مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bozqir

[بوزقىر]خەنزۇلار راستىنلا تۈبۈتلەرنىڭ نېنىنى تارتىۋالدىمۇ ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 31060
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6954 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  لى جىن مۇنداق دەيدۇ : «ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا پەقەت تىبەت نوپۇسىدىلا بولسىلا ياكى تىبەتتە تۇغۇلغان بولسىلا شۇ جايدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغانلقىدەك ئېتىبار ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى بېكىتتى.»

-------------------------------------------------

  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىشقا ئورۇنلۇشۇش جەھەتتە ئالدىن ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدىغان ھوقۇقنى كىم بېرىدۇ ؟رايونىمىزدا يەرلىك مىللەتلەرنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس ئەكسىچە ئوچۇقتىن -ئوچۇق «ئۇيغۇر ئالمايمىز»دەيدىغان ئورۇنلارمۇ خېلى كۆپ تۇرسا.

  قارىغاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ تېبەت ئاپتونوم رايوندىن ئۆگۈنىدىغان تەرەپلىرى كۆپتەك قىلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 08:55 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14425
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9898 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bozqir يوللىغان ۋاقتى  2012-8-15 08:44 AM
لى جىن مۇنداق دەيدۇ : «ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تىبەت ئاپتو ...

توغرا دەيسىز . بىز ھېلىمۇ شۇكرى -قانائەتچان مىللەتكەنمىز .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82396
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 609
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2012-7-2
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دالاي لامانىڭ شۇ كونا زاماندىمۇ كارامەت كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەمكەن ئەسلى.

سۈكۈت قىلىش جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-8-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشىسۇن بۇيۇك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-8-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشىسۇن بۇيۇك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 31060
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6954 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لى جىن مۇنداق دەيدۇ : «ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا پەقەت تىبەت نوپۇسىدىلا بولسىلا ياكى تىبەتتە تۇغۇلغان بولسىلا شۇ جايدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغانلقىدەك ئېتىبار ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى بېكىتتى.»

-------------------------------------------------

  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئىشقا ئورۇنلۇشۇش جەھەتتە ئالدىن ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدىغان ھوقۇقنى كىم بېرىدۇ ؟رايونىمىزدا يەرلىك مىللەتلەرنى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەس ئەكسىچە ئوچۇقتىن -ئوچۇق «ئۇيغۇر ئالمايمىز»دەيدىغان ئورۇنلارمۇ خېلى كۆپ تۇرسا.

   ئەمەلىيەتتە ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشتە ھەقىقەتەن بەزى مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ يالغۇز يەرلىك مىللەت بولغان ئۇيغۇرئىقتىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشتىلا ئەمەس يەنە يەرلەشكەن خەنزۇ ئىقتىساسلىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشتىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت.
   
  گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە،شىنجاڭدا1960-،1970-يىللاردا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ توپا-تاش قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ،ھازىرغىچە يەنىلا بىڭتۇەندىكى مەلۇم بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتەلمەي يۈرگەن.2000-يىلى يۈننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت ئاسراش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت ئىزدىگەندە سوغۇق مۇئامىلىگە دۇچار بولغان.ئاخىردا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا شىنجاڭدىن ئايرىلىپ كۇنمىڭدا ئىىشقا چۈشكەن.ئازتولا ۋىجدانى بار ئادەملا :«شىنجاڭ شۇنچە كەڭرى تۇرسا نېمە ئۈچۈن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈدەك بىرەر سەھنە چىقمايدۇ؟شىنجاڭ شۇنچە چوڭ تۇرسا نېمىدەپ شىنجاڭلىق بىر قىز ئوقۇغۇچىغا باش تىققۇدەك ماكان چىقمايدۇ؟»دەپ سورىماي تۇرالمايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 01:54 PM  


ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 31060
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6954 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىچۇەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى لى جىن مۇنداق دەيدۇ : «ئۆتكەن يىلدىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونى بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تىبەتلىك ئوقۇغۇچىلار ۋە كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا پەقەت تىبەت نوپۇسىدىلا بولسىلا ياكى تىبەتتە تۇغۇلغان بولسىلا شۇ جايدا مۇئەييەن دەرىجىدىكى ئالدىن ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغانلقىدەك ئېتىبار ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدىغانلىقىنى بېكىتتى.»

-------------------------------------------------
  قارىغاندا تىبەتتە « يىراقتىكى موللام دا موللام، يېقىندىكى موللام جا موللام » دېگەن سەپسەتىگە خاتىمە بېرلىشكە باشلاپتۇ. ئەمما بىزدىچۇ ؟

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8197
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 31060
تۆھپە نۇمۇرى: 676
توردا: 6954 سائەت
تىزىم: 2010-8-28
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرجىمان ئىلاۋىسى : يىلدا « ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنىڭ ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نەزىرى  يىغىندىكى يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى تەكلىپ، يېڭى سېياسىي ئۇچۇرلارغا مەركەزلىشىدۇ.ئالدىنقى يىللاردا شىنجاڭلىق داڭلىق يازغۇچى جۇتاۋنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېياسىي كېڭەش يىغىنىغا سۇنغان «بېيجىڭدىكى ماۋزېدوڭ خاتىرە سارىيىنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا يۆتكەپ ، ماۋزېدوڭنىڭ جەسىدىنى تەكلىماكان قۇملۇقىغا دەپنە قىلىپ ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى دۇنياۋى ئاممىۋى قەبرىستانلىققا ئايلاندۇرۇش»ھەققىدىكى تەكلىپى مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك بەھىس- مۇنازىرە قوزغىغان بولسا بۇ يىلقى « ئىككى يىغىن»مەزگىلىدە  دۆلەت ۋە شەھەر سىتراتېگىيە تەتقىقاتچىسى لو تىيەنخوڭنىڭ « ئىككى يىغىن» غا سۇنغان « غەربكە 100مىليون كۆچمەن يۆتكەپ ، 100ئىسرائىلىيە قۇرۇش »ناملىق تەكلىپى « blog.ifeng.com » دا ئېلان قىلىنىپ ، ئوخشاشلا قىزغىن بەھىس مۇنازىرە قوزغىغان. شۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن تورداشلارنى خەۋەردار قىلىش مەقسىدىدە قىسقىچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.

                          ------بوزقىردىن


نامرات رايونلار تەرەققىياتىدا ئىسرائىلىيە پۈتكۈل يەر شارىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.ئىسرائىلىيە 20مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر زېمىندا 7مىليون ئادەمنى بېقىۋاتىدۇ.دۆلەت زېمىنىنىڭ ئ% 60ئى ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىغان قاقاسلىقتۇر.سۇ ئىنتايىن قىس، بايلىق كەمچىل بولغان بىر دۆلەتتە ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە قەيسەرلىكىگە تايىنىپ ئىقتىسادىي مۆجىزە يارىتالىدى.بولۇپمۇ ئۇلار ياراتقان قۇملۇق يېزا ئىگىلىكى پۈتكۈل يەرشارىدىكى ئەڭ كاتتا مۆجىزە ھېساپلىنىدۇ.

جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمى مەلۇم جەھەتتىن ئېيىتقاندا تەبىئىي شارائىت جەھەتتىن ئىسرائىلىيە بېلەن ئىنتايىن ئوخشاشلىققا ئىگە.شۇڭا ئىسرائىلىيىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

ئىلگىرىكى غەربىي شىمال ئاساسەن چېگرا رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي خەرىتىسىدە ئانچە كۆزگە چېلىقمايىتتى.بىراق ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئاسىيادىن پۈتكۈل يەر شارىغىچە بولغان سىتراتېگىيە نەزىدە تۇرۇپ قارىغاندا غەربىي شىمال ياۋرو-ئاسىيا كۆۋرۈكىگە ئايلىنىپ بۇ رايونلارنىڭ سىتراتېگىيەلىك قىممىتى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە.

ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ نوپۇس ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتى ئاساسەن تويۇنۇپ قالدى.مەسىلەن ئاران 100مىڭ كۇۋادرات كلومېتىر زېمىنى بار جىياڭسۇ 70مىليون نوپۇسنى بېقىۋاتىدۇ،  100مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىر زېمىنى بارجېجىياڭ بولسا 50مىليون نوپۇسنى باقماقتا.«جۇڭگونىڭ زاۋۇدى» دەپ نام ئالغان گۇاڭدوڭنىڭ زېمىنى  200مىڭ كۇۋادرات كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەمما نوپۇسى 100مىليوندىن ئاشىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە خېنەن، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ نوپۇسىمۇ 100مىليونغا يېقىنلىشىپ قالدى.ئەمما، شىنجاڭ، چىڭخەي، شىزاڭنىڭ بىر قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر قىسمىنى قوشقاندا ئومۇمىي يەر كۆلۈمى مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلۈمىنىڭ يېرىمىغا باراۋەر كەلسىمۇ ئەمما نوپۇسى 30مىليونغىمۇ يەتمەيدۇ. ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا پەرىق بەك زور.

يەنە كېلىپ جۇڭگونىڭ شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى زور بولۇپ ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا تولىمۇ ماس كەلسىمۇ ئەمما ، بايلىق مەنبەسى غەربىي قىسىم رايونلىرىنىڭكىدەك مول ئەمەس. بۇ جەھەتتە شەرىقىي قىسىم  بېلەن غەربىي قىسىم نوپۇس ۋە بايلىق جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاشقا مۇھتاج.

يەرشارى تەرەققىياتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ چوڭ دۆلەتلەر مەملىكەت بويىچە تەكشى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق كۈچەيگەن. ئامېرىكا بۇنىڭ تىپىك مىسالى.شىنجاڭ ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شىتاتىغا ئوخشايدۇ.ئامېرىكا 19-ئەسىردىن باشلاپ رۇسىيەدىن ئالياسكىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۇنى قەدەممۇ قەدەم ئېچىپ، ئۇ يەردىن زور مىقداردىكى تۆمۈر كانلىرىنى تاپقان. ئالياسكىنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرى زاپىسىمۇ ئىنتايىن كۆپ ، كان بايلىقلىرى مول.پۈتۈن مەمەلىكەت يەر مەيدانىنىڭ 6دىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئالياسكا ئامېرىكىنىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشىدىكى موھىم بازىغا ئايلانغان.

     ۋەھالەنكى، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمغا كۆچمەن يۆتكىشىنىڭ تەس بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىكى ئاساسىي سەۋەب غەربىي قىسىمنىڭ شەرقىي قىسىمدىن قالاق بولۇپ قېلىشىدۇر.كەلگۈسىدە غەربىي قىسىم ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلا بولسا ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.ئەنە شۇ چاغدىلا ئوتتۇرا ۋە شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى سەرخىل نوپۇسنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدۇ.

   يېقىن كەلگۈسىدە مەركەز شىنجاڭغا 10تىرلىيون مەبلەغ سالماقچى ، شىنجاڭغا بۇنداق زور كۆلەملىك مەبلەغ سېلىش  تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان. يەنە كېلىپ غەربىي قىسىمدىكى باشقا ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېلىنىۋاتقان مەبلەغ كۆلۈمىنىڭ زورلۇقىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ. بۇنچە زور مەبلەغ چوقۇم كۆچمەنلەر بىلەن بىرگە يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭ تۈرىتكىسىدە غەرىبكە ئاققان نوپۇس بەلكىم «پاختا كۆچمەنلىرى» ۋە «يەر تەۋرەش كۆچمەنلىرى»گە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپىيىپ ئەڭ يۇقۇرى ھالەتكە يېتىشى مۇمكىن.

     كەلگۈسىدە غەربىي قىسىم جەلىب قىلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ 100مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى ئېنىق.قايسى ئۆلكە ، رايونلاردىن ئەڭ كۆپ كۆچمەن يۆتكۈلىدىغانلىقى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە سىتراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن بېكىتىلسە كېرەك.

  

http://blog.ifeng.com/article/16622904.html

-----------------------------------------------

  ھەي تۈبۈتلەر، مۇبادا يۇقۇردىكى « 100مىليون كۆچمەن يۆتكەپ ، 100ئىسرائىلىيە قۇرۇش» پىلانى تىبەتكە تەدبىقلىنىپ قالسا سىلەر يەنە قانداق ئىنكاس قايتۇرارسىلەر؟ «خەنزۇلار تىبەتنى يۇتۇپ كەتتى» ، «خەنزۇلار تىبەت ئاپتونوم رايونىغا خىزمەت قىلىمىز دەپ بېرىپ ، يەرلىكتىكىلەرنىڭ يەۋاتقان نېنىنى تارتىۋالدى» دېگەندەك دەيدىغان گەپنىڭ ھەممىنى دەپ بوپسىلەر ، ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەرسىلەركىن ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 02:55 PM  


كـۈرەشـجان

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1059
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4733
تۆھپە نۇمۇرى: 247
توردا: 4812 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە مۇشۇ سايلام ئادىل بولسا ، ھەممىمىز ئۆزىمىز ئىشەنگەن خەلىققە نەپ يەتكۇزەلەيدىغان  ،
باشلىق سايلىساق ھەرگىزمۇ باشقىلار سايلاپ بەرگەننى ئەمەس . جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىدە 18 يا شقا تولغان ھەربىر پۇخرانىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقى  بولىدىغۇ دەيمەن .
شۇنداق تۇرۇقلۇق  يۇرتىمىزدا نىمە ئۇچۇن ؟ يېزا دەرىجىلىك خەلىق ھۆكۇمەتلىرىدە بولسىمۇ ئويغۇر سېكىرتار سايلىنامايدۇ ؟ ؟؟

بەزىلەر دەيدۇ، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدەبار ؟ مەن دەيمەن ، شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81246
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا .نىمىز تۇرۇپ ئۇلارنى تۇنىيالمىغاندەك ئىش بۇلىۋاتىدۇ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش