ئەسسالامۇئەلەيكۇم! سىلەرگىمۇ رەھمەت ئەزىز ئاكا-ئۇكا،ئاچا-سىڭىللىرىم،2005-يىلى كۈزدە مۇنبەرلەر بىلەن تونۇشقانىدىم،لىكىن ئىشراتىكم ئىزچىل بولالمىدى،ئاللاھ خالىسا ،ئەمدى ھاياتىم بويىچە سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن...
بۇ رەسىمدىكىسى، ئىستانبۇل 1453-يىلى 29- ماي كۈنى ئوسمانلى دۆلىتنىڭ 7-سۇلتانى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد (21 يىشىدىكى ۋاختىدا) تەرپىدىن فەتىھ بولغاندا ،خىرىستىئانلارنىڭ ھەرىمى بولغان ئايا سوفىيانى مەسجىدكە ئۆزگەرتكەن.شۇ مەسجىدنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشى،سۇلتان بۇنى مەسجىدكە ئۆزگەرتكەندىن كىيىن بىر ۋەقىفنامە يىزىپتىكەن،بۇ مەسجىد قىيامەتىچە مەسجىد پىتى قالىدۇ،بۇنى كىمكى ئۆزگەرتسە، ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنسا،ئاللاھنىڭ،پۈتۈن مۆمىنلەرنىڭ لەنىنى بولسۇن دەپ.لىكىن ناھايتتى ئەپسۇس 1934-يىلىدىن بىرى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بىرى مەسجىددىن مۇزىغا ئۆزگەرتىۋىتىلدى..،تاكى 1453-يىلىدىن 1934 يىلىغىچە فەتىھىيە جامەسى ئىسمى بىلەن مەسجىد بولغان بۇ تەۋەررۈكنى،ئاللاھغا شۈكرى بولسۇن يىقىدىن بىرى خەلق بۇ ئامانەتنىڭ قايتىدىن مەسجىد بولىشى ئۈچۈن تەلىپىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ،مىنىڭمۇ ئارزۇيۇم بۇ جامەنىڭ قايتا ئىچىلىشىنى،خەلق دىگەندەك ئاياسوفىياغا بىلەت ئىلىپ ئەمەس تاھارەت ئىلىپ كىرگۈم بار،شۇڭىمۇ ھازىرغىچە بۇ «مۇزى»غا كىرمىدىم.
ئاللاھ خالىسا سىلەرگە قولۇمدىن كىلىشىچە تاشقى دۇنيا توغۇرلۇق مەلۇمات بىرىپ تۇرىمەن.
ئاياسوفيانىڭ سۈرەتلىرى