رامىزان قوشىغى
رامىزان سەبىرى قانائەت ئىيى بۇ
بىز ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت ئىي بۇ
ھەققە چىندىلدىن ئىبادەت ئىي بۇ
ئەھلى ئىسلامگە سائادەت ئىي بۇ
رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان
رامىزان بايلار ئۈچۈن ھىممەت ئىيى
ئاچۇ زارغا مىھىرى ۋە شەپقەت ئىيى
ئىزلىگەنگە ئۇشبۇ ئاي جەننەت ئىي
ئۇ ئازات ھەم مەغفىرەت،رەھمەت ئىيى
رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان
ئۇشبۇ ئاي مۇئمىنگە خوشلۇق يەتكۈسى
قەلىبلەردىن ئۆچ ئاداۋەت كەتكۈسى
رەببىمىز دەۋزەخنى مەھكەم ئەتكۈسى
روزىدارنى ھۆر پەرىلەر كۈتكۈسى
رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان
نەپسىنى يىققاي مۇسۇلمان كۆرسە ئاي
پاكلىنىپ چىققاي گۇناھدىن كىرسە ئاي
خسلىتى كۆپ ھەر كىشىگە بىلسە ئاي
زەپ ھوزۇر چىندىل ئىبادەت قىلسە ئاي
رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان
ئۇندا مىڭ ئايغا بارابەر كىچە بار
ئاز ئەمەلگە كۆپ ساۋاپ بەرگۈچى بار
ئۈممىتىگە قەلبىدىن كۆيگۈچى بار
چىندىلىدىن ياخشىلىق سۆيگۈچى بار
رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان
رامىزاندا بولسا ھاجەت سورىۋال
قىپ دۇئا رەببىڭگە قاتتىق تىلىۋال
بىل غەنىمەت ھەر ساۋاپنى ئىلىۋال
جەننىتىڭ دەرۋازىسىنى قۇرىۋال
رامىزان ئاللاھ بۇ شەھرى رامىزان
خۇش مۇبارەك پادىشاھى رامىزان
مەنبە :
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=82414&page=1#pid1195355 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-11 08:45 PM