چۈشىنىپ يىتەلمەسلىكى مۇمكىن
يۈرىكىمنى ئىزىپ
مىنىڭچىمۇ سەۋىر قىلىپ بىقىڭ ، ھازىرقى بۇ جەمىيەتتە كىشىلەرنى چۈشەنمەك بەكلا تەس بوپ كەتتى ، ئۇ يىگىتمۇ سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسە ئاتا-ئانىسىنى چوقۇم قايىل قىلالايدۇ ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ قايىل قىلىپ ناۋادا تويۇڭلار بوپ قالسا ئۆيىسىدىكىلەرنىڭ قەدرىنى قىلىپ ئۇ يىگىتنى چوڭلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ ، شۇندىلا چوڭلارمۇ ئوغلىدىن ھەم سىزدىن رازى بولىدۇ

ئاخىرىدا سىزنىڭ شۇ يىگىت بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ بەختلىك بولىشىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن ئوماق قىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-29 11:23 AM  


ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43400
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1795 سائەت
تىزىم: 2011-6-6
ئاخىرقى: 2013-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 11:16:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gunqa721 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-29 10:49 AM
«گۈزەلىم» دېگەن قېرىندىشىمىزنىڭ «تەلەپ قىل، سەۋەب قىل ...

ئالدى  بىلەن ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە  رەھمەت ئىتىمەن. شۇنداق سىز ئيتقاندەك ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۇشىمىز. دەسلەپتە  ئۇنىڭ ئاپىسى  ئىككىمىزنىڭ ئېشىغا شۇنداق قوشۇلغانىدى.ھەم مىنى ئۆز قىزىدەك كۆرگەنىدى، كىيىن توققانلارنىڭ ئارلىششى ئارقىسدا مۇشۇ ئىشلار يۇزبەردى....مەن ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىردىن ئاغرىنمايمەن. بۇنداق ئېىش ھەرقانداق ئاتا -ئانىلارنىڭ بىشىغا كەلسە ،چوقۇم شۇنداق ئويلىماي تۇرالمايدۇ-ئەلۋەتتە. قايسىى بىر ئاتا-ئانا ئۆزبالىسىنىڭ تۇرمىشىنڭ بەخىتلىك ئۆتىشىنى ئويلمايدۇ دەيسىز. پەقەت ئىككىمىزلا مۇھەببتىمىزدە چىڭ تۇرالىساقلا ، ئىشىنىمەنكى كىيىنكى تۇرمۇشتا ياخشى كىلىن بولۇپ ، چوڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىشىمدا ئۆزەمگە ئىشەنچىم بار!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش