arman312 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-8 01:52 PM
سىزمۇ ئۆز تەقدىرىڭىزگە قاراپ مېڭىۋىتىپىسىز مانا !مەي ...
شۇنداقمۇ ؟ ئەمما بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئىخىتيارىدا بولىدۇ ...
پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدۇ . ئەمما ، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆيۈپ ئۆلىدىغانلىقىنى
بىلمەيدۇ . ھەم خۇدا پەرۋانىگە بۇنى ئاڭقىرالىغۇدەك ئەقلىي تەپەككۇر
بەرمىگەن .
ئەمما ، ئىنسان ئوخشىمايدۇ . خۇدا ، ئىنسانغا ئالىي تەپەككۇر ، تاللاش
ھوقۇقىنى بەرگەن.
مەسىلەن : بىراۋ پاھىشخانىغا كىرىپ ئەيدىزنى يۇقتۇرۋالدى . بۇنى تەقدىر
دەپ قارامسىز ؟
يەنە بىراۋ ھۇرۇنلىقى ، ئىسراپخۇرلىقى ، بىپەرۋا ، ئىزدەنمەسلىكى تۈپەيلى
مۇھتاجلىق نامراتلىق ھالىتىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ . ئەجىبا ، خۇدا ئۇنىڭ تەقدىرىگە
نامراتلىقنى پۈتۈۋەتكەن بۇلارمۇ ؟
سىلەرنىڭ تەقدىرگە بولغان ئۇقۇمىڭلار بۇيىنچە بولسا ، ئۇيغۇر ئىسلاھاتچى ،
مەرىپەتپەرۋەر ، مۇتەپپەككۇر ئالىمىي ئابدۇقادىر داموللامنىڭ : ‹‹ ھەرقانداق
ئىشنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقرىشنى ئاللاھ ئادەت قىلمىغاندۇر ! بەلكىم ھەر
قانداق ئىش تېرىشچانلىق ، ئىجتىھاد بىلەن بەرپا بولىدۇ . ھەممە ئىشقا
پىداكارلىق ، تېرىشچانلىق كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليۇرىقىدۇر ›› ، ‹‹ ئىنساننىڭ
تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر ›› دىگەن ئايەت بۇنىڭغا ئىسپاتتۇر ! دەپ نادانلىق ، خۇراپاتلىققا قارشى چۇقان كۆتۈرىشى ئەخمىقانىلىق ئىكەندە ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-8 08:35 PM