haluo يوللىغان ۋاقتى 2012-6-29 11:16 AM
ئالدى بىلەن ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئىتىم ...
ئاۋۋال ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاندىن قالسا ئىككىڭلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە كۈچلۈك ئىرادىسى، ئەڭ ئاخىرىدايىگىتىڭىزنىڭ تەۋرەنمەس، ئۆزگەرمەس مەيدانى بولسىلا ئاللا خالىسا بېشىڭلار قوشۇلغۇسى. مېنىڭچىمۇ سىز چوقۇم ياخشى ئايال ۋە چوڭلارغا ياخشى كېلىن بولالايسىز. ئاللا ئىشىڭلارنى ئاسان، ئوڭۇشلۇق قىلىپ بەرگەي.
يەنە بىر تەكلىپىم سىز ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزدىكى كىچىككىنە نوقساننى بېسىم قىلىۋالماڭ، ھەم بۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنى يىگىتىڭىزدىن تۆۋەن كۆرۈدىغان ئىدىيەدە بولماڭ، چوقۇم مەيدىڭىزنى كېرىپ، مەردانە بولۇڭ. چۈنكى بېسىم ھەر قانداق ئادەمنى تۈگەشتۈرۈپ، ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gunqa721 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-29 12:05 PM