بۇغداي يوللىغان ۋاقتى 2012-8-18 12:25 PM
نەزىر، سەدىقە دىگەنلەر ئەسلىدىنمۇ يىتىم -يىسىر ،غىرىپ ...
نەزىر، سەدىقە دىگەنلەر ئەسلىدىنمۇ يىتىم -يىسىر ،غىرىپ - غۇرۋالارنىڭ ھەققى مەسچىتتىكى جامائەتكە بەرمەي جايىنى تىپىپ بىرىڭ.كىشى كەمبەغەل، ئائىلىسى مۇھتاج ۋە قەرزىدار تۇرۇپ سەدىقە بىرىشكە بولمايدۇ.
ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دىگەن: بەرگۈچى قول تىلىگۈچى قولدىن ياخشى،سەدىقىنى ئالدى بىلەن سەن تەمىنلەشكە تىگىشلىك ئادەملىرىڭگە بەرگىن ،بايلىقتا بىرىلگەن سەدىقە ئەۋزەل سەدىقىدۇر. كىمكى ئاللادىن كىشىلەردىن نەرسە تىلەشتىن ساقلاشنى تەلەپ قىلسا، ئاللا ئۇنىڭغا تىلىگىنىنى بىرىدۇ. كىمكى ئاللادىن بايلىقنى تىلىسە، ئاللا ئۇنى باي قىلىدۇ.
============================================
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئەتىراپلىق ھەم چۈشۈنىشلىك مەسلىھەت بىرىپسىز قېرىندىشىم ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن .
ئائىلىمىزدىكىلەر بىرلىككە كېلىپ ، نەزىرگە ئاتىغان پۇلنى ئوقۇغۇچىلارغا بىرىشنى بىكىتتۇق .
ئۆزلىرىنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق ، پەيغەمبىرىمىز قالدۇرغان مۇبارەك ھەدىسنى ، نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم .
ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن ئەزىز تەنلىرى سالامەت ، ئائىلىلىرى بەخىتلىك ، بارلىق ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي .