2. شىركەت ئۈچۈن
كەلگۈندى شىركەت دېرىكتۇرى ، سەزگۈرى مۇئاۋىن دېرىكتور چاغلىرىكەندە ، بىر كۈنى كەلگۈندى بىلەن سەزگۈرى دەرياغا سۇغا چۈشكىلى بېرىپ، كەلگۈندى دەرياغا چۆكۈپ كېتىپتۇ، شىركەتتىكىلەر مۇئاۋىن دىرېكتورسەزگۈرىدىن سوراپتۇ:
- دىرېكتور دەرياغا چۆكۈپ كەتكەندە سىز ئۇنى كۆرگەنمىدىڭىز؟؟
- كۆرگەن، مەن دەريا بويىدا ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرغان ئىدىم.
- نېمە ئۈچۈن سىز دەرياغا سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالمىدىڭىز؟؟
- مەن ئۇ چاغدا شىركەتنى ئويلىدىم، ئەگەر ھەر ئىككىلىمىز سۇغا چۆكۈپ كەتسەك، شىركەتنى كىم باشقۇرىدۇ.
3. چىرايلىق ئايال ۋە تىلەمچى
بىر كۈنى باھادىر يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ بېرىپ،پۇتى قايرىلىپ كېتىپ ياردەم سورىماقچى بولوپ بىر ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ، ئۇ ئۆيدىن چىرايلىق سۈمەييە چىقىپ، ئۇ يىگىتكە قاراپ:
- ھەي بالا، سەن شۇنداق ياش بولغاندىكىن تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگىچە، بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلەپ جېنىڭنى باقساڭ بولمامدۇ، - دەپتۇ.
باھادىر :
- ماقۇل خانىم، شۇنداق قىلاي، دېگىنىڭىزغۇ توغرا، مېنىڭچە سىزمۇ شۇنداق چىرايلىق بولغاندىكىن، ئۆيدە ئولتۇرغىچە سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى - دەپتۇ.
4. ساقچى بىلەن ئوغرى
بىر كۈنى ساقچى باشلىقى كارۋان ئۆزى يالغۇز بىر جىنايەتچى تۇتۇۋاپتۇ، ئۇنى ماشىنا بىلەن ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ھىلىقى ئوغرى:
- ھۆرمەتلىك ساقچى باشلىقى ئەپەندىم، ماشىنىنى توختىتىپ تۇرغان بولسىڭىز، مەن ئالدىمىزدىكى ماگىزىنغا كىرىپ بىر قاپ تاماكا ئېلىپ چىققان بولسام، - دەپتۇ.
كارۋان :
- سەن مېنى ئالداپ قويۇپ قېچىپ كەتمەكچى، شۇنداقمۇ؟ مەن ھەرگىز ئالدام خالتاڭغا چۈشمەيمەن، ئەڭ ياخشىسى سەن ماشىنىدا مېنى ساقلاپ تۇرغىن، ساڭا تاماكىنى ئۆزۈم ئەكىلىپ بېرەي.