emetbeg يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 05:02 PM
بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىىغا ھەيران بولماي تۇرالمىدى ...
توغرا دەيسىز ... 2008 -يىلى قازاق مىللىتىدىن بولغان قانات ئىسلام بوكستا بىر مىس مېدال ئالغان... ئۇمۇ مۇشۇ مەمەتتۇرسۇن چوڭ قاتارلىق بىزنىڭ بالىلار بىلەن بىرگە مەشىق قىلغان. تېرىنىرى ئوخشاشلا ئابلىكىم ئابدۇرىشىت بىلەن ئابدۇشۈكۈر ئىدى. بۇ ئىككى تېرىنىر مېنىڭچە ھەممە بالىلارغا ئوخشاش كۆزدە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
نوپۇسقا تاقاپ تۇرىۋالمايلى ھەممە ئىشلارنى... ھىندىستاننىڭ نوپۇسى دۆلىتىمىزنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ، بىراق ئولىمپىكتا ئالغىنى 2 كۈمۈش، 4 مىس مېدال، ئالتۇن مېدال بولسا نېمە دەي.. شىنجاڭدىكى قازاقلارنىڭ نوپۇسىمۇ بىزنىڭ 8دىن بىرىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ئەنە قانات ئىسلاممۇ ئوخشاش شارائىتتا ياشاپ مىس مېدال ئالالىدى....
دېمەك، مېدال ئالالماسلىقتا خەقتىنلا كۆرمەي ئۆزىمىزنىڭ يۈرىكىنى تۇتۇپ سوراپ باقايلى: مەن تەنتەربىيىنى قانچىلىك قوللاپ باقتىم، ئۆزۈم زادى بۇ ئىشلارغا قانچىلىك دىققەت قىلىپ، قانچىلىك ئويلاپ باقتىم!!!!
دانالار خاتالىقىنى ئۆزىدىن كۆرىدۇ، نادانلار باشقىلاردىن !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablatjan312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-15 06:01 PM