‹‹مەن كۈتكەن كەچ يەنە بولدى، ھېلىقى قىزنىڭ تىزراق كىلىشىنى تۆت كۈزۈم بىلەن كۈتتۈم، چۈنكى مەن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم، بۇرۇنقى قورقۇش يوقالغان ئىدى. ئۇ كەچ سائەت9لاردىن ئاشقاندا پەيدا بولدى، بىز مەھەللىنىڭ دوقمىشىدىكى سۆگەت ئاستىدا بىرگەپاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، مەن ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ماڭا تۇنجى قېتىم سۈڭەك يىگۈزۈشتىكى مەقسىتىنى سورىدىم.
ئۇ ماڭا تىكىلىپ قارىغاندىن كىيىن:
__ مىنىڭمۇ ئۇنداق نەرسىلەرنى يىگۈم بارمۇ؟ مىنىڭمۇ ئىللىق ئائىلەمگە قايتقۇم بار، ئەمما قايتالمايمەن،چۈنكى چېچىم يوق. ئاشۇ چېچىمنى قايتۇرۋالسام ئۆيگە قايتىپ كەتكەن بۇلاتتىم، بۇنداق پەسكەشلىككە تولغان ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمىغان بۇلاتتىم، ئەگەربۇ ئىنسانلار دۇنياسىدىن ئايرىلسام ئىككىنجى ئىنسانلار ئارىسىغا قەدەم باسمايمەن.
مەن يەنە ئۇنىڭدىن سورىدىم:
__ نىمە ئۈچۈن مىنىڭ كەينىمگە كىرىۋالىسەن،مەندىن باشقا ئادەمنى تاپساڭ بولمامدۇ؟
-سىنى كۆزەتكىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولدى،سىنى ماڭا بىردىن _ بىر ياردەم قىلالايدىغان ئادەم، دەپ ئويلۇدۇم، شۇڭا سىنى تاللىدىم،سىنى تۇنجى قېتىم قورقۇتۇپ قويدۇم،مىنى كەچۈرگىن،ماڭا ياردەم قىلىشنى خالامسەن، ئەگەر خالىمىساڭ بۇندىن كىيىن سىنى ئىزدىمەي، سەنمۇ خاتىرجەم يۈرگىن.
__ دىگىنە قېنى قۇلۇمدىن كەلسە ساڭا چۇقۇم ياردەم قىلىمەن؟
__چېچىمنى قايتۇرۇپ كىلىشىمگە ياردەم قىلغىن، سەن نىمە دىسەڭ ساڭا شۇنى قىلىپ بىرىشكە رازى، بۇ ياخشىلىقىڭنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايمەن.
__ قانداق ئېزدەيمەن سىنىڭ چېچىڭنى؟
__ ھېلىقى سىلىنىڭ مەھەللىدىكى ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ ئۆيىدىكى قۇرئاننىڭ ئېچىدە ساقلاقلىق، شۇ يەردىن
ئەچىقىپ بەرسەڭلا بولىدۇ.
مەن ئۆزۈمگە نۇرغۇن سۇئاللارنى قويدۇم،ئەگەر ئەچىقىپ بەرمىسەم مەن بىر ئۆمۈ بۇنىڭدىن قۇتۇلالمايمەن، جىن_ شاياتۇنلار يالغانچى كىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم،گەرچە بۇ خالىمىساڭ مەيلى،بۇندىن كىيىن سىنى ئىزدىمەيمەن، دىگىنى بىلەن مەندىن ئۆچ ئالسىچۇ؟ ئەچىقىپ بىرەي دىسەم بۇ ئالىدىغاننى ئېلىپ بۇلۇپ ماڭايامانلىق قىلسىچۇ؟ھەي........
مەن ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ ئۇنىڭ شەرتىگە ماقۇل دىدىم، ھەم كۆڭلۈمدىكى گۇمانلىرىمنى ئۇنىڭغا دىدىم،ئۇ ماڭا شۇنداق يالۋۇرۇپ ماڭانۇرغۇن ۋەدىلەرنى بەردى. ئۇ مەن ئۇچراتقان ئىنساللارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشىسى ئىكەنسەن ،-دىدى.
بىر ھازا مۇڭداشقاندىن كېيىن ئۇ:
__مىنى باللىرىم چاقىرۋاتىدۇ،بېرىپ كىلەيلىمۇ؟ دىدى.
__ھە بۇلىدۇ،ئەمما ئۇيەرگە قانداق بېرىپ بۇلىمەن؟
__ كۆزۈڭنى يۇم،_ دىدى ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرەپ.
مەن كۆزۈمنى شۇنداق يۇمۇشىمغا بىر دەمدە بۇۋاقلار قەبرىستانلىقىغا كىلىپ قالدۇق،نۇرغۇن بۇۋاقلار كىلىپ بىزنى ئورىۋالدى،ئۇ بىر بالىنى قۇچقىغا ئالغىنىچە :
__مۇشۇ بالىلارنى دىسەم ھەرگىز بۇ يەردىن ئايرىلغۇم يوق ئەمما مەن كەتمىسەم بولمايدۇ،_دىدى.
مەن ئۇنىڭدىن بۇنچە كۆپ بالىلارنى قەيەردىن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سورۇدۇم،
__بۇ بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسى دوختۇرخانىدىن كەلگەن،ھامىلدار ئاياللار،ئالدۇرۋەتكەن بالىلار،نىكاھسىز تۇغۇلغانلىرى ناھايتى كۆپ،بۇ دۇنياغا كۆز ئاچماستىنلا ئەخلەتخانىلارغا، يۇندا كاتەكلىرىگەتاشلىنىدۇ،ھەتتا بۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيدۇ.
-ئەسلى ئىشنىڭ تىگىمۇنداق ئىكەندە،ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىم بارغانسىرى ئاشتى ،ئىنسانلارمۇ قىلالمىغان ئىشنى مۇشۇ ئالۋاستى،ياق مۇشۇ قىز قىلىدى، راستلام مىھرىبان،كۈيۈمچان،قىز ئىكەن.ئۇبىز ئىنسانلارنىڭ نۇمۇسىنى يەرگە كۈمۈپ شۇنداق ياخشى ئىش قىلىۋاتسا، مەن ئۇنىڭغاياردەم قىلالمىسام مىنىڭ ھايۋاندىن نىمە پەرقىم قالسۇن.
2000-يىلى11-ئاينىڭ14-كۈنى سەيشەنبە››
دەرھال ھېلىقى ساندۇقتىكى قولدا سىزىلغان رەسىم يادىمغا كەلدى دە بىر قۇر كۆزۈتۈپ چىقىشقا باشلىدىم،بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم،ئۇ رەسىم خاتىرىدە تىلغا ئېلىنغان قەبرىستانلىق ئىكەن،بىر ئۇزۇن چاچ ئايالغا نۇرغۇن بۇۋاقلار ئېسلىۋېلىپ يىغلاۋاتقان رەسىم ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-11 11:59 AM