ئەسكەرتىمىڭىزدىن بىز تىبەت دەپ ئاتىلىۋاتقان مىللەتنى تۈبۈت دەپ ئاتىشىىمىز مۇۋاپىقمۇ؟
شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى ،يەنى شىزاڭ تىبەت، ئوۋ ياق تۈبۈت ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ كۆلىمى جۇڭگۇ بۇيىنچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىنلا قالسا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتۇنۇمىك رايۇندۇر.مۇھىتى قۇرغاق،سۇغۇق ۋە ھاۋا يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.شىزاڭ دۆلىتىمىزنىڭ يۈننەن،سىچۈەن،چىڭخەي ۋە شىمالدا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بىلەن،چىگرا سىرىتىدا بولسا نىپال،بۇتان،سىككىم، ھىندىستان مىيانمار قاتارلىق دۆلەت رايۇنلار بىلەن چىگىرلىنىپ تۇرىدۇ.
تۈبۈتلەرنىڭ دىنى داھىيسى دالاي لاما چەتئەلگە چىقىۋىپلا بىردە ئامرىكا ياۋرۇپا ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ دۆلىتىمىزگە نۇمۇس كەلتۈرسە بىردە ھىندىستانغا شىزاڭنى ھىندىستاننىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىدى دەپ بىلجىرلاپ دۆلىتىمىزگە كۆپ ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرگەن.دالاي گورۇھىنىڭ تۈبۈتلەرنى خەنزۇلار يەپ كەتتى دىيىشنىڭ قىلچە ئاساسى يۇق.تۈبۈتلەر پەرزەنىتلىرى ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرسە نۇمۇر قۇشۇپ بىرىش،ئالى مەكتەپنى پۈتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت بىرىش قاتارلىق ئىمتىيازلىرى باركەن.شىزاڭنىڭ ئىچىۋىتىلىش سۈرىتى ئاشقانسىرى نۇرغۇن مىللەتلەر بۇ يەردە كىلىپ ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شىزاڭنى سىرىتقا تۇنۇتىۋاتىدۇ.شىزاڭ ھەقىقەتەن ئازادلىقتىن ئىلگىرى فىئودال تۈزۈمى ئۇمۇملاشقا زىمىن ئىكەن.دۆلەت شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يىلىغا ئىككى مىلىيارد يۈەننى خەجلەيدۇ.(ھازىر ئۆسكەن بۇلىشى مۇمكىن)قىسقىسى دۆلەت مالىيەسىنىڭ شىزاڭغا بىرىدىغان ئىخدىسادى ياردىمى شىنجاڭغا بىرىۋاتقان ياردىمىدىنمۇ كۆپ.دالاينىڭ بۇ ئۆسەك سۆزنى تارقىتىشى قانداقتۇر خەنزۇلار تۈبۈتلەرنى يەۋەتكەن بولماستىن بەلكى ھىندىستان قاتارلىق دۆلىتىمىزگە خۇشنا ئەللەرنىڭ چىگرا زىدىيىتىنى ئىغىرلاشتۇرۇش ئىكەنلىكى ئىنىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izqel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-13 07:21 PM