بىزلەرنىڭ يۇرتتا مەن كىچىك ۋاتىمدا مانداق ئېيتاتتۇق .
رامزان توۋلاپ كەلدۇق دۆڭ مەھەللىدىن .
بىزگىمۇ قويغانمىدۇ لەغمەنلىدىن .
خۇش مۇبارەك رامزان ...
ئىشىكىڭنىڭ بېشىدىن ئاي كۆردۈم .
ھەممىدىن بەك پالانى ئاكامنى باي كۆردۈم.
خۇش مۇبارەك رامزان...
قوشقۇرۇمنىڭ مۈڭگۈزى توغام توغام.
پۇكۇنى ئاچام نان يېقىپتۇ يوغان يوغان .
خۇش مۇبارەك رامزان...
رامىزاننى ئونبەش قىلىپ كەلدۇق سىزگە .
رامىزانلىق ئاتىغاننى بىرىڭ بىزگە .
خۇش مۇبارەك رامزان...
يەنە بار ئىدى مەنمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ...
كىچىكىمدىكى بىر ئىش پەقەت ئېسىمدىن كەتمەيدۇ رامزان توغرالىق گەپ بولسىلا .
بىز بىر ئاخشىمى بالىلار بىلەن رامزان توۋلاپ چىققانتۇق ، رامزان نىممەتلىرى بىلەن خالتىمىز يېرىم بولغاندا يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا باردۇق . ئۇ ئادەم بىزگە ئاياققا سېلىپ قاتلىما ئېلىپ چىقتىم قېنى خالتىنى ئېچىڭلار ئىچىگىلا سېلىپ قۇياي بەك ئىسسىقتى قۇلۇڭلار كۆيۈپ قالمىسۇن دەپلا ھېلىقى ‹‹قاتلىما››نى خالتىغا سېلۋەتتى ، ئاي قاراڭغۇسى بولغاچقا كىچىكلىكتە ئۇخمايلا ساپتۇق . كىيىن نانلارنى بۆلىشىدىغاندا تۇتۇپ قارىساق كالىنىڭ يېڭىدىن چىشقان پوقى ئىكەن
شۇنىڭ بىلەن بىز ھەم كۈلدۇق ھەم بىر تەرەپتىن ئاچچىقدىدۇق. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى پىقسىقنى كىيىنكى ئاخشىمى مانا مۇنداق تىللىدۇق ...
ئىشىكىڭنىڭ ئالدى - كەينى چىتلىق چىتلىق.
نان ئورنىغا پوق بەرگەن پالانى پىشتلىق ...
ئېتىزلىقتا سۇنۇپ كەتتى ھارۋامنىڭ ئوقى .
پالاناخۇننىڭ يىيىشى كۈندە كالىنىڭ پوقى ...
دىسەك ، بىر چېلەك يۇندىنى ئېپ چىقىپلا بېشىمىزغا چاچاي دىگەن ھامان يەنە بىر نىمىلەرنى دەپلا تىكىۋەتتۇق .
ھەي بالىلىق !!!!!!!!!!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jula0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-12 02:14 AM