شىۋىتسىيەدىن دۇنياغا سادا
بىر-بىرىدىن ئوماق بالىلار ،
تۇرار ئىدى سەپتە ”گىم“ ئۇقۇپ.
قارىشاتتى رەڭدار بايراققا،
ھاياجاندىن قايتا روھلۇنۇپ .
ھەممە تۇردى ئېھتىرام بىلەن،
ئۇيغۇرلۇرۇم سەپتىن ئۆتكەندە .
ھاڭ-تاڭ قالدى غەرىپ ئەللىرى،
ئۇيغۇر ئوغلى "گول"نى تەپكەندە .
ئارقا-ئارقىدىن ئۇرۇلغان توپلار،
ياڭرىتاتتى دۇنياغا سادا ....،
بۇنى كۆرگەن بارچە ئاخبارات
تارقىتاتتى ھەر تارالغۇدا .
سورىشاتتى ھەيرانلىق بىلەن،
بۇلار قايسى "پىلانىت" لىقلار ؟
كۆرمىگەنتۇق پۇتبول بەيكىدە،
بۇنداق ماھىر، چىۋەر بالىلار ؟.
ئانا يۇرتىمىز تەكلىماكانلىق ،
تەڭرىتاغلىق ئۇيغۇر بالىلار.
ياشاپ كەلگەن يىپەك يۇلىدا،
قالدۇرغانھەم ئۆچمەس تارىقلار .
بۇنى ئاڭلاپ دۇنيا ئەللىرى ،
ئېغىز تۇتتى ھەيرانلىق بىلەن.
دىدى، بۈيۈك ئۇتۇق تىلەيمىز،
تىرىشىڭلار دادىللىق بىلەن .
※
ئەي قەدىردان جان-جىگەرلىرىم،
تىرىشىڭلار دادىللىق بىلەن ،
غەلبە ھامان سىلەرگە مەنسۇپ،
كېلەچەك ھەم "شۇ ئۈمۈد" بىلەن.
مۆلجەرلى
2012-07-18
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-18 08:14 PM