arman312 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 04:25 AM
ياق.
غەيۋەتخور_ بىر كىشىنىڭ يامان گىپنى ئۇ يوق چاغدا ب ...
غەيۋەت بەك چوڭ گۇناھ ، ھەتتا زىنا بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرىدىغان گۇناھ . سۇخەنچىلىك قىلغان بارلىق ئىبادەتلىرى قۇبۇل بولمايدىغان دەرىجىدە گۇناھ ئىكەن ، شۇڭا ئىككىسىنى بىر دائىرىگە كىرىدىغاندىمۇ دىگەن خىيال كىلىپ كاللامغا شۇنداق سورىغان .
ئەمىليەتتە بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە لوغەت مەنىسىنى ئاساسەن بىلىمىز ، مەسىلە بۇ سۆزلەرنىڭ ئىسلامدىكى مەناسى ، مەسىلەن سۇخەنچىنىڭ ئىسلامدىكى كونكىرت سۈپەتلىرى قانداق دىگەندەك. مۇشۇ سۈپەتلەرگە قارىتا كاللىدا توغرا چۈشەنچە بولسا ، ئاندىن ئېغىر گۇناھتىن تېخىمۇ ياخشى ساقلانغىلى بۇلىدۇ دەپ ئويلىدىم .
سۇخەنچى دىگەن گەپنى باشقا مەنادا چۈشىنۋاپ ، شۇ كاللىسىدا چۈشەنگىنى بۇيىچە سۇخەنچىلىك قىلماي دەپ ھەرىكەت قىلغان بولسا ، ئۇ ھالدا ساقلانغىنى باشقا ، ھەقىقى سۇخەنچىلىك قىلغىنى باشقا بوپ چىقىدىغان گەپ ، بۇنداق بولسا گۇناھلارغا بىلىپ بىلمەي شىرىك بۇلۇپ مېڭىپ قالىدۇچۇ ....
شۇڭا تەپسىلى بىلىدىغانلار بولسا دەپ بەرسە ، بىلمەيدىغانلار ھەممىسى بىلىۋالسا ، چۈشەنچە ئايدىڭ بوپ كەتسە دەپ يۇقارقى بىرنەچچە سۇئاللارنى سوراپ قويدۇم.