ARIX يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 11:21 PM
ئۇبالا بەكلا شىېرىن خىيال قىپتۇ، لىكىن خىيالغا ئۆزى بى ...
ئالدى بىلەن تېما تەۋە سەھىپىگە قاراڭ، ئاندىن تېما مەزمۇنىنى ئوبدان ئوقۇڭ، مەن پەقەت قېرىنداشلارنىڭ پىكىرىنى بىلىپ باقماقچى، قىلالايدىغانلار چىقىپ قالسا تېخى ياخشى دەپ ئويلىدىم، ئەلۋەتتە مەنمۇ تىرىشسام بولىدۇ، لېكىن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن كېتىشى مۇمكىن، پروگرامما لايىھەلىگەن بىلەن ئوينايدىغانلار بارمۇ دەپسىز، مېنىڭچە ئوينايدىغانلار بار. سىز ئۇنداق قارىمىسىڭىز پىكرىڭىزنى ساقلاپ باقسىڭىز تامامەن بولىدۇ. پۇلنىڭ ئىشىغا كەلسەك ئۇ پۇلنى ئۇنچە كۆپ ئويلىۋالماڭ، ۋاقتى كەلسە ئۇنچىلىك پۇلنىڭمۇ ھاجىتى قالماسلىقى ياكى كارايىتى چاغلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. تەسەۋۋۇر قىلشتا يۈرەكلىك بولۇش كېرەك.