مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sutuk2012

ئىستانبۇلدىن روزا ھېيتلىق سوۋغا   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84152
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2012-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 12:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹نامازنى تولۇق ۋە ئەستايىدىل ئوقۇغان  بىر ئادەمدىن زىيان كەلمەيدۇ، ئائىلىسىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىدۇ،ھەقسىزلىق قىلمايدۇ.ھەركىم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىشلارنى خالايدۇ،ھىچكىمنى كەمسىتمەيدۇ، بوزەك قىلمايدۇ. بۇندان بىر ئىنسان پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى قەدىرلەيدۇ،مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشى كۆرگىنىنى ئاللاھمۇ ياخشى كۆرىدۇ.ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسى بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل بولغان بەندىدۇر.› نىمدىگەن ئىسىل سۆزلەر ھە!
بۇ ئەسەرنى ياقتۇرغانلىقىمدىن نەچچە قىتىم ئوقۇغۇنىمنى بىلمەيمەن.ھەر قىتىم كومپىيۇتىرنى ئاچساملا بىر قىتىم ئوقۇغۇم كىلىدۇ.ئالدىراش بولساممۇ بىرەر قىتىم ئوقۇپ قويىمەن.بولۇپمۇ يۇقارقى سۆزلەرنى ،ئەسەردىكى قىزنىڭ يىگىت بىلەن كۇرۇشكەن چاغدىكى سۆزلىرى مەڭا يادا بوپ كەتتى.مەنمۇ تويدىن بۇرۇن شۇ سۇئاللارنى ،ماڭا ئۆمۇرلۇك ھەمرا بولغۇچىدىن چوقۇم سورايمەن.ئەگەر كۆڭلۇمدىكىدەك جاۋاپقا ئىرىشەلمىسەم توي قىلىشىتىن ۋاز كىچىمەن.بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەن مۇشۇنداق خىيالغا كىلىپ قالدىم.
جەميىتىمىزدىكى توي قىلماقچى بولغان قىز لار ئۇ قىزدەك،يىگىتلەر ئۇ يىگىتتەك بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى ھە!
بەخىتنىڭ ئورنى قەلب،ھەگىزمۇ يانچۇق ئەمەس.مال دۇنيا دىڭىز سۇيىگە ئوخشايدۇ،قانچە كۆپ ئىچسەڭ،شۇنچىلىك ئۇسسايسەن!
مال-دۇنيا ،ھاۋايى ھەۋەسنى دەپ قۇرۇلغان ئائىلە،يەنە شۇنى دەپ ۋەيران بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئوخشاش ئىسىل ئەسەرلەرنى دائىم يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن.سۇيۇملۇك يۇرتىڭىز ئەزىزانە قەشقەردىن سىزگە سىغىنىپ سالام!
ئۇكام تىنىڭىز سالامەت،ئۇگۇنىشىڭىز نەتىجىلىك بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahfiret2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 01:05 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش