tekken يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 09:15 PM
راس يەنە بىر گەپ مۇشۇ باھانىدا مەن بىر گەپنى سورىۋالاي ...
بىزنىڭ ماۋۇ قەشقەر ھىيتگاھ جامىئەسىدە بۇنداق ئىشلار چاقىرغۇ يىڭى ئومۇملاشقان زامانلاردا بەزىلەر ئۇنتۇلۇپ قالغان بولىۋىپ تازىمۇ داپشاقلىق قىلغانتى، كىيىن تىلفۇنغا ئۆزى خالىغان موزىكىنى چىقارغىلى بولغاننىڭياقى بىر مەزگىل بىر قىسىم كىشىلەر ئاجايىپ چۇپرەندىلىكىنىى كۆرسەتتى، يەنى مەسچىتكە كىرىپ ئىبادەت قىلىپ ساۋاب ئىلىشتەك چوڭ ئىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ قانداق تىتىقسىز ناخشا ئاڭلايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بولۇپ كىتىپ، بەزىبىر چاكىنا قىرىنداشلىرىمىر سۇنۋۇكۇڭنىڭ يەنە بەزىبىر لاۋزا كىنۇنىڭ لاۋزا ناخشىللىرىنى، بولۇپمۇ زاپەر تىلفۇندىن چىقىدىغان ئەسكى داسنى تارڭشىتقاندەك ئاڭلىنىدىغان قوتا تىلفۇنلىرىنى نۇمۇس قىلماي ئەيمەنمەي نامازنى بۇزالمىغان قىياپەتتە جارڭشىتتى، ھازىر خىلى بىسقىپ قالغان بولسىمۇ يەنە بىر قىسىملىرمىز بەك دۆتلىك ياكى چاكىنلىق قىلىپ بۇنداق ناچار ئىشلار يەنە ساقلىنىۋاتىدۇ.
مەن مەۋۇ قىرندىشىمىزنىڭ گىپىگە بىلىشمچە جاۋاب بىرىپ باقاي مۇبادا گەپلىرىم خاتا بۇلۇپ قالسا سۆزلىرمنى تۇتىۋىلىپ ماڭا تەربىيە بەرگەن بولۇۋىلىپ ئۆزەڭلارنى باشقىلارغا كۆرسىتىمەن دىمەي چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار باشقىلار ۋە مەن بىلىمىمىزنى ئاشۇرۋالارمىز، مىنىڭچە بىر ئادەم يامان كىسەل بىلەن ئاغرىپ قالسا بىز (دۇختۇر)ئۇنىڭدىن قاچساق ئۇنىڭ كىسلىنىڭ دورىسىنى تاپمىساق ئۇنىڭ كىسلى تىخىمۇ ئىغىرلىشىدۇ ياكى ئۇنىڭ كىسلى بىزگە يۇقىدۇ، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا يىقىن تۇرۇپ كىسلىنىڭ ساقىيىشىغا دورا تاپساق ئۇمۇ ساقىيدۇ، بىزمۇ ئۇ كىسەلنىڭ دۇرىسىنى بلىۋالىمىز، يەنى بىز ئۇنىڭ(ناماز ئوقۇمايدىغان، ئىتقادىي ئاجىز كىشىلەر) بىلەن يىقىنلىشىپ ئۇنىڭ قەلبىنى ئۆزگەرتسەك ياكى ئۆزىمىزنىڭ تەقۋادارلىقى بىلەن تەسىر قىلساق ئۇياقنىڭ ئۆزگىرىشىگە پايدىسى بارمىكىن. ئۇنداقلاردىن قاچساق ئۇ تىخىمۇ بەتتەرلىشىپ كىتىشى مومكىن.