دۇتتار ۋە ئۇيغۇر يىگىتى
ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمىن
«كىمكى ئۇقۇدى،ئۈگەندى،ئەمما ئەمەل قىلمىدى،ئۇنىڭ كىتاپ يۈكلىگەن ئىشەكتىن پەرقى يوق.
__گۈلىستاندىن »
«-جېنىم ئاكا،دۇتتارنى پۇل قۇشۇپ بەرسەڭمۇ ئالمايدۇ ئۇ گۇي، ئۇنىڭ دۇتتار خەلق ناخشىلىرى بىلەن قەتئىي خۇشى يوق؛ ئۇنىڭ ئاڭلايدىغىنى ھىندىستاننىڭ ۋوچچەللى، شارۇلخان.
-مۇشۇ تىل بىلمەي ناخشا ئاڭلايدىغانلارنى بىر يەرگە يىغىپ...، ئېغىزىمغا بىر گەپ كەلگەنتى.»
خالمۇرات ئۆمەر رول ئالغان «قىمار»ئىتوتىنى كۈرۈپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم؛
دىمىسىمۇ قىزلىرىمىزنىڭ تۇلىسى دۇتتار ناخشىلىرى بىلەن خۇشى يوق بۇلۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغىنى ھىندىستانچە، ئۆزبەكچىگە ئالماشتى. سەنەبەرتۇرسۇننىڭ ئۈنئالغۇ لىنتىسى ئورنىغا نادىرەنىڭ سىنئالغۇ لىنتىلىرى ئالقىشلىنىشقا، مۇقام ئانسامبىلى ئورنىغا شەھزاد مەلىكىلىرى قارشى ئېلىنىشقا باشلاندى؛ قىزلىرىمىز گەرچە «قۇي پىيالىگە چاينى»، «ئاق بوز ئاتىم»نى بىلمىسىمۇ «رومالىم»، «جاھان»نىڭ تىكىستلىرىنى ئاھاڭى بىلەن تۇلۇق ئېيتىپ بىرەلەيدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال «قاسىمجان»دەك غۇرۇر ئىگىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، مۇشتلىرىنى تۈگۈشكە سەۋەپچى بولماقتا،
قىزلىرىمىز دۇتتارنى چۆرۈپ تاشلاپ ھىندىستان مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاۋاتىدۇ، «قاسىمجان»نىڭ غۇرۇرى بۇنىڭغا چىدىيالماي، ئىچى ئەلەمدىن ئۆرتىنىۋاتىدۇ......
لېكىن مىنى ئاچچىق خىيالغا چۆكتۈرگىنى قىزلىرىمىزنىڭ چولپان ئالماشتۇرغىنى ئەمەس،بەلكى «قاسىمجان»نىڭ ھەسرەتلىك تەقدىرى.
ئايالى شاھرۇلخانغا ئاشىق،دۇتتار ناخشىلىرىغا ئۆچ.
لېكىن شۇ غۇرۇرلۇق يىگىت مىللەتنى، دۇتتارنى قىزغىن سۈيىدىغان «قاسىمجان»چۇ؟ ئۇنىڭ كىچە-كۈندۈز «يا دەمشى پىر» توۋلاپ تاۋكادا دەتتىكام ئېتىشى مىللىتىمىزنىڭ قايسى گۈزەل ئەخلاقىكىن؟ دۇتتار ناخشىسىدىن مۇڭلىنىپلا قۇيىدىغان، لېكىن ئانىسىنى بىرەر قېتىم يوقلاپ قۇيۇشنىڭ ئورنىغا «ياپىرىم»دەپ دەتتىكام ئاتىدىغان، بىرەر يۈز سومنى «خىراجەت قىلىڭ،ئانا»دەپ ئەۋەتىشنىڭ ئورنىغا ھاراق ئىچىپ تۈگىتىۋېتىدىغان «قاسىمخان»نىڭ غۇرۇرىغا گۇمانىم بار جۇمۇ؟
يالغۇز «قاسىمخان»لا ئەمەس، كۈندۈزى دەرسخانىدا مۇلايىم ئۇستاز، مىللەتنى قىزغىن سۈيىدىغان، ئۇيغۇر دىسە ياقا يىرتىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مىللەتپەرۋەر، لېكىن ئاخشىمى تاۋكادا مەرد، چوتوچى، قارام نوچىنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇستازلىرىمىزغا قاراپ ئۇلارنىڭ مىللەتنى سۈيىدىغانلىقىدىن شەكلەندىم!!
سەھنىگە چىقىۋېلىپ باشقىلارنى«ئاق چەكتىڭ دادەي ،كۆك ئىچتىڭ يارەي»دەپ سۈكۈپ،سەھنىدىن چۈشسە ئۆزى ئىچىپ- چىكىپ يۈرگەن ئەشۇ ئىسىل ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا نىمە دىگۈلۈك؟!!ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ھالى شۇ تۇرسا قىزلىرىمىز ئۇلارنىڭ ناخشىسى ياخشى بولسىمۇ، ھالىغا قاراپ ئاڭلىغۇسى كىلەتتىمۇ؟ ئىشىنىمەنكى ئۇلار «بولدىلا تىلنى بىلمىسەممۇ شاھرۇلخاننىڭكىنى ئاڭلاي»دەيدۇ.
بۇ بىر پاجىئە ھەم شۇنداقلا تىراگىدىيە.
بىزدە «ئۆزۈڭ قىلالمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما »دىگەن سۆز بار ئەمەسمۇ؟ ناخشا دىمەكلىك كىشى قەلبىگە ھۇزۇر بىرىدىغان، دىلنى يۇرىتىدىغان كۈي، دۇتتار ناخشىلىرى تېخىمۇ شۇنداق؛لېكىن «ئانام-ئانام»نى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئانىسىنى خارلاۋاتقانلار، دوستۇمنى ئەڭ ياخشى كۈرۈدىغان تۇرۇپ دوستىنى سېتىۋاتقانلار يوق ئەمەس(«قاسىمجان»نىڭ جانجىگەر ئاغىنىلىرىمۇ دۇتتارنى ياخشى كۈرىدىغان دۇتتارنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىغا ئامراق بولغىيدى؟!! لېكىن ئۇلارمۇ «يانچۇقۇم توم ،پۇلۇم جېق چاغدا ئاداش»نىڭ ئەينى بوپتۇغۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ئايالىدىن ۋە ئايالىنىڭ ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىدىن زارلاشقا نىمە ھەددى بار؟)
شۇنداق،ئۆزىمىز ئاڭلايمىز ،لېكىن ئەمەل قىلمايمىز،تىخى قىزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ،ئامراق ئەمەس،دەپ زارلايمىز؛بۇ قانداق مەنتىقە،قانداق كۆز قاراش؟بۇ قىزلىرىمىزغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك ،ئۇلارنىڭ ناخشا -مۇزىكىغا بۇلغان قىزغىنقىغا قىلىنغان ھاقارەت ئەمەسمۇ؟
ئۇيغۇر بولغان ئىكەنمىز ئاۋۋال ئۇيغۇرنىڭكىنى ئاڭلىشىمىز،ئۇيغۇرنىڭكىنى سۈيۈشىمىز كىرەك،لېكىن ئېغىزدا ئەمەس،ئەمەلىيەتتە سۈيۈش كىرەك؛
بۈگۈن دۇتتارنى مۇڭلىنپ ئاڭلاپ ، بىر ئۇخلاپ ئەتىسى ئويغانساق ئۆزىمىز بىلگەن بۇيىچە يۈرسەك ، بۇ مىللەتنى قانداق سۆيگەنلىك؟
ئۆزى دۇتتارغا ئامراق ، تۆت ھۇشۇققا تىخىمۇ ئاشىق بۇلۇپ تۇرۇپ ،قىزلىرىمىزدىن زارلاشقا يەنە نىمە ھەققىمىز بار؟؟!!
ئەلۋەتتە يوق،بۇ مىللەتنى سۆيگەنلىك ئەمەس،ئەكسىچە مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىق؛ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى سۆيگەنلىك ئەمەس، ئۇنىڭ نۇمۇسىنى تۆككەنلىك،ئۇيغۇرچالغۇلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق؛
بۇندىن كۆرە بىزمۇ قىزلىرىمىزدەك تىلنى بىلمەي ئاڭلىغىنىمىز ياخشى،بۇبىزنىڭ ناخشىنى ئاڭلاپ قۇيۇپ «ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا»دەپ يۈرگىنىمىزدىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟
ئەگەر بىز قىزلىرىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قايتا قوزغايمىزدىسەك ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك؛بىز باشقا مىللەت سەنئەتكارلىرىنى تىللاش ئارقىلىق ھېچ نەرسىگە ئىرىشەلمەيمىز؛
داۋاملىق شۇنداق قىلىش بىزنى پەقەت داۋاملىق تىراگىدىيە ئىچىدىن پاجىئە ،پاجىئە ئىچىدىن كومىدىيە چىقىرىشقا ئۈندەيدۇ خالاس؛
قېنى غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر يىگىتى ،ئۆز غۇرۇرىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز ئارقىلىق ئىپادىلەڭ؛
يول ئالدىڭىزدا ،تاللاش قولىڭىزدا!!!
ئەسكەرتىش :
ھۆرمەتلىك دوستلار ،يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى تىما ئىگىسىنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرى ، ئەگەر ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسا ئورتاقلىشىنى خالايمەن . ئەمما تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ياكى تىمىغا ئەمەس شەخىسكە قارىتىلغان ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىڭلارنى ،ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلشىڭلارنى سورايمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 09:39 AM