ihsan1982 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 02:34 PM
بۇيەرلەر ھازىر ئۇقۇتقۇچىلارنى جازالايدىغان لاگىر بۇپ ...
سىزمۇ مىنىڭ ئىنكاسىمنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك قىلىسىز، مەن ھازىرقى ئۇقۇتۇش شارائىتىنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشىلانغانلىقىغا كۆز يۇمماقچى ئەمەسمەن. مىنىڭ جازا لاگىرى دىگىنىم ھەرگىزمۇ بىر-ئىككى ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئوڭ-تەتۇر قىسمەتلىرىدىن ئىلغاپ ئېلىنغان سۆز ئەمەس. سىزنىڭ يىلدا بىرنەچچە قېتىم بېرىپ تۇرغىنىڭىزغا قارىغاندا سىزدە ئىمتىياز بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ. ئەگەر پەرزىم توغرا بولسا، ئۇ يەرگە ۋاقىتلىق خىزمەتكە كىرگەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سانىنىڭ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمىغا توغرا كىلىدىغانلىقىغا سىزمۇ كۆز يۇممايسىز. سىزمۇ بىلىسىز، ھازىرمۇ خېلى كۆپ ئۇقۇتقۇچىلار بار، تۇرسۇنباقى ياسىندىن باشقا قايسى بىرسى مىنىڭ بۇندىن كىيىنكى خىزمەت ئورنۇم مۇشۇ دەپ كىسىپ ئېيتالايدۇ! بۇنىڭغا سىرتتىن كەلگەن ئۇقۇتقۇچىلار بۇيەردە تۇرمىدى. دەپ يەرلىك ئۇقۇتقۇچىلارنى ئىشلىتى مەقسىتىدە بىرنەچچە ئۇقۇغۇچىنى ئۇقۇتقانلىقى يىتەرلىك ئىسپات بۇلالايدۇ. مەن ئۇيەرگە كىرگەن ئۇقۇتقۇچىلار بىلەن سىردىشىپ تۇرىمەن( مىنىڭ ئۇلارغا ھۆرمىتىم بولغانلىقى ئۈچۈن). ئۇلاردىن كۈپۈنچىسى بىر ئاماللارنى قىلىپ، يۆتكىلىپ چىكەتتى. سىز دىگەندەك خىزمەتتىن ۋاز كىچىشنىڭ ئورنى يوق. بىراق يۆتكىلىشكە ئىمكان بار. بۇنىڭغىمۇ سىز دىگەندەك جەريان كىرەك.
يەنە بىرگەپ، مەن ھەرگىزمۇ؛ ئۇيەر چەت، يىراق، شارائىتى ناچار دەپ ھېچكىم ئۇيەرگە بارمىسۇن! دىمەكچى ئەمەس، مەن بېرىشىنى تەشەپبۇس قىلىۋاتىمەن، ھەم شۇنداق قىلىشى كىرەك. لىكىن ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشلار بەك كۆپ.....
سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ! سىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرغۇم بار.
ئىنكاسىڭىزدىن بەكلا سۈيۈندۈم، ھەرگىز باشقىچە بۇلۇپ قالماڭ! مەن تېخى بۇ يەرنى بىلىدىغانلار يوق دەپ ئويلىغان ئىدىم، سىزگە يۇلۇقۇپ قېلىشىم بەلكىم تەلىيىم.