faeza يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 02:09 PM
تۈنۆگۈن ھېيتلىق يىمەكلىكلەرنى ئالغىلى بارسام ساپلا ر ...
سىز دىگەن قوغۇن تەملىك،ئاپلىسىن تەملىك، بۆلجۈرگەن تەملىك...قاتارلىق نۇرغۇن ھەرخىل تەملىك كەمپۈتلەرنىڭ تەركىبىدە ھەرگىزمۇ مىۋە تەركىبى يوق، ھەممىسى تەم تەڭشىگۈچ بىلەن رەڭ تەڭشىگۈچنىڭ كارامىتى.
ئىچىلىۋاتقان مىۋە شەربەتلەرنى 90%تى شۇنداق.添加剂 ،香精 قاتارلىقلار يىمەك-ئىچمەك ساھەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچلار...
شۇنچە ئۇسساپ بىرىپ سىتىۋالغان مىۋە شەربەتلىرىنى ھەرقانچە ئىچسىڭىزمۇ ئۇسسۇزلۇقىڭىز قانمايدۇ، يەنە بىر يەرلىرى كەمدەك قىلىدۇ، نىمە ئۈچۈن؟
سەۋەبى بەك ئاددى، ئىچكىنىڭىزنىڭ ھەممىسى رەڭ تەڭشىگۈچ ۋە تەم تەڭشىگۈچلەر...
ئۇلارنىڭ تەركىبى مول ئىسسىقلىق كالورىيىسى...
شۇڭا سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچكەن كىشى شۇ تەركىبدىكى ئىسسىقلىق كالورىيىسى سەۋەبىدىن ئاسانلا سەمىرىپ كىتىدۇ...
بۇرۇن بىلمەيتتىم، كىيىن بىر تىمىنى كۆرۈپ ھەممىنى چۈشەندىم، ھازىر بەك ئۇسساپ كەتسەم قايناقسۇ ئىچىمەن، تاپالمىسام 1يۇەنلىك مىنرال سۇ...
مارۇژنىمۇ شۇ...
بۇنداق دەپ كەلسەم شەھەردە تۇرۇپ ئاساسەن يەۋاتقىنىمىزنىڭ 90% مۇشۇنداق نەرسىلەر...مىساللار بەك كۆپ...
كۆكتات، مىۋە-چىۋە ھەممىسى شۇ...پەمىدۇر، تەرخەمەك،لازا....
بالدۇر چىققان بەتتام تاۋۇز...يەنە شۇنىڭدەك مىۋىلەر ھەممىسى بالدۇر ئۈزۈلۈپ غول پىلىكىگە 添加剂 ۋە 香精نى ئۇرۇپ تەم كىرگۈزۈپ بازاردا ساتىدۇ...