مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: artiken

ياش دوستلارغا تۇزلۇقئۇتاق ئوغلانىدىن خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41417
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 10:45:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  سىزمۇ مىنىڭ ئىنكاسىمنى خاتا چۈشىنىۋالغاندەك قىلىسىز، مەن ھازىرقى ئۇقۇتۇش شارائىتىنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشىلانغانلىقىغا كۆز يۇمماقچى ئەمەسمەن. مىنىڭ جازا لاگىرى دىگىنىم ھەرگىزمۇ بىر-ئىككى ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئوڭ-تەتۇر قىسمەتلىرىدىن ئىلغاپ ئېلىنغان سۆز ئەمەس.


مەن تۇلىمۇ ئاددى ئىنسانمەن، مەندە قانداقتۇر بىرەر ئىمتىياز يوق. بەلكىم مېنىڭ ئۇ يەردە ئۇچىرشىدىغانلىرىم ناھايىتى چەكلىك، تۇرىدىغان ۋاقتىم ناھايىتى قىسقا بولغاچقا، تەبىئىيلا مەندە شۇنداق تۇيغۇ شەكىللەنگەندۇر. ئادەمنىڭ تەبىئىيتى سېلىشتۇرۇشقا كۆنۈك ئەمەسمۇ.....!ئەمما تۇنجى قېتىملىق ئىنكاسىمدا كۆزلىگەن ئاساسلىق مەقسىدىم(تىرشچانلىق توغرىسىدىكى پىكىرلىرىم) بىر يەرلەردە قېلىپ باشقا گەپلەرنىڭ شاخلاپ كەتكەنلىكىگە ھەيرانمەن.
تەھقىقكى، شەيئىلەرنىڭ ئادەملەردە قالدۇرىدىغان تەسىر ۋە ئوبرازى ھەر خىل بۇلىدۇ، چۈنكى بىز ئوي-خىياللىرى پەرىقلىق، ئەقىل، ھېسىيات ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئىنسانلاردۇرمىز. ئاغرىنىش ۋەياكى نارازىلىق بىلەن ھېچ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئىدى، دۇنيادا بەخىتسىز ئادەم، كۆڭۈلسىز ئىشلار قالمىغان بۇلاتتى. مەنچە ساقلانغان مەسىللەرگە قانداق يۈزلىنىش-مەسىلىلەرنىڭ مەسىلە ھالىتىدە قېلىپ قېلىشى ۋەياكى قىسمەن(ياكى ئۈزۈل-كىسىل) ھەل بۇلىشىدىكى  ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. پىكىرلىشىپ ئۆتسەك بۇلىدۇ، چۈنكى ئادەم پەرىقلىق پىكىرلەر ئاساسىدا ئىددىيە جەھەتتە تاكامۇللىققا قاراپ يۈز تۇتىدۇ. ئەمما ئۈمىدىم شۇكى، پىكىرلەر مەركىزى نوقتىئىنەزەردىن چالغاپ كەتمىگەي. كالىنى تۇتماقچى بولغان ئادەم بېشىدىن تۇتسۇن، قۇيرۇقىغا ياماشسا ئېرىشىدىغىنى بىر تۇتام ئەرزىمەس تۈك بۇلىدۇ، خالاس!
  پىكىرلەشكىنىمدىن خۇرسەنمەن، ئامان بولۇڭ، قېرىندىشىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3936
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 438 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 05:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسز.قەلەم تۇتقان قۇللىرىڭزغا ئاپىرىن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   131svkvt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-17 05:57 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش