akbar0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 11:17 AM
پەيشەنبە،جۈمە كۈنلىرى توپراق بېشىغا چىقىپ ئۇرۇق-تۇققا ...
بۇ قاندق گەپ ئەمدى؟ ئىسلامدا بىرەر ھاجەت ئۈچۇن قەبرىستانلىققا چىقىپ چوڭلارغا دۇئا قىلىدىغان ئىش يوق، قەبرستانلىققا بىرىشتىن مەخسەت پەقەتلا ئۆلۈمنى ئەسلەش، ئۇنۇڭدىن باشقا مەخسەتلەر بىلەن قەبرىستانلىققا بىرىش جىنايەتتۇر ئىسلامدا. بۇنىڭ ئۆزى ھەم بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ئۆزى دەۋزەختۇر، ئاللاھ ساقلىسۇن ھەممەيلەننى بۇنداق ئازغۇنلۇقلاردىن. ئاللاھتىن تىلەش ،سوراشلار مۇئەييەن ئورۇن،مۇئەييەن ۋاقىتقا خاس ئەمەس،مۇشۇنداق خاس قىلۋىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ھەم گۇناھتۇر.
مەزكۇر قىرىندىشىم سىز ئاۋۋال ئاللاھقا ھەقىقى ئىخلاس قىلىڭ، ئاندىن قەلبىڭىزنى ھەرتەرەپتىن پاكلاڭ!
يىمەك -ئىچمىكىڭىزنى شۈبھىلەردىن پاكلاڭ، نامازنى قەتتى تەرىك ئەتمەڭ، پىنھان چاغلىرىڭىزدا ئاللاھقا ياش تۆكۇپ ئىلتىجا قىلىڭ، قاتتىق سەبىرچان بولۇڭ، يۇقۇرقىلارنى يولدىشىڭىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىك! ئاللاھنىڭ چوقۇم مەزلۇمنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىغا قەتتى ئىشىنىڭ!
ئاللاھتىن سىلەرگە سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتاقىلىشىنى تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ORKAXBAY تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 02:33 PM