arzuumut يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 02:49 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداش hezine ئەپەندىم ! راس دەيسىز ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ھەرقانداق تەرجىمىنىڭ ئەسلىدىكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانسىز،بەلكىم. ئاللاھنىڭ سۆزى دېگەندە بىرلا قۇرئاننى كۆرسىتىدۇ، تەرجىمە باشقا گەپ. شۇڭا نامازدا قىرائەت قىلغاندا، ئۆلىمالار قۇرئاننى تەتقىق قىلغاندا تەرجىمىسىنى ئەمەس ئەسلى قۇرئان ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ھەقتە جىق توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
يۇقىرىدىكى ئىنكاسىم سىزنىڭ «چۈشەنمەي ئوقۇسا ساۋاب يوق»دەپ ئالدىراپ ئېيتىلغان سۆزىڭىزگە قارىتا يېزىلغان. مەنچە ئارىمىزدا تەرجىمىسىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ دەيدىغان قاراشتىكىلەر يوق دەپ ئويلايمەن. دېمەكچى قۇرئاننىمۇ قىرائەت قىلىپ تۇرايلى، تەرجىمە،تەفسىرلىرىنى ئوقۇپ تۇرايلى.ھەممىسى ئۆز يولىدا بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hezine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-13 11:03 AM