تور ئارلاپ يۈرۈپ مۇنۇ تېمىغا كۆزۈم چۈشتى .
بۇ تېما مەزمۇنى مەن ئوتتۇرغا قويغان مەسىلە بىلەن ئوخشاشكەن ، شۇڭا بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم .
نەزىرگە ئىشلەتمەكچى بولغان پۇلنى سەدىقە قىلىۋېتىش ياخشىمۇ ؟
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز، بىر ھەدىمىز مەندىن نەزىر قىلىش بىدئەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتىسىغا ئاتاپ ئاشۇ نەزىر قىلماقچى بولغان پۇلنى سەدىقە قىلسا دادىسىغا مەنپەئەتى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز، ياكى مۇشۇ ھەقتە قىلسا بولىدىغان ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەلرەك باشقا بىرەر ئىش بارمۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
بىر ئىنسان ۋاپات بولغان چاغدا قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىپ، ۋەسىيەتلىرى بولسا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى مىقدارىدا ئورۇنداپ، قالغان مىراسنى مىراسخورلار شەرئى تەقسىم قىلىشىدۇ، مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن مىراستىن سەدىقە قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەتلا ھەممە مىراسخورلار رازى بولغاندىلا ئاندىن سەدىقە قىلىشقا بولىدۇ.
ئەمدى مىراس تەقسىم قىلىنىپ بولدى دەيلى، ھەر بىر مىراسخور مېيىت ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ سەدىقە قىلسا بۇ سەدىقىنىڭ ساۋابى مېيىتكە يېتىدۇ.
سەدىقە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ:
1-داۋاملىشىدىغان سەدىقە. 2-داۋاملاشمايدىغان سەدىقە.
1-داۋاملىشىدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: ئۇزۇن مۇددەت پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن: مەسجىد ياساش، قۇدۇق قېزىپ قويۇش، كىتاب باستۇرۇش، دېگەندەك ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان سەدىقىدۇر.
2-داۋاملاشمايدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: بىر قېتىملا ياكى قىسقا مۇددەت پايدىسى يېتىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن: كەمبەغەلگە بېرىش، تاماق يېگۈزۈش دېگەندەك ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان سەدىقىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتىسى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل سەدىقە:
قۇرئان، دىنىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ دوست-بۇرادەر ۋە باشقا تونۇشلىرىغا تارقىتىپ بېرىش.
پايدىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا سەرپ قىلىش.
موھتاجلارغا قۇدۇق قېزىش ياكى بۇروۋاي قۇرۇپ ياكى تۇرۇبا ئۇلاپ پاكىز سۇ ئەكىلىپ تەمىنلەش.
ئوقۇش پۇلى تاپالمىغان يىتىم-يېسىر ئوقۇغۇچىلارغا كاپالەت قىلىش.
مەسجىد بىنا قىلىش ۋە رېمونت قىلىش. ۋە يۇقىرىقىلارغا ئوخشىغان ئىشلار.
يەنە مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش مېيىت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئەمەللەردىندۇر.
ئەگەر مېيىتنىڭ بوينىدا پەرز ھەج ياكى ئادا قىلالمىغان كاپپارەت بولسا ئورنىدا ئادا قىلىش لازىم. تۇتالماي قالغان روزىسى بولسا ئورنىدا تۇتۇپ قويسا بولىدۇ.
ھەر بىرىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا بوينىمىزدىكى پەرز، ۋاجىباتلارنى تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشايلى، ئۆلگەندىن كېيىن پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىۋالايلى. بەلكى پەرزەنتلىرىمىز بىز ئۈچۈن سەدىقە جارىيە قىلالماسلىقى مۇمكىن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ .
2011-4-18
چېسلا: 2011-04-18 \ يوللىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ
مەنبە :
http://takwalar.com/?p=364