arzuumut يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 06:55 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھەقنى (يەنى قۇرئاننى ) بىلىشكە ئىنت ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش دېگەن سۆزىڭىز ناھايىتى توغرا. لېكىن «مەنىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ يادلىسا ساۋابى بولمايدۇ»دېگىنىڭىزنى بەكلا ئالدىراپ دەپ سالدىڭىز. ھەممىسىنىڭ ساۋابى ئۆز يولىدا بولىدۇ. يەنە بىرسى قۇرئان كەرىم پەقەت بىرلا، يەنى ئەرەب تىلىدا نازىل قىلىنغان بىرلا قۇرئان بار. باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى پەقەت ئۇنىڭ شۇ تىلدىكى چۈشەندۈرۈلۈشى، تەپسىرى بولالايدۇ،ھەرگىزمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە تەڭداش ئەمەس. ئوقۇپ چۈشىنىشتە پايدىلانساق بولىدۇ. لېكىن يادقا ئېلىش، قىرائەت قىلىشلاردا يەنىلا قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ئىشلىتىمىز.
بولسا مۇشۇنداق مەسىلىلەردە ئويلىنىپراق، ئىزدىنىپراق سۆزلىسەك.