بۆلگۈنچى،تېرورچى،دىنىي ئەسەبىي كۈچ دالاي لاما بۈگۈنكى زامانىۋى،تەرەققىي قىلغان،مىللەتلەر تىنىچ ئىتتىپاق ئۆتىۋاتقان،ئاۋام خەلق دۇنيادىكى ئەڭ باياشات تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىۋاتقان،ئەمەلدارلارنىڭ پاك-پاكىزلىغىدىن خەلق سۈيۈنۈپ تەسىرلىنىپ ھەر كۈنى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىۋاتقان،ھەتتا ئەرىز-شىكايەتلەرمۇ يىلتىزىدىلا ھەل قىلىنىۋاتقان مانا مۇشۇنداق بىر ئادىل،باراۋەر،ئىتتىپاق بىر جەمىيەتنى كۆرمەيۋاتامدىغاندۇ؟؟؟
ھەي كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دالاي،ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنما.....ئەگەر ۋەتەن پارچىلانسا ماۋۇ كۆمپارتىيە ئاتا قىلغان ،سەككىز نۇپۇس ياشاۋاتقان،45 پىڭپاڭ ئىجارە داچامدىن ئايرىلىپ قالىمەن.....نىمىشقا دەمسەن،ئاتا بوۋام چالما-كېسەك ئۆيدە ئوتتۇراپتىكەن،مىنىڭ دەۋرىمگە كەلگەندە كومپارتىيەنىڭ شەپقىتى بىلەن 25يىلنىڭ ئالدىدا سېلىنغان كاتتا ئىمارەتنىڭ ئاسمانغا تۇتاش قەۋىتىدە ياشاشتىن ئىبارەت كاتتا بەخىتكە مەن مۇيەسسەر بولدۇم!
شۇڭا دەيمەن:كومپارتىيە،ياشىغاي،ياشىغاي،مىليارىت يىللار ياشىغاي!!!
(ماۋ رەئىس سىنىڭ بۇنداق رەزگىلىگىڭنى بىلگەن بولسا سەن بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ يۇرمەس بولغىيتى ئىناۋىتىنى تۈكەپ......)