AxiKkUyI يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 02:10 PM
سىزنىڭ يازمىڭىزدىن قىمارۋازنىڭ قىمار ئوينايدىغانلىق ...
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ، مەن بۇ يازمىنى قايتا تەھلىل قىلمىساممۇ مەزمۇنى سىزگە ئايان . بۇ يەردىكى مەسىلە سىزنىڭ قانداق چۈشىنىشىڭىزدە .
مەنچە بولسا مەن يازمام ئارقىلىق جەمىئەتتىكى بىر قىسىم گىپى تولا ، ئىشى ئاز ، نېنى كىچىك ناۋايلارنى سۆزلىدىم ،ھەرگىزمۇ قىمارۋازلارنىڭ مىللەت ھەققىدە سۆز قىلىش ،دۇتتار ناخشىلىرىنى ئاڭلاش سالاھىيىتى يوق دىمىدىم . چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئەركىنىلىكى ، سەنئەتكە قىززىقىش ئىختىيارلىقى بار . ئارتىسلىرىمىزنىڭ «قىمار » ئىتوتىنى ئورۇنلاپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىشىمۇ دەل شۇنداق ئىللەتلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن.
ئەگەر سىز مىنى يەنىلا شۇنداق دەپسەن دىسىڭىز ئۇمۇ ئۆز ئىختىيارىڭىز . مىنى باشقا پىكىرىم يوق . سىزدىن مۇشۇنداق دىتىڭىزغا ياقمىغان تىمىنى يوللىغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن . شۇنداقلا سىزگە يارىغۇدەك تىما يوللاش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن .