مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 0102

خىرىستىئان خوشنا قىز   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2697
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2598 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇقادىر داموللام :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىز قىرىنداشلار ! مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددايىمنى ئەرىز قىلىش ئۈچۈن ھەربىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى .ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم.ئەپۇ قىلىشالا!ھالا بۈگۈن،ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم.مۇددىئا نىمە ؟دەپ سورالسا،شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى ،مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي-زىياپەتلەر ئىچىدە ،مەست-مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلا رازى ئەمەسمەن!چۈنكى مەدت-مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ،ۋەتەن ،مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر،ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر.خەلىق نادانلىق ،جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە .ھەممە ئىش كونا قېلىپ،كونا ئىزغا چۈشۈپ،يىڭىلىققا يول بەرمەي،ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا.ۋاقتىمىز،دەۋرىمىز،ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس.بۇ مىللى خارابەت،مىللى مۇنقەرزىلىكتىن بىشارەت بىرىدىغان خەۋىپلىك ھادىسە.ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋىپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن!بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى-مۇددەرىسلىرىمىز،داموللىلىرىمىز،ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋىپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما،قۇلىقىنى گاس قىلىپ ،قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن!شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى،ۋەتەن،مىللەتنىڭ غىمىنى يىيىش،خەلىقنىڭ بىشىنى ئوڭشاپ،بەخىت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ دەستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق،بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلىقنى نادانلىق،جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر.ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق،ئۇ چاغدا بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،خەلىق ئۈچۈن ،ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن!بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ ،مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!......بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چىكىپ ،ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز.نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟خەلىقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلىققا،جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق.خۇداغا شۈكرى،ئوقىغانغا يارىشا ،بىرىمىز قازى،بىرىمىز داموللا،بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ ،يۇرت-خەلىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق.ئەپسۇسكى بىز بۇ ئىززەت-ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋىلىپلا ،ئەسلىدىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ،نوقۇل ھالداھوزۇر-ھالاۋەت،راھەت-پاراغەتكا بىرىلىپ،مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق.يۇرت بولسا نادانلىق ،جاھالەتتە،خەلىقىمىز خار-مۇزەللەتتە قالدى.يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى،خەلقىمىزنىڭ ئىستىقپالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق.يۇت ۋە خەلىقىنىڭ غېمىنى قىلش،يۇرتنى تەرەقىياتقا،خەلىقنى ئىلىم-مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق.تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ،ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقنى ئىنكار قىلدۇق.بىز نىمە ئۈچۈن بۇقەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ،ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز!بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق ،چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟......نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك،مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا،مۆھۈر ھەققىگە ،نەزىر-چىراقتىكى سەدىقە-ئىھسانغا،ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا،شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا،ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ،تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكىۋالغانلىقىغا،ۋەتەن،مىللەتنىڭ،خەلىقنىڭ داد-پەريادى،نالە-پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي،كۆز يۇمۇپ گاس-ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ!قېنى نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ھازىرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ،قېنى؟.....بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ،تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز.بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ،ئاچ-يالاڭاچلىق ئازابىنى تارماقتا.بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدەمەئىشەت قىلىپ،توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز.ئۇنىڭ ھىسابىغا،كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە.ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ئۇلارنىڭ بىشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ياق ھېچنىمە قىلمىدۇق،بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق.شۇ سەۋەپتىن،يىتىم-يىسىر،تۇل خوتۇن،يىتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا.نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟مەكتەپلەر ئېچىپ،دارىلىتام-دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ،كوچىدا ئاچ-يالاڭاچ،خارۇ-زارلىقتا قالغان بالىلارنى،ئاجىز-مىسكىنلەرنىنىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ئۇلارنىڭ بېشىنى سيلاپ،غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى،خەلىقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق،خەلىقنى بەخىت-سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن،پۈتۈن ئىەشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق،قولغا كىرگەن تىللا-تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپ خاتىرجەم ياتساق،ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق،كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟ قېنى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ!....ئەپسۇسكى بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا.ئىنگىلىز-شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ،داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغرىلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقاك تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە،ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا.بىز بولساق ،بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز .ھە دىسە دەررە ئۇرۇپ،ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز،ئەل رايىنى چىكىندۈرمەكتىمىز.بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ھېلىمىۇ كەچ ئەمەس،پۇرسەت بار،ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت-نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!....ئىنگىلىز،شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس،مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار جاھانگىر،تاجاۋۇزچى،ئۇلار ئوغرى،بۇلاڭچى.باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن،ئاستا-ئاستاپېيىمىزنى قىرقىپ،بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان،گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ،بىزنى داقبورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر.بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت!ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ،ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرىۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر.ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ،ئۆز قولىمىز بىلەنقېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخۇرلاردۇر.ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر....
قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار!بىز ئەزەلدىن قابىل،باتۇر خەلىق ئىدۇق،تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر-بارىگاھ تىكىپ،سەلتەنەتلىك ئوردا-تەخىتلەرنى قۇرۇپ،دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى، بىزگە جاھالەت،نادانلىق،خۇراپاتلىق،ئىتىپاقسىزلىق،ھەسەتخورلۇق،مەنمەنلىك،شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى،شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا،خار-زەبۇنلىققا يۈزلەندۇق. ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار،ئويلاپ كۆرەيلى،مۇلاھىزە قىلايلى ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس،غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق،ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق،پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ،ئىستىقپالىمىزنى يورۇتىشقا،ۋەتەن ،مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز!!!!.........>>
قۇشۇمچە قىلىپ قويىدىغىنىم،بۇ تەخمىنەن 80 يىل ئاۋۋالقى مىللىتىمىز ھالىتىنىڭ ئەينەن ئىپادىلىنىشى،ئەمما ئۇنىڭدا سۆزلەنگەن داموللا بۇۋىمىز قاخشىغان ،سۆككەن باتىللىق ،نادانلىق،بىلمەسلىك نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە تۈگىمەيدۇ؟ئەجىبا داموللا بۇۋىمىز<ياتقان يېرى جەننىتى بولسۇن> بۇ سۆزلىرىنى ئىچى پۇشۇپ قىلىپ،ئاڭلاپلا قويۇشقا دىگەنمۇ؟نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەربىز ئېغىز ھەقىقەتلىرى بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگىمۇ ماس كىلىدۇ؟
   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdinish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 11:00 PM  


راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12545
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8463
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 811 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 12:47:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالغۇز

مىدىرلار ،سەرگى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13996
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8819
تۆھپە نۇمۇرى: 550
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2013-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 09:34:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەمىمىي تەكلىۋىڭلارغا رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83379
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3185
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2013-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 04:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85956
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 163
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 06:22:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ سەل توقۇلمىدەك تۇيۇلدى ، لىكىن ياخشى  مەزمۇندا ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3625
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2013-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 07:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشىڭ

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1013
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 915 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 07:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئازىراق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ مەزمۇننى كېڭەيتكەن بولسىڭىز ياخشى چىقاتتىكەنتۇق . تېمىڭىزنى تىزراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالدىراپ قاپسىز ..

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85724
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 08:15:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىشىنى ئۇقۇپ ئۇقۇغۇم كەلمىدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش