XERHAN يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 08:45 PM
مەن تېخى سۈرەت ياكى فىلىم ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، ياخشى يې ...
ئالدى بىلەن سىزگە ۋە بارلىق تورداشلىرىمغا سەمىمى سالام يوللايمەن -
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
- -- مەن تۇغۇلۇپ چوڭبولغان يۇرت ”مەھەللىدە“ ئۆزى ئاددى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ تارخى رەۋاياتلىرى خەلىق ئارىسىدا داستان بولغان بىر تاغ بار ئىكەن.
مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا دادام مېنى دائىم ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، شۇ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىپ مەزكۇر داستانلارنى تەپسىلى ئېيتىپ بىرەتتى، ...كۈنلەر كېلىپ مەنمۇ دادامنىڭ ئورنىدا دادا بولدۇم . ئۆز باللىرىمغىمۇ ئەنە شۇ داستانلارنى دائىم سۆزلەپ بېرىدىغان بولدۇم. بىراق مىنىڭ ياشاۋاتقان ئورنۇم شۇ داستانلىق، گۈزەل مەنزىرلىك ، باغرى ئىللىق تاغ باغرىدىن تۇلىمۇ ئۇزاق بولغاچقا، كەلگۈسىدە مىڭنىڭ باللىرىم بۇ داستاننى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە يەتكۈزەلمەي قالمىسۇن دەپ، مەزكۇر داستانلىق ”مۆلجەرتاغ“نىڭ ئاتىلىشىنى ئائىلىمىزگە تەگئات ”پامىلى“ قىلىپ ”مۆلجەرلى“ دەپ قوللاندىم.