033250 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-7 03:36 PM
نىمە دىگەن گەپ بۇ ئاللاھ ئۇنچىلىك خار كۈنلەرنى كۆرسەت ...
قانداق ، بىزدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز جاۋاب بېرىمىز مۇشۇنداق ...
ھېچقانداق گەپ ئەمەس . ئۇيغۇرچىنى تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈش كېرەكمۇ ؟
‹‹ مەسىلە ئۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقىدىنمىكىن دەيمەن ›› دەپسىز ؟ مىكى ، مىكىنى
قويۇپ يا ھەر ئىككىڭلار تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىپ كۆڭلۈڭلارنى توختىتىڭلار !
قۇرۇق ئۈمىد ، سەۋىرچانلىق ئەزقاتمايدۇ . كونكىرىت مەسلىگە ، كونكىرىت
مۇئامىلە قىلىش كېرەك !
ئەلۋەتتە ، ئېرىڭىز ‹‹ بالىمىز بولمىسىمۇ ئوي تۇتىمىز ›› دېسە بۇ باشقا گەپ .
ئەمما ، دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ . ئېرىڭىزگىمۇئىچىڭىز ئاغرىسۇن .
چوڭلارمۇ ئائىلە نەسەبىم ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن دەپ نەۋرىلىك بولۇشقا ئېتىبار بېرىدۇ .
راستىنلا سىزدە مەسىلە بولۇپ قالسا ، ئۆزىڭىزنىلا ئويلىماي ، ئېرىڭىزگە تۇغۇمچان
خاتۇندىن بىرنى ئېلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ . شەخسىيەتچىلىك قىلغاننىڭ پايدىسى
يوق .
بۇنىڭ يامان يېرى يوق . ئېرىڭىزنىڭ بالىسى سىزنىڭ بالىڭىز ئەمەسمۇ ؟
بۇنىڭدا قەستەنلىك يوق . دىندىمۇ ئەرنىڭ تۆت خۇتۇن ئېلىشىغا يول قويغان .
ھەقنى تونۇغان ، ئاللاھتىن قورقىدىغان كىشىگە بۇ كۈن << خار >>ھىسابلانمايدۇ ...
بۇ پەقەت ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۇسۇلىي .
بىر ناخشا بولىدىغان ، مەزمۇنى ئازراق ئىسىمدە قاپتۇ.
تۇغماس توخۇ ياتىدۇ ، ئوۋىلىقنى ئىگەللەپ ،
تۇغماس توخۇ كاتەكتە تاللاپ ئېسىل دان يەيدۇ ،
تۇغمايدۇ يا كاتەكنى تۇغقانلارغا بەرمەيدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 05:48 PM