xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 06:25 AM
شۇنداق قىلىشى توغرا،ئەلۋەتتە ناماز ئوقمىغان بىناماز ...
سىزگە بىر تەكلىپىم،يەنىمۇ ئىزدىنىڭ،دىنغا مايىل تۇرغان كىشىدىن ئالدىراپ چەك-چېگرىنى ئايرىماڭ،سىز داۋاملىق ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلىق سۈپىتىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ قالسا سىز سەۋەپچى بولمىسىڭىزمۇ باشقا مۇسۇلمان كىشىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۇ نامازنى باشلىشى،يامانلىقنى تاشلىشى،بەلكى سىزۋە بىزدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن..چەك-چېگرىنى ئاجراتمىغاندا ھەم ياخشىلىقنى كۆپەيتكىلى بولمىسىمۇ؟يامانلىقنىڭ كۆپييىشىنىڭ ئالدىنى،بەلگىلىك تۈردە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ..بۇنىڭغا دەلىل،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇ بىر تاغىسى ئەبۇ لەھەبتىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن بولسىمۇ،يەنە بىر تاغىسى ئەبۇ تالىپتىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەن ئۇلار ھەر ئىككىلىسى مۇشرىك ئىدى...ئەمما ئۇلارنىڭ بىرى،مۇشرىكلىك ھالىتىدە توختىماي پەيغەمبىرىمىزگە يامانلىق قىلاتتى،يەنە بىرى بولسا،مۇشرىكلىك ھالىتىدە توختىماي پەيغەمبىرىمىزگە ھامىيلىق قىلاتتى شۇڭا ئۇلارغا پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇتقان مۇئامىلىسىمۇ ئوخشاش بولمىغان.دىنغا ياردەم بەرگەن تاغىسىنى گەرچە مۇشرىك بولسىمۇ،مۇناسىۋەتنى ئۈزىۋەتمەستىن بەلكى،ئۇ تاغىسى تاكى جان تەسلىم قىلغۇچە ئۇنىڭغا بولغان دەۋىتىنى توختاتمىغان..مېنىڭچە بىز ئىشلارنى ئۈلگە ئېلىشىمىز كېرەك...