بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى دەرس سۆزلەۋېتىپ كەلگۈندىدىن سۇئال سوراپتۇ:
بىر دانە ۋاسكىتبۇل 20元 بولسا 3 دانە ۋاسكىتبۇل قانچە يۈەنگە كېلىدۇ ؟؟؟
ئۇ تىرنىقىنى تاتىلاپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز مۇئەللىمگە تېلفۇن كېلىپ قاپتىكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆگىنىش قىلىپ تۇرۇڭلار دەپ سىرتقا چىقىپ كېتىپتۇ.
ھايال بولمايلا كىرىپ ھە ئەمدى دەڭە قانچىگە كېلىدىكەن؟؟؟دەپتىكەن كەلگۈندى مۇئەللىم ئەمدى يەنە سىزگە تېلفۇن كەلمەمدۇ دېگۈدەك...
ئەقىل
نۆل بىلەن ئۆل چارلاش ساقچىسى بولوپ ئىشلەۋاتقان چاغلىرىكەندە ، بىر كۈنى بۇلار كوچىدا چارلاپ كېتىپ ئىككى دانە گىراناتنى بايقاپ دەرھال يۇقۇرىغا مەلۇم قىلماقچى بولۇپ ئىدارىگە مېڭىپتۇ، يولدا كېتىۋېتىپ نۆل ئەنسىرەپ دەپتۇ:
- ئەگەر ئىدارىگە بارغۇچە گىراناتتىن بىرەرسى پارتلاپ كەتسە قانداق قىلارمىز!
ئۆل - شۇنىمۇ بىلمەمسەن دۆت، باشلىققا گىراناتتىن تۆت دانە تېپىۋالدۇق دەيمىز - دە!
(2) بىلەرمەن
يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئاتامان قىشلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپتۇ، بىر كۈنى ئۇ مېۋىلىك دەرەخ چاتاۋاتقان بىر دېھقاننىڭ يېنىغا كېلىپ، بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن بىلەرمەنلىك قىلىپ دەپتۇ:
- ھەيران قېلىۋاتىمەن، كۆچەتنى بۇنداق چاتايدىغان بولسىڭىز كېلەر يىلى بىر تالمۇ ئالما چۈشمەيدۇ جۇمۇ!
- ئەلۋەتتە، مەنمۇ ھەيران قېلىۋاتىمەن! - دەپتۇ دېھقان ئاتامانغا مۇنداق قاراپ قويۇپ.
- نېمىگە ھەيران قېلىۋاتىسىز؟
- چاتاۋاتقىنىم ياڭاق كۆچىتى تۇرسا، ئەلۋەتتە ئالما چۈشمەيدۇ - دە!