zirekqak12 يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 12:20 PM
شۇڭا، مەسىھكە تايىنىشنى ھەرگىز «غەربچە بولۇش» ياكى «ي ...
توغرا دىدىڭىز، زىرەكچاق12 ئەپەندىم،بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەكەلگىنى پەقەت بىر دىندۇر،يەنى پەقەت ئالەملەرنىڭ خۇداسى بولغان بىرلا خۇداغا ئىبادەت قىلىش،بۇنى ئەرەبچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دەيدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ يېڭى بىر دىن ئەمەستۇر.كىتابىڭىز ‹ئىنجىل›دىمۇ ئىسا ئەلەيھىسسالام:مىنى بۇرۇنقى دىنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنى كەلدى دەپ قالماڭلار،بەلكى ئۇلارنى ئەمللەشتۈرگىلى كەلدىم دىگەن.چۈنكى كىشىلەر خۇدا چۈشۈرگەن نىزاملارغا ئەمەل قىلمايۋاتقان ئىدى.ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ تەلىمى بەلكىم يادىڭىزدىدۇ:ئاڭلا ئى ئىسرائىل،بىزنىڭ خۇدايىمىز پەقەت بىر خۇدادۇر!...بىر خۇدادۇر....
شۇنداق بىزنىڭ خۇدايىمىز پەقەت بىر خۇدادۇركى،ئىسا ئەلەيھىسسالام ئېيىتقاندەك،ئۇ ھەم ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇداسىدۇر.ئىسا ئەلەيھىسسالام باش قويغان،ئىسا ئەلەيھىسسالام زازىلىقىنى تىلەپ روزى تۇتقان،ئىسا ئەلەيھىسسالام يىغلاپ دۇئا قىلغان خۇدادۇر.
كىيىن،رەزىل شەيتان يەنە ئىنسانلارنى ئازدۇردى،كىشىلەر ئۆز رەزىل مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن،خۇدا ئۇلارغا چۈشۈرگەن ئىنجىل نى ئۆزگەرتتى،بۇ ئۇلارنىڭ ئادىتى ئىدى.
(بەلكىم سىز بىزدىن نەنى ئۆزگەرتىپتۇ دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن.بىز ئىنجىل نىڭ ئەسلى نۇسقىسىنى كۆرۈپ باقمىغان،بۇنى بىزگە ھەممىگە قادىر خۇدا ئۆزى بىلدۈرگەن ئىدى،ھەر ھالدا ھازىرقى ئىنجىل ئاتىلىۋاتقان كىتابتىكى نۇرغۇن خاتالىقلار ۋە زىددىيەتلەر بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۇرۇپتۇ.)
مۆئمىنلەر پىتنە ئىچىدە قالدى،ئۇلارنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى،ئۇلار خۇداغا يىغلاپ يالۋۇردى.ئى خۇدا،بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن.
ئۇلۇغ خۇدا بىزگە ئىچ ئاغرىتتى،بىزنىڭ توغرا يولنى تاپالماي،خاتا يوللاردا ئۆزىنى ئۆلىما سانىۋالغان ئەمما نەپسىگە ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئەگىشىپ كىتىشىمىزنى خالىمىدى،ۋە پۈتۈن دۇنياغا رەھمەت سۈپىتىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى.ئۇلۇغ خۇدانىڭ دىنىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيتتى.
ئەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ تاياقلىرى ئاستىدا ھەم‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ›دىمەكتە.ئاھ،ئۇلۇغ ئاللاھ،ساڭا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى!مانا بۇ پەيغەمبەر زىرەكچاق ئەپەندىم سىزنىڭ كىتابىڭىزدا ھەم ياد ئىتىلىۋاتقان ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئالدىن ئېيىتقان،ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداقلا ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بەنى ئىسرائىللارنىڭ قېرىندىشى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىققان، مۇسا ئەلەيھىسسالدەك ئاتا ۋە ئانىنىڭ ۋاستىسى بىلەن دۇنياغا كەلگەن،مۇسا ئەلەيھىسسالامدەك توي قىلغان ۋە بالىلىق بولغان،ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئىرۇسالىم قىزلىرىغا ماختاپ بەرگەن ئاغزى تاتلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
شۇنداق،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەلدى،مۆئمىنلەر بۇنىڭدىن خۇشھال بولدى،ئەمما مىللەتپەرەس ۋە ئابرويپەرەس كىشىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۆز مىللىتىدىن چىقمىغانلىقى ئۈچۈن ناخۇش بولدى،ھەتتا قولىدا ئېنىق دەلىل تۇرسىمۇ،ھەسەتخورلۇق يۈزىسىدىن ئۇنى ئىنكار قىلدى.
كىشىلەر ئۇلاردىن سىلەر نىمە ئىشقا ئۇلۇغ خۇدانىڭ توغرا يولىنى ئېلىپ كەلگۈچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەيسىلەر دىگەندە،ئۇلار بىز ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمىز دىيىشتى،ھالبۇكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان شۇ يولىنى،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن يولسىز تاپقىلى بولماس ئىدى.چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،ئاللاھ ئۆزىگە خاس ئىلىم بىلەن نازىل قىلغان،دىللارغا شىپا قۇرئان بىلەن كەلگەن ئىدى.نى نى مۆئمىنلەر توغرا يولنى تاپالماي تۇرغاندا،قۇرئاننى ئاڭلاپ دىللىرى يۇمشىغىنىدىن يىغلاپ،ئالدىدىكى ئىنجىل ۋاراقلىرىنى ھۆل قىلغان ئىدى.چۈنكى،ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان ئىدى،....ئۇلار‹ئىھ،رەببىم،پەقەت ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز› سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن...›دىگەن ئايەتلەرنى ئاڭلىغانلىرىدا،مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى!دەپ توۋلىۋىتىشتى.شۇنداق،ئۇلارنىڭ مەخپى قىلغان دۇئالىرىنى،ئاللاھتىن بۆلەك ھېچكىم ئاڭلىمىغان تۇرسا،بۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولمىسا بۇلارنى قانداق بىلسۇن دەيسىز.
ئەگەشكەنلەر ئەگەشتى،ئەگەشمىگەنلەر يەنىلا ھەسەت قىلىشتى.ئۇلار مۇھەممەد كىتاب ئوقۇغان ئادەمكەن دەپ قالدى.ھالبۇكى،ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولغىنى خەت بىلمەيدىغان بىرى بولۇپ چىقتى.ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇمانىنى بىچىت قىلغان ئىدى.
ھەتتاكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سوراۋەردى،ئېرىشكەن جاۋابلىرىدىن قانائەت ھاسىل قىلغانلىقتىن بەزىلەر خۇشھال بولسا،بەزىلەرنىڭ ئىچىدە ئوتلار كۆيەتتى.
بۇ كىشىلەر تا زامانىمىزغىچە يىتىپ كەلدى،ئۇلار ھېلىھەم ئۆزلىرىنى مەن ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا دەپ ئويلايتتى،لىكىن دەل،بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يولى بولغان توغرا يولنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا ئۇنىڭدىن بىزار بولاتتى،ھەم كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن توسۇشقا ئۇرۇناتتى،ھالبۇكى،كۈننى ئىتەك بىلەن ياپقىلى بولمايتتى.ئاللاھنىڭ نۇرى يەنىلا ئۆزى خالىغان بەندىسىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئىلىۋەردى.سۇبھاناللاھ...
توغرا يول كەلدى،خاتا يولمۇ يوقاپ كەتمىدى.توغرا يول بىلەن خاتا يول شەرىق غەرىبلەردە تىرىكىشىپ تۇردى.لىكىن،مۇھىمى شۇكى،ئاللاھنىڭ يولىنى ھەرگىزمۇ غەرىپچە شەرىقچە دىگىلى بولمايتتى،چۈنكى غەرپنىڭ شەرىقنىڭ خۇداسى ھەقىقەتەن بىر ئاللاھ ئىدى.شەرىقتە كۆپلىگەن مۆئمىنلەر بولغان بولسا،غەرىپتىمۇ مۆئمىنلەر ھەدەپ ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىۋاتاتتى.ئەلھەمدۇ لىللاھ!ئىھ ئۇلۇغ ئاللاھ،بارلىق مۆئمىنلەرگە رەھمەت قىلغايسەن ۋە ئۇلارنى جەننىتىڭگە باشلىغايسەن.بىزنى توغرا يولغا باشلىغايسەن،سىنىڭ غەزىپىڭگە دۇچار بولغان ياكى ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغايسەن،ئامىن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurrahman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-24 06:22 PM