مەن ئوقۇتقۇچى لىكىن ھاراقكەش ئەمەس،مەن ئوقۇتقۇچى لىكىن پاھىشىۋازئەمەس،مەن ئوقۇتقۇچى ئوغرى-قاراقچى ئەمەس.....
بىز زادى قانداق خەق ؟بىردەم ھازىرقى قىزلىرىمىز چەتئەللىك بىلەن قاچتى ،ختاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ،ئوغۇللار غىتمەكلەشتى،قىزلارنى بۇزىۋەتتى،ئانىلار بۇنداق ،ئاتىلار بۇنداق ،ساقچىلار بۇزۇق ،باشلىق بولسا پارىخۇر؟؟زادى ياخىش ئادەم قالمىدىمۇ؟ۋەياكى بىزلەرگەپارتىيەنىڭ غەمخۇرلىقىدا مۇنبەرلەرگە ئولىشىپ غەيۋەت قىلىشتن مىللەتنى سۆكۈشتىن باشقا ئىش قالمىدىمۇ؟؟
مۇنداق ئىككى ئىشنىڭ ئوقۇتقۇچىدىكى خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلماي بولمايدۇ
1.ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىڭىز سىز گە موبالىغە ،ئوخششتىش سۈپەتلەشنى توغرا ئۈگەتمەپتۇ.
2.سىزگە چوڭلارچە تەپەككۈر قىلىشنى ئۈگەتمەپتۇ.
3،سىزگە تۇز كورلۇق قىلماسلىقنى ئۈگەتمەپتۇ.
4.سىزگە خەت يىزىشنى .ئوقۇشىنى ئۈگىتىپ بەك يامان قىپتۇ.
بەلىكم ئاشۇ سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا ،سىزگە ياخشى بىلەن ياماننى ،«ئا»بىلەن«ب»نى ئۈگەتكەن ،ئۇستازلىرىڭىز ،سىزنى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزىنى بىر تېيىنگە ئەرزىمەس ئادەم قىلىپ سۈپەتلەش ئۈچۈن ئۈگەتكەن بولغۇيمىتى؟؟؟
مەن ئوقۇغۇچىلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئوقۇتقۇچى دەپ ئاڭلىغان ،لىكىن مىللتىنى ئۇيغۇر دىمەپتىكەن.مەن ئەخلاقىسز ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ كۆرگەن،لىكىن بىر ياكى ئىككى.....
ئاخىردا پەخىرلىنپ شۇنى دەيمەنكى مەن ئوقۇتقۇچى ،دەرس مۇنبىرى مىنىڭ بارلىقىم!