!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 11:41 AM
شۇ پۇقرالارغا ياخشى كۈن بوپ قالىدۇ دەپ ، جۈمە كۈنى ھېي ...
قۇربان ھېيىت نامىزى بولسا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈنى تۇرسا بۇ كۈننى
ئالدى–كەينى قىلىپ ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىۋىتسە دۇنيا ئىسلام جەمىيىتى ،ئىسلام ئالىملىرى جەمىيىتى بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق
ئىپادە بىلدۈرمەسما …بۇ دىگەن ئۇنداق كىچىك ئىش ئەمەس ، ئەڭ ئاددىسى شەنبە–يەكشەنبىلىك
دەم ئېلىش ۋاختىمىزنى بىرەر بايرام مۇناسىۋىتى
ياكى باشقا سەۋەپلەر بىلەن ئۆزگەرتىۋەتسىمۇ
خېلى غوتۇلداپ–كوتۇلدايدىغانلار چىقىدىيۇ ،
مۇنداق چوڭ خەلقئارادا ئىتراپ قىلىنغان
پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈنىنى
خالىغانچە ياكى ئۆز ئىھتىياجى ئۈچۈن ئۆزگەرتىۋەتسە بۇ ئىش غولىغولا قوزغىماي قالارمۇ ؟ مىنىڭچە بىزنىڭ ئادىل ھۆكىمىتىمىز
ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ دەپ ئويلايمەن …
پۇقرالارنىڭ خۇشاللىقى ھاكىمىيەت ئۇۋلىنى مۇستەھكەملەيدۇ …دىگەن گەپ بار …
قۇدرىتى ئۇلۇغ اللة ئىگىمىز مۇشۇنداق ئۇلۇغ كۈنلىرىمىزنى ئۆز ۋاقىت سائىتى بويىچە
ئۆتكۈزىشىمىزگە نىسىپ قىلغاي…امين