باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسى بەزىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە تىما تەستىقلاش ئۆچۈرۈشتەك ئاددىيلا بىر ئىش دەپ قارىلىشى مۇمكىن، باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقانلار ئىچىدىمۇ مۇشۇ ئىدىيەدىكىلەرنى يوق دىگىلى بولمايدۇ.
ياخشى بىر باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن سىياسىي ئىڭى يۇقىرى بولۇش، بەلگىلىك رەھبەرلىك ئىقتىدارى بولۇش، بەلگىلىك قەلەم قۇۋۋىتى بولۇش، ئىغىر-بىسىقراق بولۇش ۋە مۇنبەرنى چۈشىنىش...قاتارلىق شەرىتلەر تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قاتتىق قول بولۇشقا تىگىشلىك يەردە زەھەرخەندىلىك بىلەن قاتتىق بولالايدىغان، يۇمشاق قول بولىدىغان يەردە مىھرىبان ئانىنىڭ بالىغا قىلغان مۇئامىلىسىدەك ئاقكۆڭۈل بولالايدىغان بولۇشى كىرەك يەنى باشقۇرغۇچىنىڭ پىچىقىنىڭ ئالدىمۇ كەينىمۇ كېسىشى كىرەك.
مۇنبەرنى ئەزالارنى چۈشىنىدىغان باشقۇرغۇچى ھەرقانداق بىر زىل تېمىنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن، شۇ تىمىغا چۈشىدىغان ئىنكاسلارنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ، ھەمدە بەزىبىر توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، بىرقىسىم باشقۇرغۇچىلىرىمىز بار باشقا تېمىلارغىغۇ دىققەت قىلمىسۇن، ئۆزى تەستىقلىغان تېمىغا چۈشۈۋاتقان ئىنكاسلارغا قاراپمۇ قويمايدىغان، تورقانۇنىغا خىلاپ گەپ-سۆزلەر ياكى جىدەل چىقىپ شۇنچە سەت گەپلەر بولۇنۇپ كەتسىمۇ قارايدىغان ئادەم يوق.
ئەسلىدە ھەر بىر باشقۇرغۇچى ئاۋۋال ئۆزى تەستىقلىغان زىلراق تېمىلارغا باشتىن ئاخىرى ئىگە بولۇشى كىرەك ئىدى، مۇنداق دېگىنىم باشقا تېمىلار بىلەن كارى بولمىسۇن دىگەنلىك ئەمەس، ئۆزىنىڭ پادىسىغا بەكرەك ئىگە بولسۇن دىمەكچىمەن.
تېمىلاردىكى ئىملا خاتالىقى مەسىلىسىنى باشقۇرغۇچىغا ئارتىپ قويۇۋەرسەك قاملاشمايدۇ، بىلىشىمچە ھازىرقى مۇنبەر سىسىتىمىسىدا ئارقا بەتتە تېما تەھرىرلىگىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئەسلى تېما قانداق بولسا شۇ پىتى تەستىقلىنىپ قالىدۇ، باشقۇرغۇچىلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بار، تېمىنى تەستىقلاپ بوپ مۇنبەر باش بىتىگە چىقىپ بولۇشىغا بەش مىنۇتچە ۋاقىت كىتىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا تەستىقلىغان تېمىسىنى قايتا تەھرىرلەشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئىملا مەسىلىسىگە تېما ئىگىلىرى بەكرەك كۈچىسە دىگەن پىكىردىمەن.
باشقۇرغۇچى توغۇرلۇق دەيدىغان باشقا گەپلىرىمنى تۆۋەندىكى ئادرىستىكى (باشقۇرغۇچىلارنى چۈشىنەمسىز) ناملىق تېمىدا ئىيتىپ ئۆتكەنتىم.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-20634-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ياۋۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-7 09:24 PM