مەنچمۇ ناۋاينىڭ قىلقىنى ناھايىتى توغرا بوپتۇ ، چۇنكى خەنزۇچىغا كۆنگەنلەر مانى مۇنداق سۆزلەڭ دىگەن گەپنى قەتئى ئاڭلىمايدۇ ، خەنزۇچە سۆزلەش بولۇپمۇ قىزلار ئارىسىدا بەكرەك مودا ، ئۆرۇمچىدە ئاپتۇبۇستا ئولتۇرساق مودىراق ئىككى قىزنىڭ خەنزۇچە سۇزلىگىنى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ، بىر توردىشىمىز ئىيىتقاندەك خەنزۇچە سۆزلىشىش ھازىر ئانچە ھەۋەس قىلغۇدەك ئىش ئەمەس ، ئۆزۇم ئالى مەكتەپتە پۇتۇن خەنزۇلار بىلەن ئوقۇپ تۇرۇپمۇ بىر يىزا يەسلىسىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خەنزۇچە سۆزلىشىشلىرىنى ئاڭلاپ ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى ئاز قالغانتىم
چۇنكى ئۇلارنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى مىنىڭكى سەۋىيەمدىن خىلىلا ئۇستۇن كۆردۇم ، ناۋادا شۇنداق قەستەن خەنزۇچە سۆزلىشىۋاتقان قىزلار بىلەن شۇ يەسلى بالىلىرىنى سۆزلەشكە سالسا بەلكىم شۇ قىزلارنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن ، دىمەكچى بولغىنىم ھازىر بۇنداق ياسالمىلىق ئەكسىچە ئولارنىڭ كۆلكىگە قىلىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن،