‹‹كىچىدىن مىنى قار بېسىپ قالدى،چۈشۈمدە يەنە شۇ قىز ماڭا كۈلۈمسىرەپ كىلىۋاتىدۇ، مەن قېچىۋاتىمەن.
چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەندىن باشلاپ ھازىرغىچە مەيلى ئوڭۇم بولسۇن ياكى چۈشۈم بولسۇن ئۇ پەقەت ئاپئاق كىيىملا كىيەتتى،ھەمىشە كىچىدىلا كۈرەتتىم،كۈندۈزى بىرەر قېتىم كۆرۈش نىسىپ بولمايتتى،ئەجىبا مەن قورقمامدىم، مانا مەن دەپ مەيدىسىگە مۇشلايدىغان نوچىلار بولسىمۇ مىنىڭ ئورنۇمدابولسا قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتكەن بۇلاتتى.
قېچىپ كىتىۋېتىپ بىر قەبرىستانلىققا كىلىپ قالدىم،ئەقلىم ھەيران بۇ قەبرىستانلىقتا بىرمۇ خادا كۆرۈنمەيتتى، ئالدىمغا بىرنەچچە قەدەم ماڭدىم،پۇتۇم تۇيۇقسىز بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتتى،پۇتۇمنى شۇنداق كۈچەپ تارتساممۇ تارتالمىدىم، تۇيۇقسىز ئالدىمدا ھېلىقى قىز پەيدا بولدى،ئۇ قۇلىنى ماڭائۇزاتتى،مەن قۇلۇمنى بەردىم،قەبرىلەردىن نۇرغۇن بۇۋاقلار چىقىپ ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى،بۇ بۇۋاقلارنىڭ چوڭى بىر ئىككى ياش كىچىكلىرى بىر نەچچە ئايلىق ئىدى،ھەممىسى نورمال ئادەملەردەك گەپ قىلاتتى،ماڭالايتتى،ئۇ قىز بىر بالىنىڭ قۇلىدىن يىتىلەپ مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ:
- دادا دىگىنە ئوغلۇم،ئۇ سىنىڭ داداڭ ،دىدى.
-مەن ئەمدى 23كە كىردىم،بۇ يىل تېخى ئوقۇش پۈتتۈرۈپكەلگەن تۇرسام،تېخى تويمۇ قىلمىغان تۇرسام،بۇ نەدىمۇ مىنىڭ بالام بولسۇن؟
-زۇۋانىڭنى يىغ،مەندىن كەچمەكچىمىدىڭ،__ دىدى ھېلىقى بۇۋاق.
ھېلىقى قىز ئارىغا چۈشۈپ،بۇ بالىلارغا ئىگە بۇلامسەن-يوق؟__ دىدى ماڭا قاراپ غەزەب بىلەن.
-ماقۇل مەن ئىگە بۇلاي،
بۇۋاقنى قولۇمغا ئالدىم،ئۇ بۇۋاق بوينۇمغا ئېسلىپ يىغلاپ كەتتى،بىردەمدىن كىيىن يىغلاشتىن توختاپ قالدى.
ئۇ بۇۋاق ئۆلۈپ قالغان ئىدى،ئۇ قىز يەنە بۇرۇنقىدەكلا ماڭا غەزەب بىلەن قاراپ:
__ بالامنى قايتۇرۇپ بەر !!__دەپ ماڭا قارىدى،مەن بالىنى تاشلاپ قويۇپ قاچتىم،بۇ قەبرىستانلىقتا پەقەت بۇۋاقلاربارئىدى.
ئالدىمدىكى قەبرىدىن نۇرغۇن بۇۋاقلار چىقىپ ئالدىمنى توستى.
قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرسام بىر دوختۇر بىرسىۋەتتە بىر نەچچە بۇۋاقلارنى ئەكىلىپ يەرنى كولاپ كۆمدى،ئەتراپىمدىكى گۆردىن چىققان بۇۋاقلارمۇ جىم تۇرۋاتاتتى.دوختۇر بۇۋاقلارنى كۆمۈپ بۇلۇشىغا كۆمگەن يەردىن تىرىلىپ چىقىپ ھېلىقى دوختۇرنىڭ بوينىغا ئېسىلىۋېلىپ قۇيۇپ بەرگىلى ئۇنمىدى،ئۇدوختۇ تۇيۇقسىز مىنى كۆرۈپ قالدى،دە:
__ھەممىنى قىلغان سەن ئىكەندە،خەپ سىنى ئۆلتۈرۋەتمىسەم ،__دەپ قولىدا پىچاق ئالدىمغا يۈگرەپ كىلىپ پىچاقىنى قۇرسۇقۇمغا تىقىۋەتتى.
چۈشۈمدىن قورقۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم،پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى،ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن يېتىپ قالدىم،كۆزۈم ئەمدى ئۇيقۇغا بېرىشىغا بىرى مىنى چاقىردى،ياتقان يىرىمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم،دېرىزە تۈۋىدە بىرسى ماڭا قاراپ تۇراتتى،ئۇ مىنى چاقىردى،مىنىڭ بېشىمغاپۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ،بىر بېرىپ باقايچۇ ،دىگەن نىيەتتە ئاستا ئۇنىڭ قېشىغا يىنىك قەدەملەر بىلەن سىرتقا چىقتىم،بۇ خىيالىي تۇيغۇمۇ ئەمەس،چۈشمۇ ئەمەس، رىئاللىق ئىدى.
ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشتىم،ئۇ ئەسلى ئالۋاستى ئىكەن،كىچىك ۋاقتىدا بىزنىڭ مەھەللىدىكى ئىمام ئاخۇنۇم بۇ ئالۋاستىنىڭ چېچىنى كىسىۋالغاچقا ئۇ ئۆز قەۋمى ئارىسىغا قايتالماي يۈرۈپتۇ.ئۇ :
__ سىلەر ئىنسانلار بىزنى يامان كۆرۈسىلەر،بىزدىن سىلەرگە ھېچ قانداق يامانلىق كەلمەيدۇ،سىلەرنى قورقۇتۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈنلابىزنى يامان كۆرۈسىلەر،ئەمما سىلەر ئىنسانلار بىزدىنمۇ بەتبەشىرە ئىكەنسىلەر.
__ قانداق ؟__دەپ سورىدىم مەن .
__ مەن سەرسان تۇرمۇشۇمنى باشلىغان كۈنلەردە بىر ئەخلەت دۈۋىسىگە كىلىپ ماكانلاشتىم،بىز ئادەتتە سىلەرگە كۆرۈنمەي يۈرىمىز، تۇيۇقسىز بېشىمغا بىر خالتا تەگدى، بۇرنۇمغا گۆشنىڭ پۇرىقى پۇرىدى،قۇرسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىدا خالتىنى ئېچىپ قارىسام بىر بۇۋاق بالىنىڭ جەسىدى تۇرىدۇ، توۋا دەپ قالدىم،بىز ھەرقانچە ئىمانسىز مەخلۇقلار بولساقمۇ بۇنداق قەبىھ ئىشلارنى قىلمايمىز.
بالىنى قۇلۇمغا ئالدىم دە شەھەرنىڭ چېتىدىكى بىريەرنى تېپىپ شۇ يەرگە كۆمدۈم،كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يەرگە كۆمۈلگەن بالىلارنىڭ جەسىدى بارغانسىرى كۆپەيدى،شۇندىن باشلاپ بۇ يەر بۇۋاقلارقەبرىستانلىقى بۇلۇپ شەكىللەندى،
مەنمۇ شۇ يەرنى ماكان تۇتتۇم،نىمە ئىش بولغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بۇ بۇۋاقلار بىردىن بىر تىرىلىپ مىنى ئانا دەپ چاقىرىشقاباشلىدى، شۇنداق قىلىپ مەن ئۇلارغا ئانا بولدۇم،سەن بايا چۈشۈڭدە كۆرگەن قەبرىستانلىق دەل مىنىڭ ماكانىمدۇر.
بىر كىچە شۇنداق مۇڭدۇشۇپ چىقتىم،ئۇ گەرچە ئالۋاستى پۇشتىدىن بولسىمۇ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەملەردىن
مىڭ ياخشى ئىدى،تۇيۇقسىزبامداتقا ئەزان چاقىرىلدى،ئۇ شۇ زامانلا يوقاپ كەتتى
2000-يىلى11-ئاينىڭ13-كۈنىدۈشەنبە››
بۇ ئابزاسلارنى ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمگە لىق ياشلاركەلدى،جەمئىيتىمىزدىكى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان بۇۋاقلارغا، ھالال جۈپ بولماي تۇرۇپ زىناخورلۇق قىلىپ بۇيىدا قېلىۋاتقان پەسلەرگە، ئەركەكلىكىنى يۇقۇتۇپ مىللىتىمىزنىڭ يىلتىزىنى چىرىتىۋاتقان مازلارغا ئېچىنىپ يىغلىدىم.
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئىملاغا دىققەت قىلىپ قۇيۇڭ، ھەر بىر سۆز ئاياغلاشقاندا بىر قىتىم قۇرۇق تاشلاش كۇنۇپكىسىنى بىسىپ مىڭىشنى ئۇنۇتماڭ.
___مەلىكە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-11 11:28 AM