tewelgha يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 10:10 PM
ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇدۇم ،قارىغاندا سىزمۇ ماڭا ئوخشاش مۇ ...
بۇ بىر كىچككىنە تۇرمۇش كارتىنىسى... بۇ ئىش ماڭا تەسىر قىلدى. ئىككى كۈن ئويلىنىشقا سەۋەپ بولدى، شۇنىڭ تۇرتكىسىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ، بۇ قىسقا تىمىنى بۇ مۇنبەرگە يوللاپ تورداشلار بىلەن ھەمبەھىر بۇلۇشقا سۇندۇم...ئەلۋەتتە ، بۇ ئىشقا نىسبەتەن مېنىڭمۇ ھەم ئۆزۈمنىڭ بەلگىلىك بىر كۆز قارشىم بار، ئەگەر شۇنداق بىر كۆز قاراش بولمىغان بولسا، بۇ تىمىنى بۇيەرگە يېزىپمۇ يۈرمەس ئىدىم. ئەمما ، بۇ تىمىنىڭ ئۆزىگىلا ، ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشى دەپ ئويلىغانلىرىمنى قۇشۇپ يېزىپ قويسام، سىزنىڭچە تىمىنىڭ ئەھمىيىتى قانچىلىك بولار ؟ بۇ ھىچ بولمىغاندا تۆۋەن دەرىجىدىكى ئىدىيە مونۇپوللىقى بولامدۇ-يوق؟ مەلۇم بىر مەسلىگە نىسبەتەن ،ھەربىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس بولغان پوزىتسىيىسى بولىدۇ، بىرقەدەر توغرا بولغانلىرىمۇ ، ئىنتايىن يۈزەكى بولغانلىرىمۇ ھەم بار...
مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، يۇقارقى بىر ئاددىي ۋەقەدىكى يۇشۇرۇنغان بىر چوڭقۇر مەزمۇن زادى نىمە ؟
ئۇ بىر ناۋاي...بەلكىم مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۇللۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن،ئۇنى شۇنچە سۆزلىتىۋەتكەن نەرسە زادى نىمىدۇر ؟ئادەتتە ھىچقانداق ئىنسان ئاسانلىقچە ئاچچىقلىنىشنى خالىمايدۇ، ئەمما ئۇ تولىمۇ ئاچچىقلاپ كەتتى. باشقىلار ( باشقا قەۋملەر) ئۇنىڭ بۇنداق ئاچچىقلىنىپ كىتىشىنى توغرا تاپالمايدۇ،چۈشىنەلمەيدۇ..ھەتتا شۇ مۇئەللىمەمۇ توغرا تاپماي، دەرھال يادىغا كەلگەن شۇ بىر جۈملە بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان. ئۆزى پىششىق بىلىدىغان تىل بىلەن قايتۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشنىمۇ ئويلىغان. توختاپ قالغان يىرى شۇكى-ئۇ ئەتراپتىكى ئانا تىلدا سۆزلەيدىغان كىشلەردىن ھېيىقىپ قالغان ئىدى...نىمىشقا ھېيىقىپ قالدى؟چۈنكى ئۇ بۇرۇنمۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كەلگەن، ھىچكىم ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلمىغان ، ئەكسىچە ئۇنىڭ كۆرگىنى پەقەت نەپرەتلىك ، جاندىن ئۆتىدىغان سوغاق نەزەرلەر ئىدى. ئۇ ھىچ بولمىغاندا ئانا تىلنى بىلمىسە ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ھىس قىلالىدى...
ئۇ ناۋاي ئۇ مۇئەللىمەنى تۇنىمايدۇ، ئۇنىڭ مۇئەللىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ...ئۇنىڭ ئويلىغىنى ئىنتايىن ئاددي بىرلا ئۇقۇم-ئۇيغۇر تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن ئانا تىلدا سۆزلىمەيدۇ؟ ئۇ خەقنىڭ نىمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشى بىلەن كارى يوق، خىزمەتچىمۇ، سودىگەرمۇ ياكى باشلىقمۇ( شۇنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى، بىز ئادەتتە تولا ھالدا شۇ ناۋايخانىدىن نان سېتىۋالىمىز،نەچچە ئاي ئىلگىرى بولسا كىرەك، دەل شۇ ناۋايخانىدىكى يەنە بىر ناۋاي بالىنىڭ مۇشۇ ئۇنۋىرستىت مەلۇم ئىنستىتۇتىنىڭ رەھبىرى بىلەن زاكۇنلىشىۋاتقىنىنى ئۇچرىتىپ قالغان، يەنى ئۇ رەھبىرى يولداش ناننى تۇتۇپ تاللاپ قويغانمۇ قانداق ، ناۋاي تۈزۈت قىلماي ئۆزى بىلىدىغان تىللار بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىۋاتاتتى، ئىنىستىتۇت ئىچىدىكى سۈرلۈك رەھبەر ئۇ جايدا ئادەتتىكى كىشىلەردىن ھىچ پەرقى يوق ھالدا ئۇنىڭ بىلەن قائىدە سۆزلىشىۋاتاتتى....) ئۇ مۇئەللىمەگە ئازار بىرىۋېلىپ خوشال بۇلۇپ كىتەرمۇ ؟ مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەستەك...........
ئەمەلىيەتتىمۇ، ئۇ بىر قازاق باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ،خەنزۇ تىلى دەرس بىرىدىغان مۇئەللىمە، ئۇيغۇرتىلى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بىر قەدەر ئاز. ئۇ ھەتتا بىلىدىغان ئانا تىلدىكى بەزى سۆزلەرنى ئۇنتۇپ كىتىش باسقۇچىغا كەپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن.ئەنە شۇنداق ئەھۋالغا كەپ قالغان بىر ئادەمگە، ئىلمىي يۇسۇندا ئانا تىل بىلمەسلىكنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ....ۋە ھاكازىلارنى سۆزلەپ قولىقىغا قۇيىۋەتسىڭىزمۇ ، ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇنتۇيدۇ. ئۇ ھازىرغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنتىيالمىغۇدەك ۋەقەگە بىر قانچە قېتىم ئۇچراپ، تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇپ قاپتۇ...ئۇ قانداق قىلغاندا ئانا تىل سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى.ئۇنىڭغىمۇ مۇۋاپىق مەسلىھەت بىرىلدى....
گەپنىڭ پوسكاللىسى يەنىلا شۇ-ئانا تىلنى پىششىق بىلىپ ، ئاندىن باشقا تىللارغا يۈرۈش قىلىش ئىشلارنىڭ ئەڭ مۇۋاپىقىدۇر. بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا ئاتا-ئانىلاردۇر....