ساپلا ۋاقتى ئۆتكەن كونا گەپلەركەن.
تەپەككۇر بەكلا ئاجىز، دەلىللەر يېرەرلىك ئەمەس. پەقەت باشقىلارنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى چۆكتۈرىدىغان بىمەنە سۆزلەركەن.
ئۇيغۇر چېنىقمايدۇ...
نېمە دېگەن ھاماقەتلەرچە گەپلەر بۇ...
تېما يوللىغۇچى ئاۋال سىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىغا بىر چۆكۈپ بېقىڭ. نىقابنى ئېلېۋېتىپ ھەقىقىي چىرايلارنى كۆرۈپ بېقىڭ. دىيارىمىزدىكى ئاشۇ ساناغلىق چېنىقىش ئورۇنلىرىمۇ تاقالدى... ئادەم يوق بولۇپ قېلىپ ئەمەس، ئۇيغۇر چېنىققانلىقى ئۈچۈن تاقالدى...
كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ سۆزلەڭ.
(ئېچىنىشلىق، ئاچچىق كۈلكە)
سىزمۇ ئوسۇرۇقىنىڭىزنى پۇراپ ياتماي سەھەردە تۇرۇپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇپ، ئاللاھتىن تىلەڭ.
ئاشۇ گەپلىرىڭىز بىلەن ئۆزىڭىنى قالتىس چاغلاپ كەتكەندەك قىلىسىز. سىز ئۇلارنىڭ مەيداندىكى ھاياجىنىنى كۈزەتمەي، قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ دەردىنى بىر كۈزىتىپ بېقىڭ...
ئۆزىڭىز نېمە ئىش قىلالىدىڭىز؟ ئاۋال ئۆزىڭىزدىن بىر سوراپ بېقىڭ. سىز ئۇيغۇرلارنى تىللاشتىن باشقا زادى ئەمەلىي نېمە ئىش قىلىپ باقتىڭىز؟؟؟؟؟!!!!!
ھاياجان بىلەن قۇرۇق گەپ ساتماي بىرەر ئەمەلىي پىلانىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمامسىز...
بىرەر قېرىندىشىڭىزنىڭ بېشى سىلاپ باقمامسىز؟
بىرەر قېرىندىشىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەمەلىي بىر ياردەم قىلىپ باقمامسىز...