akbar0997 يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 02:00 PM
ھېجىريە يىلى يەنى مىلادىيە 622-يىلى ھېجىريەنىڭ 1-يىلى بۇ ...
ھېجىرىيە يىلى بىلەن مىلادىيە يىلى كۈن سانى جەھەتتە تەپتەڭ بولمايدۇ. ھىجىرىيە يىلى مىلادىيە يىلىدىن يىلدا 10 كۈن، ئون نەچچە سائەت، نەچچە مىنۇت كەم بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، دەۋرىي قىلىپ ئايلىنىش نەتىجىسىدە مۇشۇنداق پەرىق كېلىپ چىقىدۇ.
تەپسىلى بىلمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ فورمىلىدىن كۆرۈۋېلىڭ.
مىلادىيە يىلى بىلەن ھىجرىيە يىلىنى ئۆزئارا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى
ھىجرىيە يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى:
M=H-(H/33)+622
فورمىلىدىكى H ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان ھىجرىيە يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: ھىجرىيە 1382- يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
M=1382-(1382/33)+622
=1382-(41.878788)+622
=1382-42+622
=1962
مۆجىزىنىڭ "مۇزىكانتلار تارىخى" ناملىق ئەسىرى يېزىلغان ۋاقتى ھىجرىيە 1271- يىلىنى مىلادىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
M=1271-(1271/33)+622
=1271-(38.51515151)+622
=1271-38+622
=1855
مىلادىيە يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇش فورمىلىسى:
H = M -622+ (M -622) /33
فورمىلىدىكى M ئايلاندۇرۇلماقچى بولغان مىلادىيە يىل سانىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسىلەن: مىلادىيە 1962- يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
H = M -622+ (M -622) /33
= 1962 -622+ (1962 -622) /33
= 1340+ 40.60606061
=1381
يەنە مىلادىيە 1855- يىلىنى ھىجرىيە يىلىغا ئايلاندۇرۇپ كۆرەيلى:
H = M -622+ (M -622) /33
= 1855 -622+ (1855 -622) /33
= 1233+ 37.363637
=1270
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tunyukuk99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-14 07:05 PM