مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 03:28:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز  ماختىماڭ


نۇرغۇن كىشى ئۆزىنى بىر كۆز - كۆز قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ  . ئۆزىدىن  - ئۆزى مەپتۇن بولۇدۇ .ئازراق نەتىجە قازانسا ياكى غەلبە قىلسا ، ناھايىتى خوشال بولۇپ كېتىدۇ  . ھە دەپ تەرغىپ قىلىدۇ  ، ئەمىلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق  .
نەتىجە قازاندىم دەپ ماختىنىدىغان كىشىلەر ئەمىلىيەتتە كىشىنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان  ، كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئادەم . مۇنداق ئادەملەر ھەمىشە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تۇرۇدۇ .
ئۆزىنى  - ئۆزى ماختاش ئەخمەقنىڭ ئىشى . مۇۋاپپىقىيەت قازانسىمۇ ماختانماسلىق  - توغرا ئالاقىلىشىش چارىسىدۇر  .
بىلىش كېرەككى  ، شان - شەرەپنى  بىزگە باشقىلار ئاتا قىلىدۇ ، ئۆزۈڭ نىمە دىسەڭ شۇ بولۇدىغان ، شۇنداق بولۇدىغان ئىش يوق  .ئۇنى ئۆزۈڭ تىرىشىپ قولغا كەلتۈرشىڭ كېرەك  .

يەنە  سەمىڭىزدە بولسۇنكى  ، ھازىرقى كىشىلەر بىزنىڭ ۋاقتىمىزدىكىدىن كۆپ ناچار ، دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى سۆزلەۋىرىشكە بولمايدۇ  .
شۇنداق سۆزنى ھەر قېتىم قىلغىنىڭىزدا ، ئوبرازىڭىز باشقىكار نەزىرىدە بىر قېتىم تۆۋەنلەيدۇ  . ئەگەر ئۇنداق سۆزنى ئاغزىڭزىدىن چۈشۈرمىسىڭىز  ، ئوبرازىڭىز تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ  .
كۆرۈنگەن كىشىگە ئۆزىڭزىنى ماختىسىڭىز  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماختىنىشىم جايىدا بولدا دەپ قارىسىڭىز  ، ئەمىلىيەتتە  ، كەسىپ ئەھلى ياكى ئەقىللىق كىشىلەر كىشىلەر بۇنداق ئۇيۇننى دەرھال سېزىۋالىدۇ - دە مەسخىرە قىلىپ كۈلۈپ قويىدۇ  .

شۇڭا  ، ھەقىقەتەن ماختانماقچى بولسىڭىز سىزنى باشقىلار ماختىسۇن  ، يۈزىڭىزنى قىلسۇن  ، چۈنكى نىمەن ئىشنىڭ ئەسكى ، نىمە ئىشنىڭ ياخشىلىقىنى كۆپچىلىككى اھايىتى ئايدىڭ  .
سىز ئۆزىڭىزنى ماختىماڭ  ، سىزنى باشقىلار ماختىسۇن   !




مەنبە  : ‹‹ مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى (1) ›› ناملىق كىتاب 458 - بەت .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 08:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئۈممىتىم، نىكاھلىنىڭ. چۈنكى بىر كۈننىڭ نىكاھى، بىر يىللىق
نەپلى ئىبادەتتىن خەيرىلىكتۇر! سىلەردىن بىرىڭلار ئۆيلەنسە شەيتان شېرىكلىرىگە شۇنداق دەپ ۋارقىرايدۇ: ‹بۇ ئادەم دىننىڭ
ئىككىدىن بىر بۆلۈكىنى ئادا قىلدى، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش تەس› ئۆيلەنسەڭلار ئۆزۈڭلەرگە ئاتىلىق، ئۆيلەنگەن قىزغا بولسا ئانىلىق
شەرىپىنى بەخىش ئەتكەن بولىسىلەر».
        پەيغەمبىرىمىز يەنە: «نىكاھتا ئايالنىڭ تۆت تەرىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ: مال ـ  مۈلكى، خۇشپىچىم ـ  گۈزەللىكى ۋە دىنىي
ئېتىقادى. سىلەر ئەلۋەتتە ئېتقادلىق ئايالنى تاللاڭلار. شۇندىلا ئائىلە بەرىكەت تاپقۇسى» دېگەن. شۇنىڭدەك باشقا بىر
ھەدىستە: «ئاياللارنى پەقەت چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار، چىرايى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى يامانلاشتۇرۇپ قويۇشى
مۇمكىن. ئۇلارغا مال ـ  دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئۆيلەنمەڭلار، مال ـ  دۇنيا ئۇلارنى يولدىن ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئاياللارغا ئېتىقادى ۋە
ئەدەب ـ  ئەخلاق، قائىدە ـ  يوسۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، كۆڭلىكى يىرتىق، كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ
ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە ـ  يوسۇن ۋە شەرم ـ  ھايالىق ئايالغا ئۆيلىنىش ناھايىتى قىممەتلىكتۇر» دېيىلگەن. كۆپچىلىك
ئالىملار، ئۆيلىنىش ئىشىدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى، بولغۇسى كېلىننى ئادىللىق بىلەن (غەرەزسىز ھالدا) تاللاشنى تەۋسىيە
قىلىشىدۇ. كېلىننىڭ بويى كۈيئوغۇلدىن بەك پاكارمۇ، بەك ئېگىزمۇ بولماسلىقى مۇۋاپىق دەپ قارالغان. كېلىن تاللاشتا
تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر:
1) ئاھ ـ  ۋاھ ئۇرۇپ، ھەممە نەرسىدىن زارلىنىدىغان؛
2) قىلغان خىزمىتىنى مىننەت قىلىدىغان؛
3) يات ئەرلەرگە كۆز قۇيرۇقىدا بولسىمۇ قانداقتۇر غەيرى مۇددىئا بىلەن قارايدىغان؛
4) تاشقىرىدا ياسىنىپ ـ  تارىنىپ، ئۆي ئىچىدە پاسكىنا، تەرتىپسىز كىيىنىدىغان؛
5) ئىتائەتسىز، كىبىر ـ تەمەننالىق، قوپال قىزلارنى ھەمراھلىققا تاللاشقا قەتئىي بولمايدۇ.
بولغۇسى كېلىنچەكنى تاللاشتا ئۇنىڭ قايسىي خىسلەتلىرىگە ئاساسلانسا مۇتلەق ئاداشماسلىق مۇمكىن؟
ئىمام غەززالىينىڭ «نىكاھ ئەدەبلىرى» ناملىق رىسالىسىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ تاللاشتا تۆۋەندىكى سەككىز خىسلەتكە ئەھمىيەت
بېرىش لازىملىقى تەكىتلەنگەن:
1. بولغۇسى كېلىننىڭ دىيانەتلىك، ئېتىقادلىق، شەرم ـ  ھايالىق بولۇشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، يۇقىرىدا تەكىتلەپ
ئۆتۈلگىنىدەك، ھەقىقىي دىيانەتلىك ئايال كۆپ جەھەتتىن ئېرىگە ساداقەتمەن كېلىدۇ.
2. ياخشى ئەخلاقلىق بولۇشمۇ ناھايىتى زۆرۈردۇر. چۈنكى شاللاق، خۇيى يامان، قانائەتسىز، بۇزۇق ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدىن ياخشى
مىجەزلىك، ئەدەب ـ  ئەخلاقلىق پەرزەنتلەرنىڭ تۆرىلىشى ناتايىن. شۇ سەۋەبلىك بولغۇسى كۈيئوغۇللارغا مىننەتنى راۋا كۆرگۈچى،
شەھۋەتپەرەس، مال ـ دۇنياغا ھېرىسمەن، مەمەدان، قانائەتسىز، كوچىغا چىققاندىلا ياسىنىدىغان، ئازراق خاپا بولۇشقاندا
ئۆيدىكى نەرسىلەرنى ئايرىشقا تۇرىدىغان بەد قىلىق قىزلار بىلەن ئائىلە قۇرۇشتىن ساقلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
3. بولغۇسى كېلىننىڭ گۈزەل، خۇشچىراي بولۇشىمۇ زۆرۈر شەرتلەردىندۇر. چۈنكى، مۇھەببەت رىشتىسىنى باغلىغۇچى ئامىللاردىن بىرى
چىراي گۈزەللىكىدۇر. كۆرۈمسىز ئايالنىڭ چېھرىسى تېزلا كۆڭۈلنى سوۋۇتۇشى مۇمكىن. ئەمما گۈزەللىك دىيانەت ۋە ياخشى مىجەز ـ  
خۇلقلاردىن ئايرىلماسلىقى لازىم. دىيانەتسىز ۋە بەدخۇلق ئايالنىڭ چېھرە گۈزەللىكى ئۇنى پاھىشىلىككە يېتەكلىشى مۇمكىن.
يۇقىرىدىكى ھادىسىلەردە دىيانەتسىز ئايالغا ئۆيلىنىش تەۋسىيە قىلىنغانلىقى، گۈزەللىككە ئىنتىنلىشنى ئەسلا ئىنكار
قىلمايدىغانلىقىنى توغرا چۈشىنىش لازىم.
4. كېلىنغا بېرىلىدىغان قىز مېلىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ ئېسىل خىسلەتلەردىندۇر. مەلۇمكى، قىز مېلى كۈيئوغۇل تەرىپىدىن بولغۇسى
كېلىنچەككە مۈلۈك سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. قىز مېلى كېلىن ۋە ئۇنىڭ ئاتا ـ  ئانىسى تەرىپىدىن قانچىلىك ئاز سورالسا، شۇنچە ياخشى
دەپ قارىلىدۇ.
    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاياللارنىڭ ئەڭ ۋاپادارى، چىراي جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل ۋە قىز مېلى يەڭگىل بولغانلىرىدۇر»
دېگەن. شۇنىڭدەك، «ئايالنىڭ ئەرگە تېگىشى، تۇغۇشى ۋە قىز مېلىنىڭ يەڭگىل بولۇشى ئۇنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىدىندۇر».
دېيىلگەن.
كۈيئوغۇلنىڭ كېلىننىڭ مال ـ  دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۇنىڭغا ئۆيلىنىشى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ۋە قاملاشمىغان ئىشتۇر. ئالىملاردىن
بىرى: «كىشى ئۆيلەنگەن ھامان ‹ئەجەبا، ئايالىمنىڭ بىرەر نەرسىسى بارمىكىن؟› دېسە، بىلىش كېرەككى، ئۇ ئەر شەكسىز ئوغرىدۇر»
دېگەن. قۇدا تەرەپلەر بىر ـ  بىرىگە ھەدىيە قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چوڭراقىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا كۆز تىكىشمۇ  بەخۇلق
بەلگىلىرىدىندۇر. تويلاردىكى دەبدەبىلەر، قىزلىق مېلىنى زىيادە تەلەپ قىلىش ۋە كۈيئوغۇللارنى مال ـ  دۇنياسى بار ـ  يوقلۇقىنى
سۈرۈشتە قىلىش ئۆرپ ـ  ئادەت ۋە مۇسۇلماندارچىلىقلىرىمىزغا خىلاپ ئىشلاردۇر.
5. كېلىننىڭ تۇغۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. دەرھەقىقەت، كۆپچىلىك ئالىملار ھامىلدار بولۇش
ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم ئاياللارغا ئۆيلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەيىت قىلىشقان. چۈنكى، رەسۇلىللاھ: «سۆيۈملۈك ۋە
تۇغالايدىغان ئاياللارغا ئۆيلىنىڭلار» دېگەن. ئەگەر ئايال بۇرۇن تۇرمۇش قۇرمىغان بولسا ۋە تۇغماسلىقى بىلىنمىسە، ئۇنىڭ
ساغلاملىقى ۋە يېشىغا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. چۈنكى ئايال قانچىلىك ياش ۋە ساغلام بولسا تۇغۇش ئىمكانىيىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
چۈنكى زامانىۋى تىبابىتىمىزمۇ 28 ياشقىچە ھامىلدار بولمىغان ئاياللاردا كېيىنچىرەك تۇنجى تۇغۇت جەريانىدا كۆپلىگەن
ئاسارەتلەرنىڭ ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ.
6. ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان قىز پاك بولۇشى لازىم. چۈنكى، رەسۇلىللاھ  بىر جۇۋانغا ئۆيلەنگەن ساھابىگە: «نېمىشقا قىزغا
ئۆيلەنمىدىڭ؟» دەپ تەنبىھ تەرىقىسىدە سۇئال قويغان. پاكلىقتا ئۈچ پايدىلىق تەرەپ مەۋجۇت ئىكەن:
1) پاك كېلىنچەك تۇنجى دوست قەدرىنى ھېس قىلغانلىقى سەۋەبلىك، پەقەت ئۆزى بىلگەن ئەرنىلا سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن
كۇپايىلىنىدۇ ھەمدە بۇرۇن ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقان ئاياللارغا نىسبەتەن ئېرىگە ساداقەتمەن، مېھىر ـ  مۇھەببەتلىك بولىدۇ.
2) پاك ئايال ئېرى تەرىپىدىن بەكرەك قەدىرلىنىدۇ، سۆيۈلىدۇ. چۈنكى، ئۆز رەپىقىسىنىڭ ئالدىنقى تۇرمۇشىنى ئەسلەش، ئەرنىڭ
كۆڭلىنى غەش قىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بولغان كۆڭلىنى قايتۇرۇشى مۇمكىن.
3) بۇرۇن تۇرمۇش قۇرغان ئايال ئەلۋەتتە بىرىنچى ئېرىنى كۆپرەك ئەسلەيدۇ، چۈنكى مۇھەببەت تۇنجى جۈپتى بىلەن يۇقىرى
پەللىگە يېتىشى ۋە خاتىرىدە ساقلىنىشى شۈبھىسىز.
پاكلىق بەلگىلىرى، ئىپپەت ۋە نومۇس ھەققىدە ئەسىرىمىزنىڭ كېيىنكى بابلىرىدا مۇپەسسىلرەك توختىلىپ ئۆتىمىز.
7. ئايالنىڭ نەسىل ـ  نەسەبلىك، يەنى ئېسىلزادە بولۇشىمۇ تۇرمۇشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «يەتتە
ئەۋالادىنى سۈرۈشتۈرۈشى» بىكاردىنلا پەيدا بولغان قائىدە ئەمەس. ئېسىل نەسەبلىك، دىيانەتلىك قىزلارلا كەلگۈسىدە ئىپپەتلىك،
ئەخلاقلىق ئايال بولۇپ، ياخشى پەرزەنتلەر، ساغلام ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە قادىرلاردۇر. بۇ ئورۇندا ئېرسىيەت خاراكتېرلىك
كېسەللىكلەرنى سۈرۈشتۈرۈشمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
8. ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللانغان ئايال يېقىن تۇغقان، قېرىنداشلاردىن بولماسلىقى شەرت. چۈنكى، پەيغەمبىرىمىز: «يېقىن
قېرىنداش بولغان ئايالغا ئۆيلەنمەڭلار، چۈنكى، ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان بالا ئاجىز، كېسەلمەن بولىدۇ» دەپ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەردىن
بىزنى ئاگاھلاندۇرغان. ھېسىياتنىڭ جۇشقۇن ھەم كۆتۈرەڭگۈلۈكىمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك. چۈنكى زامانىۋى تىببىي ئىلىممۇ
بۇنداق بولۇشنىڭ ئائىلىنىڭ بەخىتلىك ۋە ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئەلۋەتتە، ساغلام
تۇرمۇش تەرەققىياتىنىڭ ناتونۇشلار ئارىسىدىكى نىكاھ ئارقلىق ياخشى مۇۋەپپقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقى تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ
نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلىرىنىڭ يېغىندىسى.
كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر بوۋىمىز شۇنداق دېگەن: «ئوغۇللىرىم، نەۋرىلىرىم ۋە يېقىنلىرىمنى ئۆيلەندۈرۈش
تەشۋىشىدە كېلىن ئىزدەشكە ئېتىبار بەردىم. بۇ ئىشنى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدۇم. كېلىن بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ  
نەسەبىنى، يەتتە ئەۋلادىنى سۈرۈشتۈردۈم. خاس ئادەملەر ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىنى، جىسمانىي كامالىتىنى ئېنىقلىدىم. كېلىن
بولغۇچىنىڭ نەسىل ـ  نەسەبى، ئەدەب ـ  ئەخلاقى، ساغلام ۋە بەقۇۋۋەتلىكى بىلەن بارچە قۇسۇرلاردىن خالىي بولسىلا، ئەل ـ  يۇرتقا
چاي بېرىپ، كېلىن ئەكىردىم».


كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدا

          ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قىزلىرىڭلارنى تۇرمۇشقا چىقىرىش مەسىلىسىدە ئانىلىرى بىلەن (ئەھلى
ئايالىڭىز بىلەن) مەسلىھەت قىلىڭلار» دېگەن. چۈنكى، قىز بالا ئۈچۈن ئانىسى سىرداشتۇر، ئانىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ئاتىسى
بىلمەيدىغان ئايرىم تەرەپلىرىدىن بىخەۋەر بولۇشى ناتايىن. قىز رەسىدە پەلەمپىيىدىن ئۆتۈپ چوڭ بولغانسىرى ئائىلىگە
ئەلچىلەرنىڭ كېلىشى تەبىئىي. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا ھەمدە ئانا كۈيئوغۇل تاللاش مەسلىسىگە دۇچ كېلىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇ جەرياندا
قاتتىق ھۇشيار بولۇشلىرى لازىم. قەدىمدە ئاتا ـ  بوۋىلىرىمىز بەدخۇلق، چېھرى خۇنۇك، ئىمانى زەئىپ، دىيانەتسىز، قىز ھەققىنى ئادا
قىلالمايدىغان، نەسىل ـ  نەسەبى ناپاك كۈيئوغۇللارغا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن يىگىت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى سىناشنى ئۆزلىرىگە
ئادەت قىلغان.
       چۈنكى، رەسۇلىللا: «نىكاھ قۇللۇققا ئوخشايدۇ. شۇ سەۋەبتىن قىزىڭلارنى كىمگە بېرىۋاتقىنىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار» دەپ
ئالاھىدە تەكىتلىگەن. شۇ سەۋەبتىن، ئاتا ـ  ئانا ئامراق قىزىنى زۇلۇمكار، ئەخلاقى ناچار، ئىمانسىز، ئىشرەتۋاز، ھاراقكەش،
چىكەرمەن كىشىگە ياتلىق قىلسا ئالدىراقسانلىقى، ئەدەبلىك كۈيئوغۇل تاللىمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ قەھرى ـ  غەزىپىگە
دۇچار بولىدۇ.
       مىڭ ئەپسۇسكى، كۆپلىگەن زامانداشلىرىمىز بۈگۈنكى كۈندە كۈيئوغۇل تاللاش ئىشىدا ئاخىرەتنى ئويلىماي ئىش تۇتماقتا.
بۇنداقلا كۈيئوغۇلنىڭ ئۆزىدىن كۆرە ئاتا ـ  ئانىسىنىڭ مەنسىپى، بايلىقىنى ئەلا بىلىپ قىزلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرغانلىقىنى ئىلغا
قىلماي يۈرمەكتە. سىر ئەمەس، ئەخلاقسىز، ئىشرەتۋاز، چىكەرمەن، ھاراقكەش ياشلارنىڭ كۆپ قىسمى ھارام پايدا ھېسابىغا
دۆلەتمەن بولغان ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.
       دېمەك، كۈيئوغۇل تاللاش ئىشىدا، ئاتىغا ئىنتايىن چوڭ مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ. ناۋادا، بولغۇسى كۈيئوغۇل ھەققىدە
كۆپ سۈرۈشتۈرۈلسە، تۈرلۈك ئۇسۇللاردا سىناق ئېلىپ بېرىلسا ۋە قىزنىڭ ئاتىسى يىگىت بىلەن قايتا ـ  قايتا سۆھبەتلەشسە دۇنيا ۋە
ئاخىرەتتە پايدا شۇلارنىڭدۇر. يەنە شۇنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەككى، ئاتىلار بولغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ مۇفەسسىل تىببىي
كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشىنىمۇ نازارەت قىلسا، ئۇ چاغدا نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلۇپ، كۆڭۈللەر يورۇق بولىدۇ.
        ئەپسۇسكى ھازىرقى تۇرمۇش قۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ئايرىملىرى تەۋەككۈلچىلىك ئۇسۇلى بىلەن ئائىلە قۇرۇشماقتا.
شۇنىڭدەك، ئۇرۇق ـ تۇغقان، قېرىنداشلىرىدىن بىرەرسىنىڭ تونۇشتۇرۇش، ماختاش ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئاساسەن بىر قېتىم كۆرۈشۈپلا
ئائىلە قۇرۇۋاتقانلارمۇ نۇرغۇن. ئاخىر، بولغۇسى كېلىن ـ كۈيئوغۇللار بىر ئۇچرىشىپلا پەقەت تاشقىي قىياپىتى، چىرايى ۋە قەددى ـ  
قامىتى ھەققىدە تەسەۋۋۇرغا ئېگە بولۇشى مۇمكىن، خالاس. توۋا دەيمەن، قىز ـ  يىگىتلەر بىر ـ بىرىنىڭ مىجەز خۇلقى، ئىتىقادى،
بىلىمى، ئەخلاق ـ پەزىلىتى، دىيانىتى ھەققىدە ئويلاشنى خالىمامدىغاندۇ؟!
        رەسۇلىللا ئۆيلەنمەكچى بولغان ساھابىلەردىن بىرىگە: «ئاۋۋال ئۇ ئايالنى كۆرگىن. چۈنكى ئۇنى كۆرسەڭ ئاراڭلاردا
مۇھەببەت، ئۈلپەتلىكنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن. ئەمما بۇ كۆرۈشۈش ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ نازارىتى
ئاستىدا بولۇشى شەرت. ئەپسۇسكى، ئۇچرىشىش باھانىسى بىلەن بىر قىسىم ئەخلاقسىز ياشلار ئىپپەتكە قول سوزۇش دەرىجىسىگە
يەتمەكتە. رەسۇلىللا مۇنداق دەيدۇ: «ھەمراھى بولمىغان بىر كىشى بىلەن يالغۇز ئايال ئادەم يوق جايدا خالىي قالسا، ئۇلارنىڭ
ئۈچىنچىسى شەيتاندۇر». شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، نىكاھ ئوقۇلۇپ، توي ئۆتكۈزۈلۈپ، ھۇجرىغا كىرگەنگە قەدەر ياشلار بىر
ـ  بىرىگە نامەھرەمدۇر. لېكىن كۆپ قىسىم ياشلار، غەرب ئەللىرىنىڭ تەسىرى نەتىجىسىدە سىنىشىش باھانىسى بىلەن بىر ـ  بىرىگە
نىكاھتىن ئاۋۋال قول تەگكۈزمەكتە. شەكسىزكى، بۇ پەن نۇقتىسىدىن ئۇچىغا چىققان ئەخلاقسىزلىق، شەرىئەت ئەھكاملىرى
نۇقتىسىدىن بولسا ئىمانسىزلىقتۇر. ياشلارنىڭ بىر ـ  بىرىگە ئۇناشتۇرۇلغانلىقى تېخى «ئائىلە قۇرۇلدى» دېگەن گەپ ئەمەس.
بولغۇسى كېلىن ـ كۈيئوغۇللار ئۇچرىشىشتا شەرىئەت ئەھكاملىرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشلىرى شەرت ھېسابلىنىدۇ.
      بۈگۈنكى كۈندە تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا نىكاھقىچە مۇفەسسىل تىببىي
كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالال يول بىلەن تېپىلمىغان مال – دۇنيا ھېچكىمگە ۋاپا قىلغان ئەمەس. شۇڭا، ئادەتتىكىچە ياشىسىڭىزمۇ ھالاللىق بىلەن ياشاڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ھالال ئۆتكۈزگەن ئاددىي ھاياتىڭىز ئۈچۈن ھەرگىز نۇمۇس قىلماڭ. ماددىي بايلىققا ئەمەس، مەنىۋى بايلىققا ئۆزىڭىزنى ئۇرۇڭ. ئائىلىڭىزنى ھارام بايلىق بىلەن سەلتەنەت تاپقۇزۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. ئائىلىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەرگىزمۇ ھەمراھىڭىزنىڭ گۇناھى دەپ قارىماڭ.

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ ناباب ئايال ئېرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغاننى تەلەپ قىلىدىغان ئايالدۇر، ئەڭ يارىماس ئەر ئائىلىسى قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا، ئايال ۋە بالا – چاقىسىنىڭ بېشىنى يەرگە قارىتىدىغان، يەنى قىيىنچىلىقنىڭ سەۋەبىنى شۇلاردىن كۆرىدىغان ئەردۇر.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش