روھى ھالەت سىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ
1. ھەر قانچە بىئارام بولسىڭىزمۇ كۈلۈمسىرەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ.
2. ھەر قانچە ئالدىرىسىڭىزمۇ سۆزىڭىزنىڭ ئورامىغا دىققەت قىلىڭ.
3. ھەر قانچە جاپادا قالسىڭىزمۇ قەتئىي چىڭ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
4. ھەر قانچە ھېرىپ كەتسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ.
5. تۆۋەنچىلىك بىلەن ئادەم بولۇڭ؛ سىز چوقۇم بارغانسېرى سالماقلىشىپ كېتىسىز.
6. چوڭ گەپ قىلىپ ئىشلەڭ؛ سىز چوقۇم بارغانسېرى ئەلالىشىپ كېتىسىز.
7. مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنىڭىزدا ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنۇتماڭ.
8. مەغلۇپ بولغۇنىڭىزدا يەنە كەلگۈسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماڭ.
9. ئېرىشىشكە كۆزىڭىز يەتسە تىرىشىڭ، ئېرىشەلمىگىنىڭىزنى كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.
10. مەيلى ئۇتۇۋېلىڭ ياكى ئۇتتۇرۇڭ ھەممىسىدە قورسىقىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ.
11. تۇرمۇش دېگەن تاق لىنىيىلىك ئەمەس، بىر يولدىن ئۆتەلمىسىڭىز ئەگىپ ماڭسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.
12. كۆز يېشى بىلەن تەرنىڭ تەركىبى ئوخشاپ كېتىدۇ؛ ۋاھالەنكى ئالدىدىكىسى پەقەت سىز ئۈچۈن ھېسداشلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ، كېيىنكىسى بولسا سىز ئۈچۈن ئۇتۇق ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
13. قېرىش كىشىلىك تۇرمۇشتىكى زۆرۈر دەرسلىك.
14. پىشىپ يېتىلىش تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرسلىك.
15. چېنىقىشنى ئاساس قىلىپ، ساغلاملىقنى ئۈگىنىۋېلىڭ،
16. ماسلىشىشنى ئاساس قىلىپ، ياشاشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.
17. ۋاز كېچىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ، زېرىكىشكە بەرداشلىق بېرەلەيسىز ھەم ئازدۇرۇشلارغا چىدىيالايسىز.
18. ھەممە ئادەم تۆۋەنچىلىك قىلغاندا، چوڭ گەپ قىلىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، بىراق چەكتىن ئاشۇرۋەتمەڭ.
19. ئۇنتۇشنى ئۈگىنىۋېلىش تۇرمۇشنىڭ تېخنىكىسى.
20. كۈلۈمسىرەشنى ئۈگىنىۋېلىش تۇرمۇشنىڭ سەنئىتى.
21. ھورۇنلۇق داتلاشقانغا ئوخشاش بېرىلىپ ئىشلەشتىنمۇ بەكرەك بەدەننى خورىتىۋېتىدۇ.
22. ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئويغىنىش.
23. دانىشمەنلەردە غەم بولمايدۇ، ئەقىللىك ئادەملەر دائىم خۇشال يۈرۈيدۇ. چۈنكى سۆيەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىگە بولماستىن، بەلكى ئىگە بولغاننىڭ ھەممىسى سۆيگۈدۇر.
24. يوقىتىشقا بولمايدىغان نەرسە: ئۆزىنى كونترول قىلىش كۈچى، سوغاققانلىق كۈچى، ئۈمىد ۋە ئىشەنچ.
مەنبە :
http://www.radioxj.com/n16683c25.aspx